باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەرتىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

پاتېنتچى يىگىت

يوللانغان ۋاقتى: 2011-08-07 12:57 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
بۇ يىل 10 – فېۋرال ھەم 10 – مارتتا يەنە چارۋا ماللارنى ۋاننىلاشقا ئىشلىتىلىدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق ۋاننا، ئاسما ئوكۇلنى ئاپتوماتىك توخ

پاتېنتچى يىگىت

 

غايە ئىنساننىڭ پارلاق مەنزىلگە ئىنتىلىشى، كەلگۈسىگە تەلپۈنۈشىدىكى كومپاس بولۇپ، كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك مەنىۋى تۈۋرۈكى. ئادەمدە يۈكسەك غايە ۋە قەتئىي ئىرادە بولىدىكەن، يولى ئەگرى – توقاي، شارائىتى جاپالىق بولسىمۇ، كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلەيدۇ. ئاتۇش شەھەرلىك چارۋىچىلىق ئىدارىسى يايلاق نازارەتچىلىك پونكىتىنىڭ خىزمەتچىسى سادىر تۇردۇش غايە ۋە قەتئىي ئىرادە بىلەن توختىماي تىرىشىپ، قىرغىز خەلقى ئارىسىدا ‹‹پاتېنتچى يىگىت›› دېگەن نامغا ئېرىشكەن تىرىشچان ياش.

    ئوتتۇرا بوي، ئاق سېرىق كەلگەن، ئەمدىلا 40 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بۇ قىرغىز يىگىتنىڭ كەم سۆز ۋە تارتىنچاقلىقىغا قاراپ، ئۇنى سەل چاغلاپ قالماڭ، ئۇ ھازىر ئالتە كەشپىياتنىڭ پاتېنت ئىگىسى.

    سادىر تۇردۇش ئاتۇش شەھىرىنىڭ تۈگۈرمىتى يېزىسى كۆكتام كەنتىدە بىر زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كۆكتام كەنتى مەنزىرىسى گۈزەل، بۇلاق كۆپ كەنت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆيى بۇلاقنىڭ بويىدا ئىدى. ئۇنىڭ ئاتىسى تۇردۇشمۇ ئەزەلدىن جىم تۇرماي ئۇنى – بۇنى قۇراشتۇرىدىغان، ياسايدىغان كىشى ئىدى. ئۇ شەھەردىكىلەرنىڭ ئېلېكتىر چىراغلىق ئۆيلەردە تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، يېزىدا توك يوقلۇقىغا ئىچى پۇشتى. ئۇ نۇرغۇن قېتىم سىناق قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرى بۇلاق سۈيىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىدىغان چاقپەلەك ياسىدى ۋە شەھەردىن تېلېۋىزور سېتىۋالدى. شۇ چاغلاردا ئۇلارنىڭ ئۆيى خۇددى كىنوخانىغا ئوخشاش ئادەم بىلەن تولۇپ كېتەتتى. ئاتىسىنىڭ تىنىمسىز بىر نەرسىلەرنى ياسىشى گۆدەك سادىرنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ھەر قايسى پەنلەردىكى نەتىجىسى سىنىپ بويىچە ئەڭ ئالدىدا دېگىلى بولمىسىمۇ، ئوقۇتقۇچىسى ئۇنى دائىم ماختايتتى. سادىر كۆپ ھاللاردا مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەھەللىسىدىكى بۇلاق بېشىدا، ئۆستەڭ بويىدا دادىسىنى دوراپ، لايدىن ھەر خىل نەرسىلەرنىڭ مودېلىنى ياسايتتى. بۇنىڭغا ئۇنىڭ تەبىئەت دەرسىگە ھەددىدىن زىيادە قىزىقىشى سەۋەب بولغانىدى. سادىر 1992 – يىلى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 3 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپىغا چىققاندا، فىزىكا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ دەرسنى قىزىقارلىق، جانلىق ئۆتۈشتەك ئۆزگىچە مېتودى ئۇنىڭ قەلبىگە ئوت ياقتى، بۇنىڭ بىلەن ئۇ فىزىكا دەرسىنى بۆلەكچىلا ياقتۇرۇپ قالدى، ئۇ دەرس ۋاقتىدا مۇئەللىمدىن توختىماي سوئال سورايتتى، شۇ چاغدىلا ئۇ چوڭ بولسام كەشپىياتچى بولىمەن، دېگەننى كۆڭلىگە پۈككەنىدى. تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگەن يىلى ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ زورى بىلەن تېخنىكوم ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك مەكتىپىنىڭ يايلاق يېتىشتۈرۈش كەسپىگە ئۆتتى، 1996 – يىلى مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن، تۈگۈرمىتى يېزىلىق چارۋىچىلىق پونكىتىغا تەقسىم قىلىندى، كېيىن خىزمەتتىكى نەتىجىسىگە قاراپ، تەشكىل ئۇنى ئاتۇش شەھەرلىك چارۋىچىلىق ئىدارىسىگە يۆتكىدى.

    سادىر بوش ۋاقىتلىرىدا ئۇنى – بۇنى ياساپ باقاتتى، بولۇپمۇ ئىشلىتىشكە ئەپچىل ھەر خىل ئۈسكۈنىلەرنى ياساشقا بەكرەك قىزىقاتتى. 2006 – يىلى سادىر كەشىپ قىلغان توك تېجەپ پار بىلەن مەزى بېزىنى داۋالاشتىكى ئاددىي ئۈسكۈنە دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ پاتېنتىغا ئېرىشتى. ئۇ كىنىشكىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈنى خۇشاللىقىدىن بىر كېچە ئۇخلىيالمىدى. خوتۇنى، ئاتا – ئانىسى، قېرىنداش – دوستلىرى ۋە خىزمەتداشلىرى ئۇنى تەبرىكلىدى، ئاتىسى تۇردۇش ئوسمان ئۇنىڭغا داۋاملىق ئىزدىنىش توغرىسىدا ئىلھام بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكىگە بىر ‹‹ئوت›› كىرىۋالدى. ئۇ يېڭى پىلان تۈزۈپ، يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى يارىتىش ئۈستىدە قايتىدىن ئىزدىنىشكە باشلىدى. ئۇ كۈندۈزى خىزمەت ئىشلىسە، كەچتە تەجرىبە ئىشلەپ، ئەۋرىشكە ياسىدى. ئۇنىڭ ئۆيى خۇددى تۆمۈر دۇكىنىغا ئوخشاپ قالدى، دەسلىپىدە خوتۇنى ئۆينى ئۈسكۈنە ياسايدىغان سېخ دەپ قالدىڭمۇ، دەپ خاپا بولۇپ، بىر نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇۋېتەتتى. كېيىنچە ئېرىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن تەسىرلىنىپ، بىر تال مىخنىمۇ سادىردىن سورىماي يۆتكىمەيدىغان، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئېرىنى قوللايدىغان بولدى. بۇلتۇر 31 – مارت سادىر يەنە دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ ئۆزى كەشىپ قىلغان ئەگرى چىش چوتكىسى ۋە قەۋەت ئۆيلەرنىڭ دېرىزىسىنى تازىلاش چوتكىسى ئۈچۈن بېرىلگەن پاتېنت ھوقۇقى كىنىشكىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇ يىل 10 – فېۋرال ھەم 10 – مارتتا يەنە چارۋا ماللارنى ۋاننىلاشقا ئىشلىتىلىدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق ۋاننا، ئاسما ئوكۇلنى ئاپتوماتىك توختىتىش ئەسۋابى ئۈچۈن بېرىلگەن پاتېنت ھوقۇقى كىنىشكىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇ پاتېنتلار ئۇنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى تىرىشچانلىقىغا، بوشاشماي ئىزدىنىش روھى ئۈچۈن بېرىلگەن كاتتا سوۋغات بولدى. سادىر كۆپ ئىقتىدارلىق ۋاننىغا پاتېنت ھوقۇقى ئالغانلىقىدىن بەك خۇش بولدى. چۈنكى ئۇنىڭ كەشىپ قىلغىنى ئوقۇغان كەسپى ۋە ئىشلىگەن خىزمىتىگە ماس كېلەتتى. ئۇ خىزمەت جەريانىدا چارۋىچىلارنىڭ چارۋا ماللىرىنى ۋاننىلاشتا قىينىلىۋاتقانلىقىنى دائىم كۆرۈپ تۇراتتى. ئادەتتە ۋاننا ئېقىن سۈيى مول يايلاقلاردا خىش قۇرۇلمىلىق قىلىپ سېلىناتتى، چارۋىچىلار چارۋا ماللىرىنى ۋاننىلاش ئۈچۈن بىر نەچچە كۈن ئۆچىرەت ساقلايتتى. ۋاننا بار يايلاقتا چۆپ ياخشى ئۈنمىگەن يىللىرى چارۋىچىلار ئۇ يەرگە بارماي، ئۇ يەردىكى ۋاننىلار بىر، ئىككى يىللاپ تاشلىنىپ قالىدىغان، بەزىلىرى ۋاقتىدا رېمونت قىلىنمىغاچقا، بۇزۇلۇپ دۆلەتكە ۋە كوللېكتىپقا ئىقتىسادىي زىيان، چارۋىچىلارغا قولايسىزلىق ئېلىپ كېلەتتى. چارۋىچىلىق رايونلىرىدا يۆتكەپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان ۋاننا كەشىپ قىلغىلى بولماسمۇ؟ دېگەن خىيال ئۇنىڭ كاللىسىغا كىرىۋالغىلى خېلى يىللار بولغانىدى، ئۇ بۇ خىيالىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كۆپ ئىزدەندى، تەتقىق قىلدى، چارۋىچىلار ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن سىرداشتى. ئاخىرى يۆتكەپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق تۆمۈر ۋاننىنى كەشىپ قىلدى. ئۇنىڭ بۇ كەشپىياتىغا پاتېنت ھوقۇقى بېرىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئوبلاستلىق چارۋىچىلىق ئىدارىسى سادىرنى يېتەكچى قىلىپ، تۆمۈردىن ۋاننا ياسىتىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كەشىپ قىلغان ۋاننىسىنى ياساشقا 15 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا مەبلەغ كېتىدىغانلىقى پىلانلاندى، لېكىن خىش قۇرۇلمىلىق ۋاننىغا 20 مىڭ يۈەن مەبلەغ كېتەتتى. دېمەك، ئۇ كەشىپ قىلغان تۆمۈر ۋاننا قولايلىق، كۆپ ئىقتىدارلىق بولۇپلا قالماي، مەبلەغمۇ ئاز كېتەتتى.

سادىر ئالتە پاتېنتنىڭ بىرسى بولسىمۇ ئەمەلىي قوللىنىلغانلىقىدىن خۇش بولدى، چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئۇزاقتىن بۇيان ھەل بولماي كېلىۋاتقان بىر مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئاۋامغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرەلىگەنلىكىدىن سۆيۈندى. ھازىر سادىر ئۈچۈن بىرەر نەرسىنى كەشىپ قىلىش، پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشىش قىيىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئويلايدىغىنى كەشپىياتىغا خېرىدار تېپىپ، ئۇنىڭغا ‹‹جان›› كىرگۈزۈپ، خەلقنى كەشپىياتىدىن تېزرەك بەھرىمەن قىلىش. سادىر كەشىپ قىلغان ۋاننىنىڭ ياسىلىشقا باشلىغانلىقى ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىشىگە زور ئىلھام بەرگۈسى، ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ كەشپىياتىنىڭ تاۋارغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولغۇسى.

 

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىنىڭ ئىشەنچى [ 2011-10-27 20:22:31 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئېلىمىز تېررورلۇق توغرىسىدا ئېنىق تەبىر چىقاردى [ 2011-10-27 20:20:48 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ قايسى ئوبيېكتىلىرى قوغد [ 2011-10-27 20:19:27 ]
[باشقا رەسىملەر] توردۇنياسىدىكى چىرايلىق ھۆسىنخەت ۋە شىئىرلاردىن پ [ 2011-10-24 15:48:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] ئورمانلىقتىكى ھايۋانلار-كارتون فىلىم [ 2011-10-13 18:31:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] كارتون فىلىم-كەپسىز كالا [ 2011-10-13 18:26:56 ]
[تارىخى بىلىملەر] ھونلارنىڭ يېزىق ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە دەسلەپكى ئى [ 2011-10-13 18:24:30 ]
[تارىخى بىلىملەر] تۈگمەن بېشىدىكى شېھىت [ 2011-10-13 18:18:30 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەشھۇر ئاياللىرى [ 2011-10-13 18:16:02 ]
[تارىخى بىلىملەر] چاغاتاي دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى [ 2011-10-13 18:11:11 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر