باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەرتىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

بىر مېنۇت قاقلىسا ئىككى ھەپتىگىچە يورۇيدىغان ماتې

يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-07 11:40 مەنبەسى: تەڭرىتاغ تورى ئاپتورى: مەمەت مۇسا كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئامېرىكا گىئورگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بىر خىل يېڭى ماتېرىيال كەشىپ قىلغان بولۇپ، ئۇ ئاپتاپتا بىر مىنۇت قاقلانغاندىن كېيىن

ئاپتاپتا بىر مېنۇت قاقلىسا ئىككى ھەپتىگىچە يورۇيدىغان

 

 ماتېرىيال بايقالدى

   

    ئامېرىكا گىئورگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بىر خىل يېڭى ماتېرىيال كەشىپ قىلغان بولۇپ، ئۇ ئاپتاپتا بىر مىنۇت قاقلانغاندىن كېيىن قاراڭغۇدا ئۇدا ئىككى ھەپتىدىن ئارتۇق ۋاقىت يېقىن ئارىلىق ئىنفرا قىزىل نۇر تارقىتالايدىكەن.

    تەتقىقاتچىلار: بۇ كەشپىيات تىببىي دىئاگنوز قويۇشتا بىر ئىنقىلاب قوزغىيالايدۇ، دېگەن. مەسىلەن، بۇ ماتېرىيال بىلەن ناموزەرىچە بىرلەشتۈرۈلۈپ راك ھۈجەيرىسىگە چاپلاشتۇرۇپ قويسا، بەدەندىكى راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆچىشىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. بۇ يەنە ھەربىيلەر ئۈچۈن «مەخپىي» يورۇتۇش مەنبەسى بولالايدىكەن، چۈنكى ئۇنىڭ نۇرىنى پەقەت ئالاھىدە كېچىلىك كۆرۈش قۇرۇلمىسى بىلەنلا كۆرگىلى بولىدىكەن.

    مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ماقالە ئەنگىلىيە «تەبىئەت . ماتېرىيال» ژورنىلىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان.

    بۇ تەتقىقاتنىڭ مەسئۇلى پەن جېڭۋېينىڭ چۈشەندۈرىشىچە، بۇ خىل ماتېرىيال ئاپتاپتا بىر مىنۇت قاقلانسىلا 360 سائەتلىك يېقىن ئارىلىق ئىنفرا قىزىل نۇرى تارقىتالايدىكەن. تەتقىقاتچىلار ئەڭ بۇرۇن ئۈچ ۋالېنتلىق خروم ئىئونىنى تەتقىق قىلغان، بۇ خىل ماددا داڭلىق يېقىن ئارىلىق ئىنفرا قىزىل نۇر تارقاتقۇچ مەنبەسى. بۇ ماددىنىڭ نۇر تارقىتىش ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا بولۇپ ئاران بىر قانچە دەقىقىلا (مىللىسېكۇنت) داۋاملىشىدىكەن. ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا تەتقىقاتچىلار سىنك ماترىتساسى بىلەن گاللىي گېرمانات ئارقىلىق ئۇزۇن مۇددەت ئېنېرگىيە ساقلىيالايدىغان «قاپقان ئوردىسى» شەكىللەندۈرگەن، ئۇ چىقارغان يېقىن ئارىلىق ئىنفرا قىزىل نۇر ئىككى ھەپتىگىچە داۋاملىشىدىكەن.

    ئالىملار يېڭى ماتېرىيالنى ئوخشىمىغان شارائىتتا سىناق قىلىپ بۇ فوسفور نۇرلۇق ماددىنىڭ ئاپتاپقا بىۋاستە قاقلىمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى، بۇلۇتلۇق، ھەتتا يامغۇرلۇق ھاۋارايىدىمۇ «زەرەتلىنىدىغان» (توك قاچىلىنىدىغان) لىقىنى ئىسپاتلىغان.

    پەن جېڭۋېي بۇ خىل ماتېرىيال ھەربىي ياكى بىخەتەرلىك سىستېمىلىرىنى پەرق ئېتىش ئىشلىرىغا ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن، چۈنكى ئۇ كېچىدە ئادەم ياكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن، پەقەت ئالاھىدە كېچىلىك كۆزئەينەك تاقىۋالسىلا ئۇ چىقارغان نۇرنى كۆرگىلى بولىدىكەن.

تەھىرلىگۇچى:admin

مەمەت مۇسانىڭ باشقا تېمىلىرى:


[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كۆز ئارقىلىق كونترول قىلىدىغان يانفون تەتقىق قىلم [ 2011-12-07 11:47:45 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] چوڭ مېڭىگە مۇناسىۋەتلىك ئون چوڭ ئاجايىپ ئىش [ 2011-12-07 11:46:05 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] مەملىكەتلىك مېدېتسىنا مائارىپى ئىسلاھاتى خىزمىتى [ 2011-12-07 11:45:04 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] كەسىپ تەسىس قىلىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش [ 2011-12-07 11:44:12 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ چىشى پاكىز ھەم ساغلام ب [ 2011-12-07 11:42:59 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئېلىمىزدىن تېپىلغان شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ئال [ 2011-12-07 11:41:29 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] بىر مېنۇت قاقلىسا ئىككى ھەپتىگىچە يورۇيدىغان ماتې [ 2011-12-07 11:40:29 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] 2012-يىللىق قىسمەن ھېيت-بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىن [ 2011-12-07 11:39:24 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] چەت ئەللەردە ئۆمۈرلۈك تەلىم–تەربىيە قانداق يولغا [ 2011-12-07 11:38:03 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
مەمەت مۇسا تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-04-14 17:04 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2011-12-07 11:12
تەۋسىيەلەر