بالىلارنى ئۆمۈر بويى نەپكە ئېرىشتۈرىدىغان ئالتە سىر 孩子一生带来利益的六个秘密 The child's life the benefit of six secret ئىشەنچ: ئۆزىگە ئىشىنىشنى چوقۇم ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئۆزىگە تولۇق ئىشىنىدىغان ئادەملا كىشىلىك ھاياتتىكى ھەر خىل سىناقلارغا جەڭ ئېلان قىلالايدۇ، ئاتا – ئانىلار ‹‹بالىدا قانداق يوشۇرۇن ئىقتىدارنىڭ بارلىقىنى كۆزىتىپ، ئاندىن شۇ دائىرىنى چىقىش قىلىپ يېتەكلىشى›› كېرەك. ھېسسىيات: ھېسسىيات بولمىسا، ھېچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ، لېكىن بالىنى ھېسسىياتلىق بولۇشقا زورلىغىلى بولمايدۇ، نۇرغۇن بالىدا تۇغما ھېسسىيات بولىدۇ، ئەمما بۇنداق ھېسسىياتنىڭ بالا بىلەن تەڭ يېتىلىشى ناتايىن، چۈنكى ئۇ ناھايىتى نازۇك بولۇپ، ئادەم كەمسىتىش، مەسخىرە ياكى يېڭىلىپ قېلىشقا ئۇچرىسا، ئاسانلا يوقىلىپ كېتىدۇ. ھېسداشلىق: بالىلار ئاسلاننىڭ ئۆلۈپ قالغانلىقىنى كۆرسە ياكى ئاڭلىسا، ئاغزىنى ئۈمچەيتىپ يىغلاپ كېتىدۇ، بالىلاردا جانلىقلارنىڭ ئازابىغا چىدىمايدىغان تۇغما ئالاھىدىلىك بولىدۇ، بۇنداق روھىي ھالەت ئۆمۈر بويى ساقلىنىپمۇ قالىدۇ ياكى مايسا ۋاقتىدىلا قۇرۇپمۇ كېتىدۇ. بۇ، بالىنىڭ دائىم ئاتا – ئانىسىنىڭ بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا ياردەم قىلغان – قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھۆرمەت قىلىش ۋە كەسىپنى قەدىرلەش روھى: ھۆرمەت قىلىش ۋە كەسىپنى قەدىرلەش روھى ئادەمدە كىچىكىدىن يېتىلىدۇ، سىز بالىنىڭ شۇنداق قىلىشىنى چوقۇم تەكرار تەلەپ قىلىپ تۇرسىڭىز بولىدۇ. مەڭگۈ ئۈمىدۋار بولۇش: بۇنداق خىسلەتنى ئادەم تازا ئېھتىياجلىق خىسلەت، دەپ قاراشقا بولىدۇ، ئۈمىدۋار ئادەم قاراڭغۇلۇقتىنمۇ يورۇقلۇقنى كۆرەلەيدۇ، ھەرقانداق خىرىسقا تاقابىل تۇرالايدۇ، ھەر قانداق قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيدۇ. تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|