GPSسېپىرلىق فوتو ئاپپاراتى سېپىرلىق ئاپپاراتنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن خالىغان ۋاقىت، خالىغان جايدا بىمالال سۈرەت تارتقىلى بولىدىغان بولدى. ئەمما، سۈرەت تارتىپ بولغاندىن كېيىن، سۈرەتلەرنى كۆرگەندە، كۆزنى چاقنىتىدىغان ئېسىل كۆرۈنۈشلەرنىڭ تارتىلغان ۋاقتى ۋە ئورنىنى ئېنىق ئەسكە ئېلىش تەس بولىدۇ. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ساياھەتچىلەر بۇنى تېخىمۇ ئەسلىيەلمەيدۇ. يېقىندا، ياپونىيە نىكون شىركىتى ئىشلەپچىقارغان GPS سېپىرلىق ئاپپاراتى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلدى. شۇنداقلا، كۈنسېرى تويۇنۇۋاتقان فوتو ئاپپارات بازىرىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى. بۇنداق يېڭى تىپتىكى سېپىرلىق ئاپپارات GPS ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، سۈرەت تارتقان ۋاقىتتا، زاتۋورنىڭ بېسىلىشىغا ئەگىشىپ، سۈرەت تارتىلغان ئورۇن ۋە ۋاقىت ئاپتوماتىك خاتىرىلىنىدىكەن. GPS سېپىرلىق ئاپپاراتى ئىچىگە قويۇلغان GPS ۋە سىرتىغا چېتىلىدىغان GPS، دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدىكەن. ئىككىلا تىپتىكىسى ئايرىم رايونلاردىن سىرت، دۇنيادىكى ھەرقايسى جايلار، جۈملىدىن مېرىدىيان، پارللېل، ئورۇننىڭ بەلگە ئېگىزلىكى قاتارلىق تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ئېنىق ھېسابلاپ چىقالايدىكەن ۋە ئاپتوماتىك ساقلاپ قويالايدىكەن. ساياھەتكە بارغان جايدىن ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، كومپيۇتېردا سۈرەتلەردىن ھۇزۇرلانغاندا، شۇ جاينىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى، سۈرەت تارتىلغان ۋاقتى قاتارلىقلار بىرلا ۋاقىتتا ئىپادىلىنىپ، خۇددى شۇ جايغا قايتا بارغاندەك ھېسسىياتقا كەلتۈرىدىكەن تەھىرلىگۇچى:admin
|