باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەرتىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

تىتان ۋە تىتان قېتىشمىلىرى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-09-22 14:47 مەنبەسى: شىنجاڭ گىزىتى ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
تىتان ۋە تىتان قېتىشمىلىرىنىڭ چىرىتىشكە چىداملىقلىقى ياخشى بولۇپ، ئۇلار كىسلاتا، ئىشقارلىق مۇھىتتىمۇ داتلىشىپ كەتمەيدۇ. دېڭىز سۈي

تىتان ۋە تىتان قېتىشمىلىرى

 

ھۆسناجى ئابدۇرېھىم

 

   تىتان سىرتقى كۆرۈنۈشى پولاتقا ئوخشاپ كېتىدىغان، كۈمۈش رەڭلىك بىرخىل ئۆتكۈنچى مېتال ئېلېمېنت. تىتان ۋە تىتان قېتىشمىلىرىنىڭ كۈچىنىشچانلىقى كۈچلۈك، سۇيۇقلىنىش نۇقتىسى ۋە قاتتىقلىقى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. تىتان ۋە تىتان قېتىشمىلىرىنىڭ چىرىتىشكە چىداملىقلىقى ياخشى بولۇپ، ئۇلار كىسلاتا، ئىشقارلىق مۇھىتتىمۇ داتلىشىپ كەتمەيدۇ. دېڭىز سۈيىدە بەش يىل تۇرسىمۇ داتلاشماي پارقىراپ تۇرىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇ پولاتتىن خېلىلا ياخشى بولغاچقا، پاراخوتلارنىڭ سىرتقى قېپى تىتان ۋە تىتان قېتىشمىلىرىدىن ياسىلىدۇ. ئادەتتە، پولات تۆمۈردىن ياسالغان چۆكمە كېمە دېڭىز ئاستىغا 300 مېتىردىن كۆپرەك چۆكسىلا سۇ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. بىراق تىتان قېتىشمىلىرىدىن ياسالغان چۆكمە كېمە دېڭىز ئاستىغا 4500 مېتىر چۆكسىمۇ، دېڭىز سۈيىنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. تىتان ۋە تىتان قېتىشمىلىرى يەڭگىل ھەم قاتتىق بولغاچقا، ئۇلار راكىتا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئالەم ئايروپىلانى قاتارلىقلارنىڭ سىرتقى قېپىغا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. تىتان ۋە تىتان قېتىشمىلىرىنىڭ يەنە تۆۋەن تېمپېراتۇرىغىمۇ ماسلىشىشچانلىقى ياخشى بولۇپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولغانسېرى ئۇ تېخىمۇ قاتتىق ھالەتكە كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك خۇسۇسىيەتكىمۇ ئىگە. تىتان ۋە تىتان قېتىشمىلىرى ئادەم بەدىنى بىلەنمۇ بىر قەدەر ياخشى ماسلىشىشچانلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇلار يەنە سۈنئىي سۆڭەك قاتارلىقلارنى ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ.

   تىتان ۋە تىتان قېتىشمىلىرى يۇقىرىقىدەك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولغاچقا، ھازىر خەلقئارا ئىلىم پەن ئەھلى تىتان ۋە تىتان قېتىشمىلىرىنى 21 ئەسىردىكى مۇھىم ماتېرىيال، دەپ قارىماقتا.

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلارغا ناركوز ئىشلەتكەندە ئۆگىنىشكە تەسىر يېتى [ 2011-10-26 14:52:16 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان گ [ 2011-10-26 14:50:31 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] يېڭى بايقاشلار [ 2011-10-26 14:48:49 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بېسىمى ئېغىر ئاياللارنىڭ قىز تۇغۇش ئېھتىماللىقى چ [ 2011-10-26 14:47:22 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] مائارىپتا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يېڭى باسقۇچقا كىر [ 2011-10-26 14:45:59 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] «ئائىلە ۋە بالىلار مىجەزى» [ 2011-10-26 14:42:23 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇنۋانى ئېلىشقا كىرەكلىك ماتىريا [ 2011-10-26 13:47:47 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] دادا، ئاپا، سىلەرگە سۆزۈم بار [ 2011-10-14 16:22:27 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلارنىڭ يولسىز تەلەپلىرىگە قانداق قاراش كېرەك [ 2011-10-14 16:20:59 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئالىياسكىدا بالىلار دەرس تاشلىسا ئاتا – ئانىسى جا [ 2011-10-14 16:17:20 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر