![]() |
ھەرخىل لىفتلار سۈرئىتى ئەڭ تېز لىفت
دۇنيادىكى سۈرئىتى ئەڭ تېز لىفت تەيبېيدىكى 101 قەۋەتلىك بىنانىڭ ئېكىسكۇرسىيە قىلىش لىفتى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى مىنۇتىغا 1010 مېتىرغا يېتىدۇ.
ئەڭ ئېگىزگە چىقىدىغان لىفت
دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش − ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى دۇبەي مۇنارى بولۇپ، مۇنارنىڭ مەركىزىدىكى ئاساسىي لىفتنىڭ ئېگىزگە چىقىش ئارىلىقى 504 مېتىر كېلىدۇ.
ئەڭ چوڭ لىفت
يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ لىفت ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە بولۇپ، ئۇنىڭ كەڭلىكى 3.4 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 2.8 مېتىر، ئېگىزلىكى 2.6 مېتىر. ئەگەر 65 كىلوگىرام كېلىدىغان بىر ئادەمنىڭ ئېغىرلىقى بويىچە ھېسابلىساق، بۇ لىفتكە 80 ئادەم سىغىدۇ. تەھىرلىگۇچى:admin
|