مۇھىم مەزمۇنى: چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا 1884-يىلى ئۆلكە تەسىس قىلغاندىن كېيىن، خارابلاشقان ئىگىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ شىنجاڭغا بولغان ئىدارە قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە، كانچىلىق ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھات مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ماقالىدە، ئاشۇ دەۋردە ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھاتنىڭ تۈرتكىسىدە شىنجاڭدا قۇرۇلغان بىر قىسىم كانچىلىق كارخانىلىرى بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرىلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۆلكە تەسىس قىلىش شىنجاڭ كانچىلىق كارخانىلىرى ئىسلاھات
چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا ئۆلكە تەسىس قىلغان (1884-يىل 1-ئاينىڭ 17-كۈنى) دىن كېيىن، خارابلاشقان ئىجتىمائىي ئىگىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭغا بولغان ئىدارە قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن بىر قاتار ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان. بۇنىڭ ئىچىدە، كانچىلىق ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھات ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرغان. بۇ جەھەتتە، چىڭ ھۆكۈمىتى بۇرۇنقى كان قېزىش ئىشلىرىنى نوقۇل ھاشار-سەيسىگە تاينىپلا ھەل قىلىش تۈزۈمىنى پەيدىنپەي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بىر تەرەپتىن، خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە مۇئەييەن مىقداردا باج-سېلىق تۆلەش ھېسابىغا كان ئاچسا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يەنە بىر تەرەپتىن، سودىگەرلەرنىڭ ھۆكۈمەت نازارىتى ئاستىدا ئۆز ئالدىغا كان ئېچىشىغا رۇخسەت قىلغان. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ كانچىلىق ئىشلىرى زور دەرىجىدە يۈكسىلىپ، بىر قاتار يېڭىچە كارخانىلار ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كەلگەن. تۆۋەندە، مۇشۇ دەۋردە شىنجاڭدا قۇرۇلغان بىر قىسىم كانچىلىق كارخانىلىرىنى بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
1. قارا شەھەر مىس كېنى چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى
بۇ شىركەت 1897 - يىلى ھۆكۈمەتنىڭ ئىككى مىڭ سەر ئالتۇن مەبلەغ سېلىشى بىلەن سىناق تەرىقىسىدە قۇرۇلغان بولۇپ، 1898- يىلى زىيان تارتىپ تاقىلىپ قالغان. 1906 - يىلغا كەلگەندە ئۆلكىلىك سودا ئىشلىرى باش ئىدارىسى 10مىڭ سەر ئالتۇن پاي توپلاپ، مەزكۇر كارخانىنى ھۆكۈمەت نازارەتچىلىك قىلىدىغان، سودىگەرلەر باشقۇرىدىغان شىركەتكە ئۆزگەرتمەكچى بولغان ھەمدە ھۆكۈمەت بىلەن سودىگەرلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا بەش مىڭ سەردىن ئالتۇن چىقىرىپ، ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنى بەرپا قىلغان. دەسلىپىدە شىركەتنى بىر كومىتېت ئىدارە قىلغان. سودىگەرلەرنىڭ پېيى تولۇق يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن بولسا، ھۆكۈمەت قوشقان پاي قايتۇرۇلۇپ، شىركەت يېڭىباشتىن سودىگەرلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا بېرىلگەن. بىراق چىقىم ھەددىدىن زىيادە كۆپىيىپ كەتكەچكە، شىركەت ئۇزاق ئۆتمەيلا يەنە تاقىلىپ قالغان.
2.چۆچەك ئالتۇن شىركىتى
بۇ شىركەت ئەسلىدە 1897- يىلى چۆچەكتىكى كونا ئالتۇن كېنى ئاساسىدا جۇڭگو - روسىيە شېرىكچىلىكىدە قۇرۇلغان بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ تەڭ مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. 1899 - يىلى روسىيە سودىگەرلىرى چىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن « چۆچەك ئالتۇن كان كېلىشىمى» نى ئىمزالاپ، 1900 - يىلغا كەلگەندە رەسمى تۈردە چۆچەك ئالتۇن كان شىركىتىنى تەسىس قىلغان، شىركەت مەبلىغى جەمئىي 140 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولغان. 1901- يىلى زاۋۇت ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ ئىش باشلىغان سەككىز ئاي ئىچىدە، 500 سەردىن ئارتۇق ساپ ئالتۇن قېزىپ چىققان. بىراق بۇ خىل ھالەت ئۇزاق داۋاملاشمايلا تېخنىكا سەۋىيىسىنىڭ نىسبەتەن تۆۋەن بولۇشى تۈپەيلىدىن، يېڭىدىن قېزىلغان كان قۇدۇقلىرى 20 دىن ئاشقان، چوڭقۇرلۇقى 2-3 يۈز جاڭ(ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى، بىر جاڭ 10 چىغا تەڭ) غا يەتكەن بولسىمۇ، پايدا دېگەندەك كۆپ بولمىغان. شۇڭا مەزكۇر شىركەت قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا زىيان تارتىشقا يۈزلىنىپ، ئەمەلىي زىيان 240مىڭ سەر ئالتۇنغا يەتكەن. نەتىجىدە، جۇڭگو - روسىيە ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا كېلىشىپ شىركەتنى تاقىۋەتكەن، زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرى بولسا جۇڭگو تەرەپكە سېتىپ بېرىلگەن. 1903 - يىلغا كەلگەندە، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش مۇپەتتىشى فەن شياۋسۇ ھۆكۈمەت مەبلىغىدىن 20 مىڭ سەر ئالتۇن چىقىرىپ، ئەسلىدىكى چۆچەك ئالتۇن كان شىركىتىنىڭ ئۈسكۈنىلىرى ئاساسىدا باۋشىن شىركىتىنى قۇرغان. 1904 - يىلى بۇ شىركەتمۇ 18 مىڭ سەر ئالتۇن زىيان تارتىپ تاقىلىپ قالغان. 1907-يىلى شىركەت يەنە چۆچەكتىكى بىر سودىگەرگە ھۆددىگە بېرىلگەن. زاۋۇت بىناسى ۋە زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرىمۇ ھۆددە ئالغۇچىغا ئىجارىگە بېرىلگەن. ئايلىق ئىجارە ھەققى 84 سەر كۈمۈش بولغان، لېكىن شىركەت يەنىلا ھېچقانداق پايدا كۆرسەتمەي ئوخشاشلا تاقىلىپ قالغان.
3. قەشقەر ئالتۇن كان شىركىتى
بۇ، ھۆكۈمەت بىلەن سودىگەرلەر بىرلىكتە مەبلەغ قوشقان، ھۆكۈمەت نازارەتچىلىك قىلىپ، سودىگەرلەر باشقۇرىدىغان شىركەت بولۇپ،1902 - يىلى تەسىس قىلىنغان. شىركەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، باۋلى، باۋدا، باۋ يۈەن ۋە باۋشىندىن ئىبارەت تۆت زاۋۇت قۇرۇلۇپ، مەخسۇس ئالتۇن قېزىش ۋە ئالتۇنلارنى ئېرىتىپ زىخچە ئالتۇن ياساش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە ئالتۇنلارنى بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا ئاپىرىپ سېتىپ زور پايدىغا ئېرىشكەن. ئالاقىدار ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، شىركەت قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئىشتىن توختىغىچە بولغان ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا جەمئىي 4770 سەر زىخچە ئالتۇن ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، ئەمەلىي پايدىسى 40 مىڭ سەر ئالتۇنغا يەتكەن. بىراق بۇ خىل ھالەت ئۇزاق داۋاملاشمايلا ئالتۇن باھاسىنىڭ تۇيۇقسىز چۈشۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن، شىركەت چىقىمنى قامدىيالماي ئامالسىزلىقتىن تىجارىتىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان.
4. فۇيۈەن شۈيشىگۇ تۆمۈرچىلىك زاۋۇتى
مەزكۇر زاۋۇت ئەسلىدە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قۇرلغان بولۇپ، 200 دەك ئىشچىسى ۋە ئەسكەرلەردىن قوبۇل قىلىنغان ئاز ساندىكى ۋاقىتلىق كۈنلۈكچىسى بولغان. زاۋۇت ئاساسلىقى دېھقانچىلىق سايمانلىرى ھەم قارا مىلتىق، ئوق، خەنجەر قاتارلىق قورال - ياراقلارنى ئىشلەپچىقارغان. كېيىن چەت ئەل تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنىڭ شىنجاڭ بازارلىرىنى قاپلاپ كېتىشى سەۋەبىدىن، زاۋۇتنى داۋاملىق تۈردە ئېچىش مۇمكىن بولمىغان. شۇڭا، 1906 - يىلى ھۆكۈمەت بۇ زاۋۇتنى شې جىشەن قاتارلىق سودىگەرلەرگە ھۆددىگە بەرگەن ھەمدە يېقىن ئەتراپتىكى بەش خاڭنىمۇ ئۇلارنىڭ ئېچىشىغا تاپشۇرغان. شې جىشەن قاتارلىقلار زاۋۇتتىكى كونا تۆمۈرلەردىن پايدىلىنىپ بىر قىسىم دېھقانچىلق قوراللىرىنى ياساپ ساتقان بولسىمۇ، لېكىن مەبلىغىنىڭ قىسقىلىقى تۈپەيلىدىن 1908 - يىلىغا كەلگەندە زاۋۇتنى تاقاشقا مەجبۇر بولغان.
5. شىخو مايتاغ نېفىت شىركىتى
بۇ شىركەت 1907 - يىلى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش مۇپەتتىشى ليەن كۇي تەرىپىدىن قۇرۇلغان. دەسلىپىدە ھۆكۈمەت مەھكىمىسى مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ، مايتاغدىن ئېلىنغان نېفىت ئەۋرىشكىسىنى روسىيىنىڭ زاۋۇتلىرىدا تەكشۈرتكەن ھەمدە نېفىت سۈپىتىنىڭ ناھىيىتى ياخشىلىقىنى كۆرۈپ، زاۋۇت قۇرۇشنى رەسمىي قارار قىلغان. زاۋۇت ئۈسكۈنىلىرى بولسا روسىيىدىن سېتىۋىلىنغان. ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرىدىغان تېخنىك خادىملارمۇ روسىيىدىن تەكلىپ قىلنغان. بىراق تېخنىكلارنىڭ مايتاغنىڭ گىئولوگىيىلىك قۇرۇلمىسىغا بولغان تونۇشىنىڭ يېتەرسىزلىكى، قۇدۇق بۇرغىلاش تېخنىكىسىنىڭ تۆۋەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە روسىيىنىڭ جىڭى 2-3 يارماققىمۇ يەتمەيدىغان ئەرزان باھالىق نېفىتىنىڭ شىنجاڭ بازارلىرىنى قاپلاپ كېتىشى سەۋەبىدىن، مەزكۇر شىركەت روسىيە كارخانىلىرى بىلەن رىقابەتلىشىشكە ئامالسىز قالغان. شۇڭا، شىركەت رەسمىي ئىش باشلىماي تۇرۇپلا تاقىلىپ قالغان.
6. كۇچا مىس زاۋۇتى
بۇ زاۋۇت 1915-يىلى ماشاۋۋۇنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن يەتتە پېچى بولغان بۇرۇنقى مىس زاۋۇتى ئاساسىدا قۇرۇلغان. زاۋۇت مەبلىغى جەمئىي 10 مىڭ سەر كۈمۈش بولۇپ، بۇنى ھۆكۈمەت بىلەن سودىگەرلەر تەڭ چىقارغان. زاۋۇت كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100 جىڭدىن مىس ئىشلەپچىقارغان. لېكىن مەھسۇلات مىقدارىنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلىدىن، زاۋۇت ئۇزاق ئۆتمەيلا تاقىلىپ قالغان. 1922 - يىلى يىڭجاڭ ياڭ چىڭمىڭ ئەسكەر ئەۋەتىپ مەزكۇر زاۋۇتنى قايتىدىن قۇرۇپ چىققان بولسىمۇ، بىراق ئۈنۈمى دېگەندەك ياخشى بولماي ئوخشاشلا تاقىلىپ قالغان.
7. ۋاڭجياگۇ نېفىت ئايرىش زاۋۇتى
بۇ زاۋۇت 1921 - يىلى فەن زۇخۇەن تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، مەبلىغى 38 مىڭ سەر ئۆلكە تېزىسى بولغان. زاۋۇتتا روسىيىلىك بىر ئىنژېنىر، بىر تېخنىك ۋە ئون نەچچە ئىشچى بولغان. زاۋۇتنىڭ يەنە زاۋۇت بىناسى، ياتىقى، پار قازىنى ۋە باشقا تۇرمۇش ھەم ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى بولغان بولۇپ، كۈنىگە 100 جىڭ ئەتراپىدا نېفىت ئىشلەپچىقارغان. زاۋۇت كىرسىن، مازۇت ( ئېغىر ماي)، سىلىقلىتىش مېيى، ئاياغ مېيى قاتارلىقلارنىمۇ ئىشلەپچىقىرىپ خېلى كۆپ پايدىغا ئېرىشكەن. ئەينى چاغدا بازارلاردا كىرسىن ناھايىتى كەمچىل بولغاچقا، ئادەتتە بىر جىڭ كىرسىننى يەتتە يارماققا ساتقىلى بولغان. لېكىن ئىش باشلىنىپ ئىككى يىلدىن كېيىن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جىڭى ئۈچ يارماق ئەتراپىدا بولغان ئەرزان باھالىق نېفىتىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشى بىلەن، مەزكۇر زاۋۇت رىقابەتكە بەرداشلىق بېرەلمەي ئاخىرى تاقىلىپ قالغان.
8. ئالتاي ئالتۇن كان ئىدارىسى
بۇ ئىدارە 1935 - يىلى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قۇرۇلغان. ئىدارە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق مۇتەخەسسىسلەرنى مەسلىھەتچىلىككە تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئالتۇن قېزىشقا كېرەكلىك ماشىنا - ئۈسكۈنلىرى ئارقىلىق زاۋۇت قۇرغان ھەمدە نۇرغۇن ئىشچىلارنى ياللاپ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى يىلمۇيىل كېڭەيتىپ بارغان. مەزكۇر ئىدارە دەسلەپتە قازاق چارۋىچىلىرىنى ئىشچىلىققا ياللىغان بولۇپ، كېيىن ئىشچىلارنىڭ يېتىشمەسلىكى تۈپەيلىدىن، جەنۇبىي شىنجاڭدىن يەنە100 دىن ئارتۇق دېھقاننى ئىشچىلىققا قوبۇل قىلغان. ئىدارە ھەر يىلى باھار پەسلىدە ئىشچىلارغا ئەرزان باھادا ئاشلىق، كىيىم- كېچەك ۋە ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرنى قەرزگە بېرىپ، كۈزگە كەلگەندە ئالتۇنغا سۇندۇرۇپ قايتۇرۇۋالغان. 1937 - يىلى ئىدارە 1500 سەر ئالتۇن قازغان. ئىدارىدە رەسمىي ئىشچىلاردىن سىرت، يەنە شەخسىي كان قازغۇچىلارمۇ خېلى كۆپ بولغان. ئالاقىدار خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، 1936- يىلدىكى شەخسىي كان قازغۇچىلارنىڭ سانى 40تۈتۈن بولغان بولۇپ، 1937- يىلغا كەلگەندە كۆپىيىپ 102 تۈتۈنگە يەتكەن. 1939 - يىلى ئىدارىدىكى ئىشچىلارنىڭ سانى 3000 دىن ئېشىپ كەتكەن. 1935 -يىلدىن 1943- يىلغىچە بولغان سەككىز يىل ۋاقىت ئىچىدە ئىدارىنىڭ باج ئارقىلىق ئېرىشكەن ھەم ئۆزى قازغان ئالتۇنلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 50-60 مىڭ سەرگە يېتىپ، ئالتۇن قازغۇچىلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغاندا، ئون مىڭ كىشىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت يەنە ئىلى، چۆچەك، ئۈرۈمچى، جىڭ، خوتەن، كېرىيە قاتارلىق جايلاردىمۇ ئالتۇن كان ئىدارىلىرىنى ياكى ئالتۇن كان ئىدارىسىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىپ، مەخسۇس ئالتۇن قېزىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. مەسىلەن، خوتەن ئالتۇن كان ئىدارىسىگە تەۋە بولغان كېرىيە، چەرچەندىن ئىبارەت ئىككى كان رايونىدا ئالتۇن كېنىنى ئەمەلدارلارغا ھۆددىگە بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ھەر يىلى 3750 سەردىن كېپەك ئالتۇن قازغان. بۇ ھال، شېڭ شىسەي ھاكىميىتىنى زور پايدىغا ئىگە قىلغان.
9. مايتاغ نېفىت زاۋۇتى
بۇ زاۋۇت 1936 - يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قۇرۇلغان. 1939 - يىلى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش مەقسىتىدە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن بىر يۈرۈش نېفىت ئايرىش ۋە نېفىت بۇرغىلاش ئۈسكۈنلىرىنى سېتىۋالغان ھەمدە سوۋېت تەرەپ بىلەن ئۆز ئارا سودا كېلشىمى ئىمزالاپ، 100 دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس ھەم ئىنژېنىر - تېخنىكلارنى مەزكۇر زاۋۇتقا تەكلىپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن زاۋۇت ئەمەلىيەتتە رۇسلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنىپ، ئىشلەپچىقارغان نېفىتنىڭ بىر قىسمى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە تەۋە بولسا، يەنە بىر قىسمى سوۋېت ئىتتىپاقىغا توشۇلغان. زاۋۇتتا ماشىنا ئۈسكۈنىلىرى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەچكە، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئاشقان. زاۋۇت ئادەتتە كۈنىگە 150 توننىدىن خام نېفىتنى بىرتەرەپ قىلغان. زاۋۇت مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە، بېنزىن ۋە كىرسىننىڭ ئىگىلىگەن مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %20 بولغان. لېكىن 1942- يىلغا كەلگەندە، شېڭ شىسەينىڭ « سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دوست بولۇش، كومپارتىيە بىلەن ھەمكارلىشىش» ساختا نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئاشكارا ھالدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا، كومپارتىيىگە ھەم خەلققە قارشى تۇرۇپ گومىنداڭنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىشى بىلەن، سوۋېت تەرەپ شىنجاڭدىكى بارلىق مۇتەخەسسىسلىرىنى قايتۇرۇپ كەتكەن ھەمدە 1943-يىل 5- ئايدا مايتاغ نېفىت زاۋۇتىدىكى بارلىق ئۈسكۈنىلىرىنىمۇ توشۇپ كەتكەن. شىنجاڭدا گومىنداڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقى تىكلەنگەندىن كېيىن، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە سوۋېت تەرەپ بىلەن قايتىدىن سودا كېلشىمى ئىمزالاپ، 1944- يىل 2- ئاينىڭ 16- كۈنى مەزكۇر زاۋۇتنىڭ بارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنلىرىنى بىر مىليۇن 700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋالغان. بىراق بۇ ۋاقىتتا، زاۋۇتنىڭ %70 ئۈسكۈنىسى چۇگۇكلۇق ھالەتتە بولغاچقا، دەرھال قوراشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش ناھايىتى تەس بولغان. شۇ ۋەجىدىن، مەزكۇر زاۋۇت نائىلاج تاقىلىپ قالغان.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شىركەت ۋە زاۋۇتلار شىنجاڭ ئۆلكە قىلىپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن قۇرۇلغان ئاساسلىق كانچىلىق كارخانىلىرى ئىدى. بۇ كارخانىلار شىنجاڭنىڭ يېقىنىقى زاماندىكى سانائىتىنىڭ تەرەققىياتى، تاۋار ئىشلەپچىقىرىش ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ گۈللىنىشى، شۇنداقلا شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشىدە زور رول ئوينىغان بولسىمۇ، لېكىن ئېرىشىشكە تېگىشلىك تەرەققىياتقا ئېرىشەلمەي، قىسقا مۇددەت ئىچىدە تاقىلىپ قالغان. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر تۆۋەندىكىدەك:
بىرىنچى، بۇ كانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ مەبلىغى كەم، ئۈسكۈنىلىرى ئاددىي ئىدى. يۇقىرىقى كارخانىلار ئىچىدە، مەبلىغى نىسبەتەن كۆپرەك بولغىنى جۇڭگو – چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى چۆچەك ئالتۇن كان شىركىتى بولۇپ، 140 مىڭ يۈەن (تەخمىنەن 100 مىڭ سەر كۈمۈشكە تەڭ) مەبلەغكە ئىگە ئىدى. بۇنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە قۇرۇلغان ئوخشاش تۈردىكى كارخانىلارغا سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى ئاز ئىدى. مەسىلەن، 1888 -يىلى لى خۇڭجاڭ تەرىپىدىن قۇرۇلغان موخې ئالتۇن كېنىنىڭ مەبلىقى 200 مىڭ سەر كۈمۈش بولغان. باشقا شىركەت، زاۋۇتلارنى تىلغا ئالساقمۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ مەبلىغى 10 مىڭ سەر كۈمۈش، يەنە بەزىلىرىنىڭ مەبلىغى پەقەت نەچچە مىڭ سەر كۈمۈشلا بولغان. بۇ يەردىكى مۇھىم بىر سەۋەب شۇكى، بۇ كارخانىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك فېئودال بيۇروكراتلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان بولۇپ، پاي قوشقان سودىگەرلەر ئاساسەن ھوقۇقسىز ئورۇندا تۇرغان. فېئودال بيۇروكراتلار گەرچە كارخانىلارغا مەبلەغ سالغان بولسىمۇ، ئۇلار ئىشلەپچىقىرىش ھەم ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىشلىرى بىلەن كارى بولماي، پەقەت ئارىلىقتىن نەپ ئېلىشنىلا كۆزلىگەن. شۇڭا پاي قوشقان كۆپچىلىك سودىگەرلەرنىڭ كارخانىلاردىن ئالىدىغان پايدىسى ناھايىتى ئاز بولغان. ھەتتا بەزىدە ئۇلارنىڭ قوشقان پېيىمۇ ھېچقانداق كاپالەتكە ئىگە بولالمىغان. دەرۋەقە، سودىگەرلەر كانچىلىق ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشنى خەتەرلىك دەپ قارىغاچقا، نۇرغۇن كانچىلىق كارخانىلىرى مەبلەغنىڭ قىسلىقىدىن يېڭى ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىشقا ئامالسىز قالغان. بۇنداق ئەھۋالدا، ئاددىي ھەم كونا ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ تەننەرخى يۇقىرى بولغان ھەمدە يېتەرلىك رىقابەت كۈچىگىمۇ ئىگە بولالماي ئاخىرى تاقىلىشقا مەجبۇر بولغان.
ئىككىنچى، باشقۇرۇشى ناچار، تەجرىبىسى كەمچىل ئىدى. باشقۇرۇشنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى ۋە تەجرىبىنىڭ نىسبەتەن كەمچىل بولۇشى، يۇقىرىقى كارخانلارنىڭ تېزلا تاقىلىپ قېلشىدىكى يەنە بىر سەۋەب ئىدى. مەسلەن، چۆچەك ئالتۇن كان شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا كان تېخنىكلىرىنىڭ سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن، 20 ئورۇندا كان ئاچقان، كانلارنىڭ چوڭقۇرلۇقى 2-3 يۈز جاڭغا يەتكەن بولسىمۇ، ھېچنىمىگە ئېرىشەلمىگەن. بۇ ھال، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە مالىيە كۈچىنىڭ زور دەرىجىدە ئىسراپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقۇرۇشتىكى چىرىكلىكمۇ كارخانىلارنىڭ ئۆمرىنىڭ قىسقا بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان. شۇڭا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كارخانىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىر يىل مەۋجۇد بولۇپ تۇرالىغان، ھەتتا بەزىلىرى ئىش باشلىماي تۇرۇپلا تاقىلىپ قالغان.
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
1. سۇڭ لىڭ قاتارلىقلار تۈزگەن « شىنجاڭنىڭ يىقىنقى زامان ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىياتى»، شىنجاڭ پەن - تېخنىكا سەھىيە نەشرىياتى 1993-يىل نەشرى.
2. كۇاڭ خاۋلىن: « جۇڭگو يېقىنقى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىساد تارىخى»، مىللەتلەر نەشرىياتى 1992 - يىل نەشرى.
3. « ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1990- يىل نەشرى.
4. ۋېي يۇڭلى قاتارلىقلار تۈزگەن « جۇڭگونىڭ يىقىنقى زاماندىكى غەربىي شىمالنى ئېچىش تارىخى»، گەنسۇ خەلق نەشرىياتى 1996- يىل نەشرى.
5. « شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى» 2- قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1992-يىل نەشرى.