ھىتلېر نېمە ئۈچۈن يەھۇدىلارغا ئۆچ
يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-25 04:40 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
ھىتلېر نېمە ئۈچۈن يەھۇدىلارغا ئۆچ؟ يەھۇدىيلارنىڭ قانداق مىللەت ئىكەنلىكى ھەم ئۇلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شۇنچە قىرغىنچىلىققا ۋە
ھىتلېر نېمە ئۈچۈن يەھۇدىلارغا ئۆچ؟
يەھۇدىيلارنىڭ قانداق مىللەت ئىكەنلىكى ھەم ئۇلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شۇنچە قىرغىنچىلىققا ۋە خورلۇققا ئۇچراپ تۇرسىمۇ يەنىلا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشى زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
يەھۇدىيلار زادى قانداق مىللەت؟
يەھۇدىيلارنىڭ دۇنيادىكى تارىخ ئىزلىرى ھەم ئۇلارنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئەقىل-پاراسىتىنىڭ سىرىغا ئائىت ماتېرىياللارنى كۆرسەكلا بۇ سۇئاللىرىمىزغا جاۋاب تاپالىشىمىز مۇمكىن.
بۈگۈن بىز بۇ يەردە يەھۇدىيلارنى بىلىشتىن ئاۋۋال، ھىتلېرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا يەھۇدىيلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشىنىڭ سىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتۈپ، كېيىنچە يەھۇدىيلار ئۈستىدە توختالساقمۇ ئۈلگۈرىدىغاندەك قىلىمىز.
ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشىنىڭ سەۋەبى - نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا تارىخشۇناسلارنىڭ تالاش - تارتىش قىلىدىغان تېمىسى بولۇپ كەلمەكتە.
بەزىلەر: «ھىتلېرنىڭ بوۋىسى يەھۇدىي بولۇشى مۇمكىن، ھىتلېرنىڭ دادىسى بوۋىسىنىڭ ئايال خىزمەتچىسىدىن تاپقان ھارامدىن بولغان بالىسى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھىتلېر چارەك يەھۇدىي قان سېستىمىسىغا كىرىدۇ. ھىتلېر ئۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن نەپرەتلەنگەچكە، يەھۇدىيلارغا نەپرەتلەنگەن» دەپ قارايدۇ.
يەنە بەزىلەر: «ھىتلېر ئىلگىرى سېرىق چاچ قىزغا كۆيۈپ قالغان، كېيىن ياش بىر يەھۇدىي بۇ قىزنى تارتىۋالغان، ھىتلېر شۇنىڭ ئۈچۈن يەھۇدىيلارغا نەپرەتلەنگەن» دېيىشىدۇ.
يەنە بەزىلەر: «ھىتلېرنىڭ ئىلگىرى يەھۇدىي پاھىشە ئايال بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان، ھىتلېر ئۇ ئايالدىن جىنسىي كېسەل يۇقتۇرۇۋېلىپ، بىر ئۆمۈر جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزەلمەيدىغان بولۇپ قالغان، شۇڭا ھىتلېر يەھۇدىيلارغا نەپرەتلىنىدۇ» دەپ قارايدۇ.
يەنە بەزىلەر: «ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشنىڭ سەۋەبى - ئۇنىڭدا ‹پىسخىلوگىيەلىك غەيرىي نورمال ھالەت›نىڭ ئېنىق بولمىغان خورلاش ۋە قىرغىن قىلىش ئىستىكى بولغانلىقىدىن» دەپ قارايدۇ.
يەنە بەزىلەر: «ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشى - بىر «جىنسىي كۈندەشلىك»تىن بولۇشى مۇمكىن» دەپ قارايدۇ.
چۈنكى ھىتلېرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» ناملىق كىتابىدا:
«نەچچە مىڭلىغان قىزلارنى يىرگىنچلىك ئىچ مايماق يەھۇدىي شالغۇتلىرى ئازدۇرۇپ يۈرىدۇ» دەپ يازغان.
ئۇلار: «بۇ ھىتلېرنىڭ بىر خىل «جىنسىي كۈندەشلىك» پسىخىكىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ» دەپ قارايدۇ.
بۇ توغرىلىق قاراشلار يۇقۇرقىلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. لېكىن كۆپىنچىسىنى ئۆز سۆزىنى يورغىلاتقان قاراشلار دېگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن گۇمانلىق تەرەپلىرى بار.
ئەگەر بىز ھىتلېرنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىدىغان بولساق، ئۇنىڭ يەھۇدىيلارنى ئۆچ كۆرۈشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى كۆرۈۋېلىشىمىز تەس ئەمەس.
ئۇنداق بولسا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ.
بىرىنچى:
دىنىي خاھىش ۋە ئىرىقچىلىق ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى ئىدىيىسىنىڭ ئاساسى.
ھىتلېر ۋىنادا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەندە، نۇرغۇن دىنىي كىتابلارنى ئوقۇغان.
ئۇ چىمبىرلىننىڭ: «ئىسا يەھۇدىي ئەمەس، يەھۇدىيلار ئىساغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدىينىڭ پۇشتى، شۇڭلاشقا يەھۇدىيلار گۇناھكار مىللەت» دېگەن سەپسەتىگە ئىشىنەتتى.
پۈتۈن دۇنيا خاراكتېرلىك يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشنىڭ سەۋەبلىرىمۇ كۆپىنچە مۇشۇنىڭدىن كېلىپ چىققان.
ھىتلېرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» ناملىق كىتابىدىكى يەھۇدىيلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەم ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلار ھەققىدە توختالغان مۇنۇ قۇرلىرىغا دىققەت قىلىڭ:
«بارلىق مەدىنىيەتلەر ئاق تەنلىكلەردىن باشلانغان»
«ئارىيانلار بولسا ئاق تەنلىكلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل ئىرق»
«يەھۇدىيلار باشتىن - ئاخىر باشقا مىللەتلەرنىڭ بەدىنىدىكى پارازىت قۇرۇتلار ... ئۇلار زىيانلىق تاياقچە باكتىرىيىگە ئوخشاش كېڭەيمەكتە، ئۇلار قەيەردە بولسا، شۇ يەردىكى كىشىلەر ھامان بىر كۈنى نابۇت بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يەھۇدىيلار ‹جەزمەن يەر شارىدىن يوقىلىشى كېرەك›»
«بارلىق ئورگانىك ھاياتلىقلارنىڭ ئەركىن رىقابىتىدە ئەلالىرى يېڭىپ، ناچارلىرى شاللىنىپ كېتىدۇ، ئاجىزلارنى كۈچلۈكلەر يەيدۇ، بۇ تەبىئەت پرىنسىپى ۋە پولاتتەك قانۇنىيەت»
«يەھۇدىيلار پەس مىللەت»
دېمەك، ھىتلېر «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دېگەن كىتابىدا سۈرلۈك تۈس ئالغان «ياشاش ماكانى نەزەرىيىسى» ۋە «ئىرقىي ئەۋزەللىك نەزەرىيىسى»نى زور كۈچ بىلەن تەرغىب قىلىپ، «يەھۇدىيلارغا، دىموكىراتىيىگە ۋە ماركسىزمغا بولغان قاتتىق ئۆچمەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. دەل مۇشۇ كىتابنىڭ ئىدىيىۋى يېتەكچىلىكىدە، گېرمانىيە ئۇرۇشپەرەسلىك ۋە يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىش يولىغان ماڭغان
ئەمدى بۇ كىتابنى نېمە ئۈچۈن باشقىلار ئەكسىيەتچىل كىتاب دېيىشىدۇ؟
مۇشۇنىڭ جاۋابىمۇ مېنىڭچە ناھايىتى ئاددىي.
تارىخچىلارنىڭ ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا: «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دېگەن كىتاب 1933 - يىلىدىن 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانغا قەدەر، ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىۋالغان.
بۇ كىتابنىڭ ھەر بىر خېتى 125 مىڭ ئادەمنىڭ؛
ھەر بىر بابى 1 مىليون 200 مىڭ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.
شۇڭلاشقا، ھىتلېرنىڭ بۇ كىتابىنى «ئەكسىيەتچىل كىتاب» دەپ ئاتىشىدۇ.
ئىككىنچى:
ماركسىزمغا قارشى تۇرۇش - ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشىدىكى سىياسىي سەۋەب
ماركىسىزمنىڭ سىنىپىي كۈرەش نەزەرىيىسى ئىرىقچىلىقنى تەلتۆكۈس ئىنكار قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ھىتلېر ماركىسىزمنى ‹دەھشەتلىك بالايىئاپەت› دەپ قارايدۇ.
ھىتلېر «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» ناملىق كىتابىدا:
«يەھۇدىيلار ماركسىزم تەلىماتىدىن پايدىلىنىپ، ‹گېرمانىيىنىڭ روھىي دۇنياسىنى زەھەرلىمەكتە›؛ ئۇلار مىللەتنى سىنىپقا ئايرىۋەتتى، ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيىلەرنى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن سىنىپىي كۈرەش بىلەن شۇغۇللاندى، ‹مىللىي ئىگىلىككە بۇزغۇنچىلىق سالدى ھەم ھەمكارلىق ئۇيۇشمىلىرى، بىلىم ساھەلىرىنى كونترول قىلىپ، ئىنتېرناتسىئونالىزمنى، تىنچلىقپەرەسلىكنى، ئىنسانپەرۋەرلىكنى تەشۋىق قىلدى› شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر ‹ماركسىزم تازىلانمىسا›، گېرمانىيە قايتىدىن باش كۆتۈرەلمەيدۇ» دەپ قارىغان.
«مېنىڭ كۈرەشلىرىم»دە يەنە مۇنداقمۇ يېزىلغان:
«يەھۇدىيلار كۈرىشىنىڭ ئاخىرقى نىشانى - ئىقتىسادىي جەھەتتە دۇنيانى قۇل قىلىپلا قالماي، سىياسىي جەھەتتىمۇ دۇنيانى قۇل قىلىشتىن ئىبارەت. يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ ماركسىزملىق نەزەرىيىسىگە تايىنىپ دۇنيانى، ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنى يەڭگەن ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ خان تاجى ئىنسانىيەت ھالاكىتىنىڭ كرېستى بولىدۇ»
ھىتلېر ئىككى نەرسىگە ئۆچ بولغان.
بىرى يەھۇدىي، يەنە بىرى، ماركسىزم.
ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككىسى بىرلىشىپ قالغان.
ماركىسىمۇ يەھۇدىي بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىنقىلابچىلىرىمۇ يەھۇدىي. سوۋېت ئىتتىپاقى بولشېۋىكلار پارتىيىسى ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت قۇرغاندا، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ رەھبەرلەر يەھۇدىي ئىدى. ئاشۇنداق خېلى نوپۇزلۇق ئورۇن ۋە كاتىۋاشلار ئىچىدە چوقۇم يەھۇدىي بار بولۇپ تۇرغانلىقى ئۈچۈنلا، ھىتلېر «ماركىسىزمنى يوقۇتۇشتىن ئاۋۋال يەھۇدىيلارنى يوقىتىش كېرەك! » دېگەن.
ئۈچىنچى:
ئىگىلىكنى«ئارىيانلاشتۇرۇش» ۋە ھەربىيلەشتۈرۈش ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشىنىڭ ئىقتىسادىي سەۋەبى بولغان
ئو توققۇزىنچى ئەسىردىن بۇيان، كاپىتالىستىك ئىگىلىكنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يەھۇدىي سودىگەرلىرى كاپىتالىزمنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالدى.
يەھۇدىيلار ياۋروپانىڭ ئاخبارات، داۋالاش، پۇل - مۇئامىلە، قانۇن ۋە مائارىپ ساھەسىنى دېگۈدەك مونوپول قىلىۋالغانىدى.
بۇنىڭ بىلەن شۇ ۋاقىتلاردا ناتسىست پارتىيىسىنى قوللايدىغان مونوپول بۇرژۇئازىيە يەھۇدىي سودىگەرلىرىگە ئىنتايىن نەپرەتلەنگەن، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلىمەكچى بولغان.
ھىتلېر ئۆزىنىڭ تەختكە چىقىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان بۇ ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ مەنپەئەتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، تەبىئىي ھالدا يەھۇدىيلارنى چەتكە قېقىش سىياسەتلىرىنى قوللانغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەھۇدىيلارنىڭ مال - مۈلكىنى زور دەرىجىدە تالان - تاراج قىلىپ، ئۆزىنىڭ پۈتۈن يەر شارىغا زومىگەر بولۇش ئۇرۇشى قىلىش قارا نىيىتى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ئاساس سالماقچى بولغان.
ھىتلېر «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» ناملىق كىتابىدا، يەھۇدىيلارنىڭ ‹گۇناھى›نى مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن:
«يەھۇدىيلار خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە كاپىتالىنى ئىگىلىۋالدى. ئۇلار - ‹قانخور يەھۇدىيلار› ۋە ‹سودا ئورۇنلىرىدىكى بۇلاڭچىلار›، ‹يەھۇدىيلار گېرمان ئىمپېرىيىسىنى تەلتۆكۈس گۇمران قىلىشقا ئەڭ زور قۇتراتقۇلۇق قىلغۇچىلار. گېرمانىيىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى پەيدا قىلغۇچىلار - دەل دۇنيادىكى يەھۇدىيلار»
يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ھىتلېر ئىقتىسادنى «ئارىيانلاشتۇرۇش» ھەرىكىتىنى قوزغاپ، يەھۇدىيلارنىڭ مال-مۈلكىنى زور دەرىجىدە تالان-تاراج قىلغان.
گېرمانىيىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان روتسچلىد، ۋېينماس مالىيە گۇرۇھىنىڭ مال - مۈلكىمۇ تالان-تاراج قىلىنىشتىن ئىبارەت «ئارىيانلاشتۇرۇش»نىڭ تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان.
پەقەت 1938 - يىلى 11 - ئايدىكى «خرۇستال كېچىسى»دە يەھۇدىيلار بىر مىليارد ماركتىن ئايرىلىپ قالغان. بۇ 1938 - يىللىق گېرمانىيە خام چوتىدىكى يىللىق مىللىي دارامەتنىڭ 82 دىن بىرىگە توغرا كەلگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ھىتلېر گېرمانىيىنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك دۆلەتلەردىن ئىسپانىيە، ۋېنگىرىيە، ئاۋستىرىيە، پولشا ۋە رۇمىنىيە قاتارلىقلارنىمۇ كونترول قىلىش ئۈچۈن، ياۋروپا بىرلىككە كەلگەن يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش فرونتىنى قۇرۇپ چىققان.
بۇ، ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشىنىڭ خەلقئارالىق سەۋەبى.
ئۇنىڭ قارىشىچە: يەھۇدىيلار گېرمانلارنىڭ رىقابەتچىسى، ياۋروپاغا ۋە پۈتۈن دۇنياغا زومىگەر بولۇش ئۈچۈن، يەھۇدىيلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن ھىتلېر پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەرەققىياتىدىكى ئەڭ چوڭ بىر مەيدان تىراگىدىيىسىگە رېژىسسورلۇق قىلغان.
مەنبەسى:ئورخۇندىن ساقلىۋالغان يازما تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|
------分隔线----------------------------