كەشپىيات ئوتىدا كۆيۈۋاتقان ئادەم مەملىكەتلىك ‹‹قۇشلارنى قوغداش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە ئورمان، ياۋايى ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر بايلىقىنى قوغداشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى بۇ يىل 5–ئاينىڭ 11–كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى . يېغىندا ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئورمانچىلىق ئىنژېنېرى ، ياۋايى ھايۋان ۋە قۇشلارنىڭ باش پاناھى، ھوسۇللۇق كەشپىياتچى باتۇر دانى ‹‹ئورمان ۋە ياۋايى ھايۋانلار ، ئۆسۈملۈكلەر بايلىقىنى قوغداشتىكى ئىلغار شەخس ›› بولۇپ تەقدىرلىنىپ ، ئاپتونوم رايونىمىزغا شەرەپ كەلتۈردى . كۆكسىگە شەرەپ گۈلى تاقالغان ئاشۇ مىنۇتلاردا قەلبى ھاياجانغا تولغان بۇ ‹‹مۇھىت مۇئەككىلى››نىڭ خىيال قۇشلىرى تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدە قالغان كەچمىشلىرى ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىشقا باشلىدى... مائارىپچى ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن باتۇر دانى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، 1980–يىلى كادىرلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ، ناھىيەلىك ئورمانچىلىق پونكىتىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىندى . ئۇنىڭ شۇنىڭدىن بۇيانقى 31 يىللىق ھاياتى تىنىمسىز ئىزدىنىپ ، كەشپىيات ئىختىرا قىلىش بىلەن ئۆتتى . ئۇ خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ، تەكلىماكان چۆلىنىڭ غەربىي شىمال قىرغىقىدىكى چەكسىز كەتكەن چۆل–باياۋاننى تەجرىبىخانا قىلىپ ، مائاشىغا تايىنىپ بۇ چۆللۈكتە تەجرىبە ئىشلەش ئارقىلىق، قۇرغاق رايونلارنىڭ ئېكولوگىيە مۇھىتىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك 60 نەچچە تۈردە كەشپىيات ياراتتى ۋە تېخنىكا يېڭىلىدى ، 13 تۈردە پاتېنت ھوقۇقى ئالدى . بۇ تۈرلەرنىڭ بەزىلىرى مەملىكەت ، ئاپتونوم رايوندا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ياراتتى ، يەنە بەزىلىرى دۆلەت، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى، كۆپ قىسىم تۈرلەر ھەر خىل شەكىلدە دۆلەتنىڭ بىلىم مۈلۈك بايلىق ئامبىرىغا كىرگۈزۈلدى. بىز باتۇر دانىدىن مۇھىت مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىڭىزدە بىرەر سەۋەب بارمۇ، قانداق؟ دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دېدى: 1980–يىلى خىزمەتكە چۈشۈپ ئۇزاق ئۆتمەي ، تەشكىل مېنى 70 نەچچە ئادەمگە باش قىلىپ ، يۇقىرىدىن چۈشۈرۈلگەن 1500 كۇب مېتىر توغراق كېسىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا ئەۋەتتى . يەكەن ، خوتەن دەريا ۋادىلىرىدا كۆچۈپ يۈرۈپ ياغاچ كەستۈرۈۋېتىپ ، غۇلاپ چۈشۈۋاتقان توغراقلارغا قاراپ كۆڭلۈم بىئارام بولدى ، ‹‹ بۇ توغراقلارنى مۇشۇنداق سۈرئەت بىلەن كەسكەندە ئورنىدىن قايتا ئۆسۈپ چېقىش ئىمكانىيىتى بارمۇ–يوق؟››، ‹‹ئورمىنى كېسىپ ۋەيران قىلىنغان بۇ قاقاسلىقتا قايتا كۆچەت يېتىشتۈرۈشنىڭ ئىمكانىيىتى قانچىلىك ؟›› دېگەن خىيال مېنى ئارامىمدا قويمىدى . تەجرىبە جەريانىدا قاقاس چۆللۈكتە ئورمان ئۆستۈرۈش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى بايقاپ تەجرىبىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردۇم. دەسلەپتە ئاددىي ئىش دەپ قارالغان بۇ تېمىنىڭ تەدرىجىي چوڭىيىپ كېتىدىغانلىقىنى زادىلا ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن . شۇ ۋاقىتتىكى سەۋىيەم بىلەن بۇ تۈرنى ئىشلەشكە قۇربىم يەتمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، 1986–يىلى شىنجاڭ ئورمانچىلىق مەكتىپىگە ئۈچ يىللىق ئوقۇشقا باردىم . ئوقۇش جەريانىدا تەجرىبە نۇقتىسىنى تەكلىماكان چۆلىدىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ ، دەرستىن سىرتقى بوش ۋاقىتلاردا يامالىق تېغى ، يۇمىلاق تاغ (لىيۈشەن تېغى)، ئۈرۈمچى–سانجى تاشيولى بويلىرىدا تەجرىبە ئىشلەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردۇم ؛ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن ئىشلەۋاتقان تەجرىبىلىرىمگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچە بىلىملەرنى ئىگىلىدىم .ئوقۇشنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تەجرىبىنى تەكلىماكان چۆلىدە يەنە داۋاملاشتۇردۇم. 1995–يىلى 8–ئايدا بۇ تەجرىبە دەسلەپكى نەتىجىگە ئېرىشىپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پەن–تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ۋىلايەتلىك پەن–تېخنىكا كومىتېتى، يېزا ئىگىلىك 1–شىسىنىڭ پەن–تېخنىكا كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار تەشكىللىگەن مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى سۇ پارلىرىنى يىغىۋېلىپ، چۆل–جەزىرىلەردىمۇ بوستانلىق بەرپا قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىغان بۇ تۈرنى ۋە مەن تۈرۈمگە بىرلەشتۈرۈپ ئىختىرا قىلغان سەككىز يېڭى تېخنىكىنى نەق مەيداندا دەلىللەپ چىقتى. بۇ جەرياندا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشى بىلەن بىر مەھەل مائاشىممۇ توختىتىلىپ، ئاز بولمىغان مۈشكۈلاتلارغا دۇچ كەلدىم. بۇ مۈشكۈلات مېنى قايتىدىن تاۋلىدى . نەتىجىدە، ‹‹باتۇر سۈيى ۋە ئۇنى يىغىۋېلىش قۇرۇلمىسى›› (قۇياش تېمپېراتۇرىسىنىڭ يەر يۈزىنى قىزىتىشى بىلەن يەردىن بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈۋاتقان سۇ پارلىرىنى يىغىۋېلىپ، يەرلىك ئورۇندا سۇغا قايتۇرۇش تېخنىكىسى)نىڭ تەجرىبىسى 2008–يىل 8–ئاينىڭ 15–كۈنى غەلىبىلىك تاماملىنىپ ، تەييار تېخنىكىغا ئايلانغان ۋە بۇ تېخنىكىنىڭ ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكى شۇ يىلى 12–ئاي ۋە 2009 –يىلى 2–ئايدا ئېنتېرنىت ئارقىلىق ئىنگلىز تىلى ۋە خەنزۇ تىلىدا دۆلەت ئىچى–سىرتىغا ئېلان قىلىندى. ‹‹خۇشاللىق بىلەن قايغۇ قوشماق ›› دېگەندەك 30 يىللىق قان–تەر بەدىلىگە كەلگەن كەشپىيات–تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ جەۋھىرى ھېسابلىنىدىغان ‹‹باتۇر سۈيى ۋە ئۇنى يىغىۋېلىش قۇرۇلمىسى››غا مۇناسىۋەتلىك بىر بۆلۈك تەتقىقات يازما ماتېرىيالى بۇلتۇر 3–ئاينىڭ 20–كۈنى كېچىدە ئاۋات ناھىيە بازىرىدىكى ‹‹ئۇچقۇن كومپيۇتېر مۇلازىمەت ئورنى ›› دىن كومپيوتېر بىلەن بىللە ئوغرىلاپ كېتىلدى . بۇ ماتېرىيالنىڭ يىتىپ كېتىشىدىن بەك ئازابلاندىم ، قايغۇردۇم...خەيرىيەت بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كەتتى، مېنىڭ تەتقىقات، كەشپىياتچىلىق ھاياتىممۇ مۇشۇ تۈر بىلەن تەڭ باشلانغان، بۇ تۈرنى تەتقىق قىلىش داۋامىدا يەنە مۇھىتقا مۇناسىۋەتلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ۋە باشقا ساھەلەرگە چېتىلىدىغان 66 تۈردە كەشپىيات ياراتتىم ۋە تېخنىكا يېڭىلىدىم .بۇلارنى ئىختىرا قىلىش جەريانىدا خىراجىتىمگە تايىنىپ، نەچچە ئون مىڭ مو دېھقانچىلىق ئېتىزى ۋە باغلاردا نەچچە يىللاپ تەجرىبە ئېلىپ باردىم ؛ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىر قىسىم ناھىيە، شەھەرلىرىدە ئۇزاققا سوزۇلغان جۇغراپىيەلىك ئورۇن سىنىقى ئىشلىدىم. ئىزدىنىشلىرىمنىڭ بەدىلىگە ئاپىرىدە بولغان بۇ كەشپىيات ۋە مۇۋەپپەقىيەت تۈرلىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى – سىرتىدا ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، بەزى تۈرلەر ئوبدان ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتتى. باتۇر دانى مەملىكەت بويىچە ئېكولوگىيەلىك ئۇسۇلدا كېسەل ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقاتقان ھەمدە ‹‹ئۈچ خىل ھاشارات ››نى يوقىتىشنى ھۆددە ئېلىپ تاماملىغان تۇنجى كىشى . بەش يىل سىناق قىلىش ئارقىلىق ئۈنۈمى كۆرۈلگەن ‹‹قۇش ئۇۋىسى مۇنارى ›› 2008–يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسىدە ماكان قۇرۇلۇشى ئېغىر تەسىرگە ئۇچراش سەۋەبىدىن تەبىئىي كۆپىيىشى تىزگىنلىنىپ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان قۇشقاچلارنىڭ پاناھلىنىش ۋە تەبىئىي كۆپىيىش جەھەتتىكى ‹‹ماكان›› مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىكى قۇشقاچنىڭ سانى ھەر 10 مو بوستانلىققا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئاران 1.5 تىن توغرا كېلىشتەك ھالەتتىن ھازىرقى يەتتىدىن توققۇزغىچە توغرا كېلىشتەك ھالەت شەكىللىنىپ، قۇشقاچلارنىڭ ھاشاراتلارنى يەپ تۈگىتىپ، ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش جەھەتتىكى رولى ۋە ‹‹تەبىئىي تالانتى››نى قايتا نامايان قىلىشىغا شارائىت يارىتىلدى. نەتىجىدە، ھاشارات يوقىتىش ئۈچۈن چېچىلىدىغان زەھەرلىك دورىلارنىڭ مىقدارى ئازىيىپ، دېھقانلارنىڭ چىقىمى تېجىلىش بىلەن بىرگە ھوسۇلنىڭ ئېشىشىغا ئاساس سېلىندى. ‹‹كۆچەتلەرنى توشقان غاجىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلمىسى›› تۈرىنىڭ ئومۇملىشىشى ياۋا توشقانلارنى ياشاش، كۆچەتلەرنى نورمال ئۆسۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ياۋا توشقاننىڭ غاجىشى ۋە ئىلمىي بولمىغان مۇداپىئە كۆرۈش ئۇسۇللىرىنىڭ زەخىملەندۈرۈشى سەۋەبىدىن قۇرۇپ كەتكەن كۆچەتلەرنىڭ ئورنىغا تەكرار كۆچەت تىكىشتەك ھالەتكە خاتىمە بېرىلدى. بۇ، ياۋا توشقاندىن ئىبارەت جانلىق تۈرىنى قوغداپ قېلىش بىلەن بىرگە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 16 مىليون مودىن ئارتۇق باغ بىنا قىلىش پىلانىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندىلىشىنى تېخنىكا ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى. 1997–يىلى رەسمىي سىناقتىن ئۆتكەن ‹‹ئېكولوگىيەلىك ئۇسۇلدا كېسەل ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقىتىش تېخنىكىسى››نىڭ ئومۇملىشىشى ھەر مو يەرگە ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچىلىق دورىسى چىقىمىنى ئىلگىرىكىدىن %70 تېجەپ قالماي، ئادەم، ھايۋان ۋە ئۇچار قۇشلارنىڭ دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كېتىشىنى تۈگىتىشكە ھەم كېۋەز قاتارلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ھوسۇلىنىڭ ئىلگىرىكىدىن %15 ئېشىشىغا ئاساس سېلىندى. بۇلاردىن باشقا باتۇر دانى ياساپ چىققان ئېنېرگىيە تېجەيدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق ‹‹كاۋاپدان››ئېنېرگىيە تېجەش ۋە مۇھىتنى بۇلغىماسلىقتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى ھەم ئاپتونوم رايون ئىچى – سىرتىدا ئومۇملىشىپ ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم ياراتتى. باتۇر دانى خىزمىتىنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەش بىلەن بىرگە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئورمانچىلىق كەسپىي مائارىپى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، دېھقانلارنى ھەر يىلى كەسپىي جەھەتتىن 100 سائەتتىن ئارتۇق تەربىيەلىگەندىن باشقا، يەنە ئاۋات، ئونسۇ ناھىيەلىرىدىكى بىر قىسىم مەكتەپلەرنىڭ 2 – دەرسخانا پائالىيىتىگە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىندى. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا دەرس سۆزلەش ئۈچۈن ئىشلەتكەن بىر بۆلۈك يېڭى تېخنىكىلىرى ۋە ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئوقۇغۇچىلار ئىجاد قىلغان بىر تۈركۈم پەن – تېخنىكا ئەسەرلىرى مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە 1–، 2–ۋە 3–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئۇ 2008–يىلى بىر يىل ئىچىدىلا بەش تۈردە پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى . ھازىر، ئۇ يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ تاماملىغان 13 تۈرنى پاتېنت ھوقۇقىغا ئىلتىماس قىلىشقا تەييارلىدى ھەم بىر قانچە يېڭى مۇھىم تەتقىقات تېمىسىغا تۇتۇش قىلدى. ئۇ 1994–يىلى مەملىكەت بويىچە ‹‹ئورمانچىلىق سېپىدىكى 15 ياش مۇنەۋۋەر پەن – تېخنىكا خادىمىنىڭ بىرى››، 1996–يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر كەشپىياتچى››، 1997–يىلى مەملىكەت بويىچە ‹‹ئىلغار يېتەكچى››، 1999–يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر سىنىپ يېتەكچىسى›› دېگەنگە ئوخشاش ناملار بىلەن كۆپ قېتىم شەرەپ مۇنبىرىدىن ئورۇن ئالدى. ئۇ ھازىر جۇڭگو ئورمانچىلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئېكولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كەشپىياتچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو مۇھىت ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ پەن–تېخنىكا ئالاھىدە خادىمى ۋە ئورمانچىلىق ئىنژېنېرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە. مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى.
|