![]() |
ئەنگىلىيەدىكى بىر شىركەت سۇ زەمبىرىكى ياساپ چىقتى ![]() چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 3-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيەدىكى بىر شىركەت تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرالايدىغان يېڭى بىر خىل قورال ـــــ كۈچلۈك سۇ زەمبىرىكى ياساپ چىققان . گەرچە بۇ قورال سۇنى ‹‹ئوق -دورا ›› قىلىپ ياسالغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ كۈچى ئىنتايىن زور بولۇپ، قېلىن تاملارنىمۇ ئۆرۈۋېتەلەيدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ سۇ زەمبىرىكىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىدا ئېغىرلىقى 22 كىلوگىرام كېلىدىغان سۇ ساقلاش بوتۇلكىسى بار بولۇپ، ھاۋا بېسىمى بوتۇلكا ئىچىدىكى سۇنى قىسقاندا، سۇ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئىنتايىن زور كۈچ بىلەن بومبىنى ئېتىپ چىقىرىپ، بەلگىلەنگەن نىشانغا تەككۈزىدىكەن. BCB خەلقئارا شىركىتى بۇ قورالغا مەبلەغ سالغان بولۇپ، بۇ شىركەت مۇنداق دېگەن : ساقچى ۋە ھەربىي قىسىملار قۇرۇلۇشلار كۆپ جايدا ھەرىكەت ئېلىپ بارغاندا، بۇ قورال ئىنتايىن ئەسقاتىدۇ. BCB خەلقئارا شىركىتى ياسىغان بۇ خىل قورال قوش قەۋەتلىك يېنىك تىپتىكى قۇرۇلۇشلارنى ئۆرۈشكە ئىشلىتىلىدىكەن. بۇ شىركەت مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خەۋپسىزلىك ھەرىكىتىدە ، پارتلاتقۇچ دورىنىڭ ئىشلىتىلىشى دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ ، لېكىن ئەگەر تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندا، پارتلاتقۇچ دورىنى ئىشلەتكەندە تۇتقۇن قىلىنغانلار خەتەرلىك ئەھۋالدا قالىدۇ، شۇڭا بۇ چاغدا سۇ كۈچى ئوت كۈچىدىن بەكرەك ئۈنۈملۈك. نۆۋەتتە ، بۇ شىركەت بۇ خىل قورالنى ئامېرىكا ۋە تايلاند قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتكە سېتىپ بەرگەن .
|