پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇمپايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-01-05 17:00 مەنبەسى: ئۇيغۇر رادىئو تور ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
【بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەزالىق بەدەل پۇلى】بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ راسخوتىنىڭ كۆپ قىسمى ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر تا
تەلەي +1

 

بىرلەشكەن    دۆلەتلەر    تەشكىلاتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى
 

【بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى】 بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا فاشىسىزىمغا قارشى ئۇرۇشى غەلبە قىلغانلىقىنىڭ زەپەر مارشى ئاستىدا قۇرۇلغان. 1942-يىلى 1-يانۋار، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە فاشىستلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا جۇڭگو، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق 26 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى ۋاشىنگتوندا «بىرلەشمە خىتابنامە» ئېلان قىلدى. 1945-يىلى 25-ئاپرېل، 50 دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەر ئامېرىكىنىڭ سانفىرانسېسكودا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا تەشكىلات يىغىنى ئاچتى. 26-ئىيۇن، 50 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنى» ئىمزالىدى، كەينىدىن پولشامۇ بۇ نىزامنامىنى تولۇقلاپ ئىمزالىدى. شۇ يىلى 24-ئۆكتەبىر، جۇڭگو، فىرانسىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە نىزامنامىنى ئىمزالىغان باشقا كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر تەستىقنامىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، بۇ نىزامنامە كۈچكە ئىگە بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رەسمىي قۇرۇلدى. 1947-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا 24-ئۆكتەبىرنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۈنى قىلىش قارار قىلىندى.

【بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش مەقسىتى】بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش مەقسىتى خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش؛ خەلقئارادا ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ باراۋەر ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پىرىنسىپى ئاساسىدا دوستلۇق مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش؛ خەلقئارادىكى ئىقتىساد، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىلىرىنى خەلقئارا ھەمكارلىق ئاساسىدا قانات يايدۇرۇش، ھەمدە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاساسىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا تۈرتكە بولۇش.

【ئاساسلىق ئاپپاراتلىرى】بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى، خەۋپسىزلىك كېڭىشى، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي كېڭىشى، ۋاكالىتەن باشقۇرۇش كېڭىشى، خەلقئارا سوت مەھكىمىسى ۋە كاتىبات باشقارمىسىدىن ئىبارەت ئالتە ئاساسلىق ئاپپارات تەسىس قىلغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى بارلىق ئەزا دۆلەتلەردىن تەشكىللىنىدۇ، ھەر يىلى بىر نۆۋەت دائىمىي يىغىن ئېچىلىدۇ. يېڭى بىر نۆۋەتلىك دائىمىي يىغىن ھەر يىلى 9-ئايدا ئېچىلىدۇ، ئادەتتە 12-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى يىغىن مەزگىلىدە يىغىننى ۋاقىتلىق توختىتىشنى قارار قىلسا بولىدۇ، ھەمدە كېيىنرەك قايتىدىن ئاچسا بولىدۇ، ئەمما كېيىنكى نۆۋەتلىك دائىمىي يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن يېپىلىشى كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، يىغىننىڭ نىزامنامە دائىرىسىدىكى ھەر قانداق مەسىلە ياكى قارالمىلارنى مۇزاكىرە قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ ھەمدە ئەزا دۆلەت ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تەكلىپ بەرسە بولىدۇ.

【خەۋپسىزلىك كېڭىشى】خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 15 ئەزاسى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو، فىرانسىيە، رۇسىيە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا دائىمىي ئەزا دۆلەت، قالغان 10 ى دائىمىي ئەزا بولمىغان دۆلەت. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى ھەر يىلى بەش دائىمىي ئەزا بولمىغان دۆلەتنى سايلاپ چىقىدۇ، بۇنىڭ سانى رايون بويىچە تەقسىم قىلىنىدۇ ھەمدە يىغىندا 3 دەن 2 قىسىمدىن ئارتۇق ئاۋازغا ئېرىشىشى كېرەك. نۆۋەتتە، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بولمىغان دۆلەتلەر ھىندىستان، كولومبىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، گېرمانىيە ۋە پورتۇگالىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلانغان. بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا، لىۋان، نىگېرىيە، گابون ۋە بىرازىلىيەنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاياغلاشتى.

«نىزامنامىدە» مۇنۇلار بەلگىلەندى: خەۋپسىزلىك كېڭىشى خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش جەھەتتە ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، كاتىبات باشقارمىسى باش كاتىپ ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىزمەتچى خادىملىرىدىن تەشكىللىنىدۇ، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئاپپاراتلارغا مۇلازىمەت قىلىش ھەمدە بۇ ئاپپاراتلار تۈزگەن لايىھە ۋە سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل بولۇش. باش كاتىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالى مەمۇرىي باشلىقى، بۇنىڭدىن باشقا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېھتىياجغا ئاساسەن سانى ئىنتايىن كۆپ تۈرلۈك كېڭەش، كومىتېت ياكى باشقا ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلسا بولىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئورگىنى ئامېرىكىنىڭ نىيۇ-يوركتا تەسىس قىلىنغان. 

【باش ئورگىنى】بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئورگىنى ئامېرىكىنىڭ نيو-يوركتا تەسىس قىلىنغان، شېۋىتسارىيىنىڭ جەنۋەدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياۋروپا ئىش بېجىرىش باشقارمىسى تەسىس قىلىنغان. 2003-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسى ھويلىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاپپارات ئىشخانا بىنالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نيۇ يورك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش ئورگىنىدا تاماكا چېكىش ئومۇميۈزلۈك مەنئىي قىلىنغان.

【گېربى ۋە بايرىقى】 بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي گېربى- شىمالىي قۇتۇپتىن قارىغاندىكى دۇنيا خەرىتىسى بولۇپ، چۆرىسى زەيتۇن شېخى ئوراپ تۇرغان نەقىش بىلەن بېزەلگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بايرىقىنىڭ تىگى سۇس كۆكرەڭ بولۇپ، ئوتتۇرىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاق رەڭلىك گېربى بار.

【تەشكىلىي ئاپپاراتى】 بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئالتە ئاساسلىق ئاپپارات بار: يىغىن، خەۋپسىزلىك كېڭىشى، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي كېڭەش، ۋاكالىتەن باشقۇرۇش كېڭىشى، خەلقئارا سوت مەھكىمىسى ۋە كاتىبات باشقارمىسى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن مەخسۇس كومىتېت ۋە بۇ كومىتېتلارغا مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلار بار.

【بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى】 «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى»گە ئاساسەن، باش كاتىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەمۇرىي باشلىقى، خەۋپسىزلىك كېڭىشى كۆرسىتىدۇ ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى ئارقىلىق ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدۇ. نامزات چوقۇم خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا ئۈچتىن ئىككى قىسىم دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى كېرەك، ئۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا، جۇڭگو، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر.

【باش كاتىپى】بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھازىرقى باش كاتىپى كورىيەلىك بان كىمون.
 【بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەزالىق بەدەل پۇلى】بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ راسخوتىنىڭ كۆپ قىسمى ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر تاپشۇرغان ئەزالىق بەدەل پۇلىدىن كېلىدۇ. بەدەل پۇلى ئاساسلىقى دائىملىق خامچوت، تىنچلىقنى قوغداش راسخوتى ۋە خەلقئارا سوت ھەققىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئەزا دۆلەتلەر «ئىقتىدارىنىڭ يېتىشىچە تۆلەش» پىرىنسىپى بويىچە تەڭ تۆلەيدۇ.

نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارا بوران چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈردى، ئەگرى-توقايلىقلار ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئىنسانلارنىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. يەر شارىنى مۇستەملىكىسىزلەندۈرۈش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. 2006-يىلى 6-ئايغىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر قۇرۇلۇش مەزگىلىدىكى 51 دىن 192 گە كۆپىيىپ، ھازىرقى زامان ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتتىن تەشكىللەنگەن ئەڭ ئومۇميۈزلۈك ۋە نوپۇزلۇق ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارا تەشكىلاتقا ئايلاندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ماتېرىياللارغا ئاساسەن، 1948-يىلىدىن بۇيان، خەۋپسىزلىك كېڭىشى 60 دىن ئارتۇق تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. بۇنىڭدىن باشقا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەنە ئىلگىرى-كېيىن يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىكتىن تارتىپ تاشقى بوشلۇقتىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىش قاتارلىق نەچچە يۈز خەلقئارا شەرتنامىنى تۈزۈپ چىقىشقا تەشكىللىگەن.

جۇڭگو 1945-يىلى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى سان فىرانسىسىكو يىغىنىغا قاتنىشىشقا ئەۋەتكەن، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى دۇڭ بىۋۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە قاتناشقان ھەمدە «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى»گە ئىمزا قويغان. 1971-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 2758- نومۇرلۇق قارار لايىھەسى ماقۇللاپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بارلىق ھوقۇق مەنپەئەتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى بىردىنبىر قانۇنلۇق ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش ھەمدە جاڭ جېشىنىڭ ۋەكىلىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق بارلىق ئاپپاراتلاردا قانۇنسىز ئىگىلىگەن ئورۇندىن قوغلاپ چىقىرىش»نى قارار قىلغان.

【بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شېئىرى】بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شېئىرىنىڭ تېكىستىنى ئامېرىكىلىق شائىر رومىي يازغان، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كومپوزىتورى شوستاكوۋىچ مۇزىكىسىنى ئىشلىگەن.

【بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر】بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرمەكچى بولغان دۆلەتلەر بىر پارچە ئىلتىماس تاپشۇرۇپ، نىزامنامىدىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى، خەۋپسىزلىك كېڭىشى تونۇشتۇرۇشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك. خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا مەلۇم بىر دۆلەتكە ئالدىنى ئېلىش ھەرىكىتى ياكى مەجبۇرىي ھەرىكەت قوللانغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇ دۆلەتنىڭ ئەزا دۆلەتلىك ھوقۇقى ۋە ئىمتىيازىنى توختىتىدۇ. خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۇ ھوقۇق ۋە ئىمتىيازنى ئەسلىگە كەلتۈرسە بولىدۇ. نىزامنامە پىرىنسىپىغا يەنە خىلاپلىق قىلغان ئەزا دۆلەتلەرگە قارىتا يىغىندا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۇنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن قوغلاش تەكلىپى بېرىلسە بولىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تۇرۇشلۇق جايدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى تەسىس قىلىدۇ، كۆزەتچى ئەزا دۆلەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق كۆزەتچى ئەزا دۆلەتنىڭ ئىش بېجىرىش باشقارمىسى تەسىس قىلىدۇ. 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا 193 دۆلەت ئەزا بولدى. ئۇنىڭ ئىچىدە ئاسىيادا 39، ئافرىقىدا 54، شەرقى ياۋروپا ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر گەۋدىسىدە 28، غەربىي ياۋروپادا 23، لاتىن ئامېرىكىسىدا 33، شىمالىي ئامېرىكا، ئوكيانىيەدە 16 ئەزاسى بار. ئۇنىڭدىن باشقا ۋاتىكان، پەلەستىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق كۆزەتچى دۆلەتلەر. پەلەستىننىڭ ئورنى ۋاتىكاندىن يۇقىرىراق.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئوماق قوزام] بۇلاردەك ئوماقلارنى كۆرگەنمۇ؟ [ 2012-01-05 17:14:22 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] ئېلىمىز پەن-تېخنىكا ساھەسىدە زور نەتىجىلەر قولغا ك [ 2012-01-05 17:03:13 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى [ 2012-01-05 17:00:18 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] دۇنيا سودا تەشكىلاتى [ 2012-01-05 16:56:30 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى [ 2012-01-05 16:43:49 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] تۆمۈر داۋامەت [ 2012-01-05 16:39:47 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئىسمايىل تىلىۋالدى [ 2012-01-05 16:36:23 ]
[تارىخى بىلىملەر] «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى» دېگەن نامنىڭ كېلىپ [ 2012-01-05 16:34:36 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] ھەرخىل لىفتلار [ 2012-01-05 16:32:51 ]
[قانۇن تۇزۇم] تىرىك بوۋاقنىڭ ئۆلۈك بوۋاققا ئايلىنىپ قېلىش ۋەقەس [ 2011-12-05 13:44:21 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر