غوپۇر قۇربان كەشىپ قىلغان پاختا تېرىش ماشىنىسى پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى توقسۇ ناھىيەسىنىڭ توقسۇ بازىرىدىكى ‹‹پارلاق›› تۆمۈرچىلىك سەنئىتى ۋە قۇيمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ قۇرغۇچىسى غوپۇر قۇربان پاختا تېرىش ماشىنىسىنى كەشىپ قىلىپ، دۆلەتنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى ھەم دېھقانلارنىڭ پاختا تېرىش ئەمگەك سىجىللىقىنى يېنىكلەتتى. ئۇقۇشىمچە، غوپۇر قۇربان پاختا تېرىش تەننەرخىنىڭ ئۆسۈپ كېتىۋاتقانلىقى، پاختىكارلارنىڭ پاختا تېرىدىغانغا ئىشلەمچى تېپىشنىڭ تەسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، پاختا تېرىش ماشىنىسى ياساشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، 2008 – يىلى پاختا تېرىش ماشىنىسىنى ياساشقا كىرىشكەن. بىر يىلدىن ئارتۇق ئىزدىنىش، سىناق قىلىش، قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بۇلتۇر 9 – ئايدا ‹‹ئاق بۈركۈت›› ماركىلىق ھاۋا سۈمۈرۈش تىپىدىكى پاختا تېرىش ماشىنىسىنى كەشىپ قىلىپ، پاتېنت ھوقۇقىغا ئىلتىماس سۇنۇپ بۇ يىل 5 – ئايدا دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ پاتېنت ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن. بۇ پاختا تېرىش ماشىنىسى 20 ئات كۈچىگە ئىگە قول تىراكتورىنىڭ ئالدىغا چېتىلىپ، تۆت رېزىنكە شىلانكىنى تۆت ئادەم باشقۇرۇپ مەشغۇلات قىلغاندا كېۋەزلىكتىكى پاختا سۈمۈرۈلۈپ، خالتىغا قاچىلىنىدىكەن. غوپۇر قۇرباننىڭ ھېسابلىشىچە، تۆت ئادەم بىر كۈندە قولى بىلەن پاختا تەرگەندە ئەڭ كۆپ بولغاندا 280 كىلوگىرامدىن 300 كىلوگىرامغىچە پاختا تېرەلەيدىكەن، ئەگەر تۆت ئادەم بۇ ماشىنا بىلەن پاختا تەرگەندە بىر كۈندە 800 كىلوگىرامدىن 1000 كىلوگىرامغىچە پاختا تەرگىلى بولىدىكەن. تاشئېرىق يېزىسىنىڭ بەشتوما كەنتىدىكى ياسىن مۇھەممەد ماڭا: مەن بۇ پاختا تېرىش ماشىنىسىنى بۇلتۇردىن بۇيان ئىشلىتىۋاتىمەن، بۇ ماشىنىنىڭ مەشغۇلاتى ئاددىي، پاختا تېرىش سۈرئىتىمۇ تېز. مەن 2008 – يىلى 100 مو يەردىكى پاختامنى ئىشلەمچىلەرگە 40 كۈندە تەرگۈزۈپ 28 مىڭ يۈەن ئىش ھەققى بەرگەنىدىم. بۇلتۇر 100 مو يەردىكى پاختىنى بۇ ماشىنا بىلەن ئون كۈندە تېرىپ بولۇپ، 10 مىڭ يۈەننى تېجەپ قالدىم، دېدى. تەھىرلىگۇچى:admin
|