باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەرتىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

ئېلىمىز پەن-تېخنىكا ساھەسىدە زور نەتىجىلەر قولغا ك

يوللانغان ۋاقتى: 2012-01-05 17:03 مەنبەسى: ئۇيغۇر رادىئو تور ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئېلىمىزنىڭ «سۇ ئەجدىھاسى» ناملىق ئادەملىك سۇ ئاستى كېمىسى يەنە بىر قېتىم سىرلىق دېڭىز ئاسىتىغا 5188 مېتىر شۇڭغۇپ، جۇڭگو ئادەملىك سۇ ئ
تەلەي +1

2011-يىلى ئېلىمىز پەن-تېخنىكا ساھەسىدە زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

 2011-يىلى ئېلىمىزنىڭ «12-بەش يىللىق پەن-تېخنىكا تەرەققىيات پىلانى» رەسمىي يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى شۇنداقلا جۇڭگو پەن-تېخنىكىسىدا مول ھوسۇل ئېلىنغان بىر يىل.
  7-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئېلىمىزنىڭ «سۇ ئەجدىھاسى» ناملىق ئادەملىك سۇ ئاستى كېمىسى يەنە بىر قېتىم سىرلىق دېڭىز ئاسىتىغا 5188 مېتىر شۇڭغۇپ، جۇڭگو ئادەملىك سۇ ئاسىتى كېمىسىنىڭ سۇغا چۆكۈش تارىخىدا يېڭى رىكورت يارىتىلدى. 11-ئاينىڭ 3-كۈنى سەھەر 1 دىن 36 مىنۇت ئۆتكەندە، يەر شارىغا 343 كىلومېتىر كېلىدىغان ئالەم بوشلۇقىدا «ساماۋى ئوردا 1-»ناملىق نىشانلىق ئۇچقۇ «خاسىيەتلىك كېمە 8-» نومۇرلۇق ئادەمسىز ئۇچقۇ بىلەن ئۇلاندى، بۇنىڭ بىلەن 10 نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا جۇڭگونىڭ ئالەم ئىشلىرى كۈرىشىدىكى 40 نەچچە يىللىقى ئارزۇسى رىياللىققا ئايلاندى.
  2011-يىلى، دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى پەۋقۇلادە زور مەخسۇس تۈرلىرى جىددى يولغا قويۇلدى؛ دەرىجىدىن تاشقىرى ئېلىكتىرونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسىغا جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئۆزەك سەپلەندى؛ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈرىدە B تىپلىق جىگەر كېسىلىنىڭ يۇقۇش نىسبىتى %9 دىن %7 گە تۆۋەنلىتىلدى؛ توپلاشتۇرۇلغان توك يولى بويىچە يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق زاپچاسلىرى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى؛ مەملىكەت بويىچە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى سۈپەتلىك ئۇرۇقىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى %95 يەتتى، ئاشلىقتىن ئۇدا سەككىز يىل مول ھوسۇل ئېلىندى، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %52 يەتتى. 

 2011-يىلى، نوپوس ساغلاملىقى، جامائەت بىخەتەرلىكى، ئېلىكتىرون ئۇچۇر قاتارلىق ساھەلەر بويىچە تەتقىقات، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە نەتىجىلەر نامايەن قىلىنىپ، پەن-تېخنىكا ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى. خەيشىن شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېۋىزورنىڭ ئىكرانىغا بارماق چەكسىلا ئاۋاز، ۋىدىيو، سۈرەتلەر كىشلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولىدىغان بولدى. 

 ئەمالار تىڭشىغۇچنى تاقىغان، ئاساسىي كومپىيوتىر مەشغۇلات قائىدىسىنى ئىگەللىگەن بولسىلا توردىكى مەزمۇنلارنى ئاڭلىيالايدىغان بولدى.
  2011-يىلى، چوڭ-كىچىك شەھەرلەردە يېڭى ئېنىرگىيىلىك ئاپتوموبىل ئىشلەتكەنلەر 14 مىڭدىن ئاشتى؛ 1 مىليون 600 مىڭ LYD ئېنىرگىيە تىجەش لامپۇچكىسى ئائىلىلەردە ئىشلىتىلدى. زامانىۋى پەن-تېخنىكا كىشلەر تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىپ تۈرلۈك ئۆزگۈرۈشلەرنى ئېلىپ كەلدى. تۇرمۇشىمىزدىن زىچ ئورۇن ئالغان پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى ئاۋام پۇقرالارنى ھەقىقىي نەپكە ئىگە قىلدى.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئوماق قوزام] بۇلاردەك ئوماقلارنى كۆرگەنمۇ؟ [ 2012-01-05 17:14:22 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] ئېلىمىز پەن-تېخنىكا ساھەسىدە زور نەتىجىلەر قولغا ك [ 2012-01-05 17:03:13 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى [ 2012-01-05 17:00:18 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] دۇنيا سودا تەشكىلاتى [ 2012-01-05 16:56:30 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى [ 2012-01-05 16:43:49 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] تۆمۈر داۋامەت [ 2012-01-05 16:39:47 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئىسمايىل تىلىۋالدى [ 2012-01-05 16:36:23 ]
[تارىخى بىلىملەر] «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى» دېگەن نامنىڭ كېلىپ [ 2012-01-05 16:34:36 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] ھەرخىل لىفتلار [ 2012-01-05 16:32:51 ]
[قانۇن تۇزۇم] تىرىك بوۋاقنىڭ ئۆلۈك بوۋاققا ئايلىنىپ قېلىش ۋەقەس [ 2011-12-05 13:44:21 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر