پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارىخ دەرسىنى ئۆزلەشتۈرۈشتىكى مۇھ

يوللانغان ۋاقتى: 2011-11-20 17:42 مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارىخ دەرسىنى ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى يادرو قىلىپ، ئۇلارنى تارىخىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە
تەلەي +1

ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارىخ دەرسىنى ئۆزلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم نۇقتىلار دەپ قارىغانلىرىم

 

     تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارىخ دەرسىنى ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى يادرو قىلىپ، ئۇلارنى تارىخىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە يېتەكلىگەندە، ئوقۇغۇچىلاردا مۇستەقىل پىكىر قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش ئىدىيەسى تۇرغۇزۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارىخقا ئائىت مەسىلىلەرنى بايقاش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارى تەدرىجىي يېتىلىپ، تارىخ ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

    تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنى تارىخ دەرسنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەشتە، ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارىخ دەرسىنى ئۆگىنىش ئۇسلۇبى، ئۈنۈمى ۋە مۇناسىۋەتلىك قوللىنىشچانلىققا ئىگە ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىگە ئىلمىي نۇقتىدىن قاراش كېرەك. چۈنكى، تارىخ ئۆگىنىشكە ئىلمىي نۇقتىدىن قاراش تارىخ ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. شۇڭا، تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنى تارىخ دەرسىنى ئۆگىنىشكە يېتەكلىگەندە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارىخ دەرسىگە بولغان ئۆگىنىش ئۇسلۇبى، ئۈنۈمى ۋە قوللىنىشچانلىققا ئىگە بولغان ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىشىغا قاراش كېرەك.

    تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنى تارىخ دەرسىنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەشتە تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىلار بويىچە يېتەكلەش كېرەك، دەپ قارايمەن:

. 1 كۆزىتىش ئۇسۇلى. تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارىخ دەرسنى ئۆگىنىش پىلانلىرىنى كۆزىتىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنى تارىخ دەرسىنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەش كېرەك. مەسىلەن: تولۇقسىز 3 يىللىق تارىخ دەرسىدىكى ‹‹ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش›› دېگەن دەرسنى ئۆتكەندە، تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى كونكرېت ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاپ ئۆتۈش كېرەك.

. 2پائالىيەت ئۇسۇلى. تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارىخ دەرس ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارنى ئېكسكۇرسىيە، جەمئىيەت تەكشۈرۈشكە ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارىخىي بىلىملىرىنى ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىش ئۇسۇلى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ئوقۇغۇچىلارغا چۈشەندۈرۈش، تەھلىل قىلدۇرۇش كېرەك.

. 3ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئۆزىگە باھا بېرىش ئۇسۇلى. ئوقۇغۇچىلار تارىخ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆزىنىڭ تارىخ ئۆگىنىش نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئۆگىنىش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، راستچىل، سەمىمىيلىك بىلەن ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى تاللاش كېرەك.

. 4 سىناق ئېلىش. تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلاردىن قەرەللىك ۋە قەرەلسىز سىناق ئېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارىخ دەرسىنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىغا قارىتا كۆڭلىدە سان تۇرغۇزۇش كېرەك.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[باشقا رەسىملەر] خوتەندىكى ئىت تالاشتۇرۇش [ 2011-12-18 09:16:53 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بوۋاقلار تاللاپ دوراشنى بىلىدۇ [ 2011-12-10 15:43:15 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ھوشۇر ئىسلام جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادې [ 2011-12-10 15:41:25 ]
[تارىخى بىلىملەر] شىنجاڭدىن تېپىلغان پىرىسىيەنىڭ كۈمۈش پۇللىرى [ 2011-12-10 15:40:20 ]
[قانۇن تۇزۇم] قانداق قىلمىش ئالاقە تورى خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقارغ [ 2011-12-10 15:38:17 ]
[قانۇن تۇزۇم] كارخانا ئەمگەك تالاش–تارتىشىنى كېڭىشىش، مۇرەسسە [ 2011-12-10 15:37:08 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] %90 كە يېقىن مەكتەپ ئاپتوموبىلى ئۆلچەمگە يەتمەيدۇ [ 2011-12-10 15:34:11 ]
[قانۇن تۇزۇم] مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا [ 2011-12-10 15:32:26 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] روسىيەلىك قىز ئۆز ئاپىسى تەرىپىدىن 9 يىل قاماپ قويۇ [ 2011-12-10 15:31:11 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] بالىلارنى قوغداش ئۈچۈن ئاۋسترىيە قانۇنغا تۈزىتىش [ 2011-12-10 15:29:30 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر