دانىيە كۆز ئارقىلىق كونترول قىلىدىغان يانفون تەتقىق قىلماقتا
بېيجىڭ ۋاقتى 4-دېكابىر ئەتىگەندە، دانىيەنىڭ كوپېنھاگىندىكى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ بىر يېڭى senseye دەپ ئاتالغان تېخنىكىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. senseye ئارقىلىق ئابونىت كۆز قارىچۇقىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپلا يان تېلېفوننى كونترول قىلالايدىكەن. بۇ تېخنىكا يان تېلېفوننىڭ ئالدىنقى كامېراسى ئارقىلىق ئابونىتنىڭ كۆز قارىچۇقىنىڭ ھەرىكىتىنى ئىز قوغلايدۇ. ئابونىت ئۇندىن كېيىن كۆز قارىچۇقىنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق يانفوننى كونترول قىلالايدۇ، مەسىلەن، ئۇچۇر يوللىغاندا ۋە ئويۇن ئوينىغاندا قول بىلەن مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن. تەھىرلىگۇچى:admin
|