يان تېلېفونغا توك قاچىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە دالا قازىنى ياپونىيە بۇ قېتىملىق كۈچلۈك يەر تەۋرەشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئارقا – ئارقىدىن جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقاردى. ئۇلار يېقىندا بازارغا سالغان يان تېلېفونغا توك قاچىلىيالايدىغان دالا قازىنى كىشىلەرگە يېڭىلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلدى. بۇ قازاننى ئىشلەتكۈچىلەر گۈلخان بىلەن سۇ قايناتقاچ يان تېلېفونغا توك قاچىلىيالايدۇ. بۇنداق قازاندا سىزىقسىمان فارفور تېرمو ئېلېكتىرىك ماتېرىيال بار بولۇپ، تاماق ئېتىپ، سۇ قايناتقاندا قازان تېگىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 55 سېلسىيە گىرادۇسقا، قازان قاينىغاندا تېمپېراتۇرا 100 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ، تېرمو ئېلېكتىرىك ماتېرىيال مانا مۇشۇ تېمپېراتۇرا پەرقىدىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلىدۇ. توك قاچىلاش قازىنىدا iphone غا توك قاچىلاشقا ئۈچ – تۆت سائەتچە ۋاقىت كېتىدۇ. بۇنىڭ قۇياش نۇرى ئېنېرگىيە باتارىيەسىگە ئوخشىمايدىغان يېرى، بۇنداق توك قاچىلاش قازىنىنى ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق ھاۋارايى شارائىتىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
|