تارىم دەرياسى تارىم دەرياسىنىڭ ئومومىي ئۇزۇنلۇقى 2179 كىلومېتىر (بۇنىڭ ئىچىدە غول ئېقىننىڭ ئۇزۇنلۇقى 1321 كىلومېتىر) بولۇپ، زەرەپشان دەرياسى، خوتەن دەرياسى، قەشقەر دەرياسى، ئاقسۇ دەرياسىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان، دەريا سۈيى مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىشىدىن ھاسىل بولغاچقا تەركىبىدىكى قۇمنىڭ مىقتارى يۇقۇرى، شۇڭا دەريا قېنى مۇقىم ئەمەس. تارىم دەرياسى مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى ھىساپلىنىدۇ، تارىم دوريا ۋادىسى تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن 114 ئېقىنى ۋە تارىم غول ئېقىنى ۋادىسىنى كۆرسىتىدۇ، ئومومىي كۆلىمى 1مىليون 20 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ۋادىنىڭ كۆپ يىللىق ئوتتۇرچە تەبىئىي ئېقىن مىقتارى 39 مىليارد 830 مىڭ كۇپ مېتىر ئەتراپىدا. دەريا سۇيىنىڭ مەنبەسى قار - مۇزدىن ئېرىگەن سۇنى ئاساس قىلىدۇ. مەنبە:مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|