يەر تەۋرەشنىڭ بوشلۇقتىكى تارقىلىش ئالاھىدىلىكى ۋە ئۈچ چوڭ يەر تەۋرەش بەلبېغى
ئابدۇكېرىم ئابباس
يەر شارى قۇرۇلمىسىنىڭ بۆلەكلەر تەلىماتىغا ئاساسلانغاندا، يەر پوستىنى تۈزگۈچى ھەرىكەتچان بەلباغلار ئۆز ئارا نىسپىي ھەرىكەت بۆلەكلىرىگە ئايرىلغان، بۇ بۆلەكلەرنىڭ بەزىلىرى چوڭ، بەزىلىرى كىچىك، ئۇنىڭ ئىچىدە چوڭ بۆلەكلەردىن ئالتىسى بار بولۇپ، ئۇلار: تىنچ ئوكيان بۆلىكى، ياۋروپا – ئاسىيا بۆلىكى، ئافرىقا قىتئەسى بۆلىكى، ئامېرىكا قىتئەسى بۆلىكى، ھىندىستان بۆلىكى، جەنۇبىي قۇتۇب پىلتىسىدىن ئىبارەت. يەر شارىنىڭ كۆپ قىسمىدىكى يەر تەۋرەش چوڭ بۆلەكلەرنىڭ پاسىل قىسمىدا كۆرۈلىدىغان بولۇپ، قىسمەنلىرى بۆلەكلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەرىكەتچان ئۈزۈلمە قىسمىدا كۆرۈلىدۇ، ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، يەر شارىدىكى ئاساسلىق يەر تەۋرەش ھەرىكىتى بەلبېغىدىن ئۈچى بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇلار: 1. تىنچ ئوكياننى چۆرىدىگەن يەر تەۋرەش بەلبېغى: بۇ بەلباغ تىنچ ئوكيان ئەتراپىدىكى رايونلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى چىلى، پېرۇ، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى گۋاتېمالا، مېكسىكا، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقى، ئالېئوت تاقىم ئاراللىرى، كۇرىل تاقىم ئاراللىرى، ياپون تاقىم ئاراللىرى، ريۇكيۇ تاقىم ئاراللىرى ھەم فىلىپپىن، ھىندونېزىيە، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يەر تەۋرەش بەلبېغى ئاساسەن يەر تەۋرەش ھەرىكىتى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان بەلباغلار بولۇپ، يەر شارىدىكى %80 ئەتراپىدىكى يەر تەۋرەش بۇ رايونلاردا كۆرۈلىدۇ. 2. ياۋروپا – ئاسىيا يەر تەۋرەش بەلبېغى: بۇ بەلباغ ئوتتۇرا يەر دېڭىزى – ھىمالايا يەر تەۋرەش بەلبېغى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ بەلباغنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 20مىڭ كىلومېتىردىن كۆپرەك بولۇپ، ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا قىتئەسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، بۇ بەلباغدىكى يەر تەۋرەش يەر شارىدىكى يەر تەۋرەشنىڭ %15 ىنى تەشكىل قىلىدۇ. 3. دېڭىز داۋىنى (دېڭىز پوستى) يەر تەۋرەش بەلبېغى: بۇ بەلباغ تىنچ ئوكيان، ئاتلانتىك ئوكيان، ھىندى ئوكياندىكى دېڭىز پوستى (دېڭىز ئاستى تاغ تىزمىسى) غا تارقالغان. سېيسموگراف ئارقىلىق ئۆلچەپ چىقىلغان يەر تەۋرەش يەر شارىدا ھەر يىلى 500 مىڭ قېتىم ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلىدىغانلىرى 1000 قېتىمغا يېتىدۇ، زور زىيان پەيدا قىلىدىغانلىرى ئون نەچچە قېتىمغا يېتىدۇ. 20 –ئەسىردە دۇنيادا 11 قېتىم كۈچلۈك يەر تەۋرەپ، زور ئۆلۈش، يارىلىنىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى 2009- 05- 25 -كۇنىدىكى سانىدىن ئىلىندى.
|