مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى رولى دۇنيادا 100 نەچچە خىل ئېلېمېنت بار، ئادەم بەدىنىدە بۇنىڭ 50 نەچچە خىلىنى تاپقىلى بولىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى 50 نەچچە خىل ئېلېمېنت ئىچىدە ئون خىلىنىڭ مىقدارى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇپ، پۈتۈن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئاران %0.05 ىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇلار ئادەتتە مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلار، دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلار تۆمۈر، سىنك، مانگان، مولبىدىن، مىس، فىتور، خىروم، يود، كۇبالىت، سېلىن قاتارلىق ئېلېمېنتلار بولۇپ، بۇلار ئانئورگانىك تۇز شەكلىدە بەدەن سۇيۇقلۇقىدا ئېرىتمە ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. گەرچە بۇ ئېلېمېنتلارنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى مىقدارى ئاز بولسىمۇ، بىراق نورمال ھاياتلىق پائالىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ ئېلېمېنتلارنىڭ بەدەندىكى مىقدارى بەك كۆپ ياكى بەك ئاز بولۇپ قالسىمۇ ئوخشاشلا ئادەم بەدىنىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ھاياتلىقنىڭ كاپالىتى بولغان قاندا تۆمۈر كەم بولسا، ئادەم ئاسانلا تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرىدىكى قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئادەمنىڭ چىرايى تاتىرىپ، بەدەن قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ، چارچايدىغان، بېشى ئاغرىيدىغان، نەپەس ئېلىشى جىددىيلىشىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا تۆمۈر مىقدارى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىش لازىم. مەسىلەن: جىگەر، ئورۇق گۆش، تۇخۇم، بېلىق، پۇرچاق ۋە كۈدە قاتارلىقلار. سىنك چاچ، سۆڭەك، كۆز، جىگەر قاتارلىق ئەزالار ئۈچۈن ئىنتايىنمۇھىم بولۇپ، ئەگەر سىنك كەمچىل بولسا بالىلارنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستىلاپ، نورمال ئۆسۈشىگە تەسىر يېتىدۇ. سىنك ئاساسەن دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، جىگەر، ئورۇق گۆش، تۇخۇم، بېلىق، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر ۋە سۈت، تېرىق قاتارلىقلاردا كۆپرەك بولىدۇ. خىروم يېتىشمىسە ئادەم بەدىنىدىكى ئىنسۇلىن ئۆزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالماي، ئۆسۈپ يېتىلىش چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، كۆرۈش ئىقتىدارىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاساسەن نورمال ئوزۇقلانماسلىق، تاماق تاللاش، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ ئۇچۇن تەركىبىدە خىروم كۆپرەك بولغان گۈرۈچ، ئارپا، كۆممىقوناق، قارا شېكەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك. فىتور كەمچىل بولسا چىشنى ئاسانلا قۇرۇت يەيدۇ، زىيادە بولغاندا فىتورلۇق سۆڭەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يود بەدەندىكى قالقانسىمان بەز ھورمۇنىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، بالىلاردا يود كەمچىل بولسا، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. قالقانسىمان بەز چوڭىيىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ ئۇچۇن يود مىقدارى مول دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، يود قوشۇلغان ئاش تۇزى قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك. مانگان، ئاساسلىقى، بەدەننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بەدەندە مانگان كەمچىل بولسا ئۆسۈپ يېتىلىش توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، بولۇپمۇ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە مانگان كەمچىل بولسا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا ھەرىكەت تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىش كېلىپ چىقىدۇ، ياش – ئۆسمۈرلەردە سۆڭەكنىڭ غەيرىي ئۆسۈپ قېلىشى، كۆپىيىش سىستېمىسى تولۇق يېتىلمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. مانگان، ئاساسلىقى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدا مول بولىدۇ. كۇبالىت بەدەندىكى ئورگانىزم ھەركىتىگە قاتنىشىپ، بەدەننىڭ قان ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئىنسۇلىننىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تېزلىتىپ، قەنت كېسىلىنى داۋالايدۇ. كۇبالىت، ئاساسلىقى كاۋا قاتارلىقلاردا كۆپرەك بولىدۇ. مولبىدىن بەدەندە، ئاساسلىقى، مولبىدىن بىرىكمىلىرى ھالىتىدە مەۋجۇت بولۇپ، راكقا قارشى تۇرۇش، بەدەننى زەھەرسىزلەندۈرۈش، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە پايدىسى بار. مولبىدىن، ئاساسلىقى، مېۋە – چىۋە، يېسسىۋىلەك، تۇرۇپ قاتارلىقلاردا مول بولىدۇ.
|