باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ
يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-08 12:00 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
قانداق قىلغاندا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەسىلە يېشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۇرگىلى بولىدۇ باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا دەرسلىك
 |
 |
قانداق قىلغاندا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەسىلە يېشىش
ئىقتىدارىنى ئۆستۇرگىلى بولىدۇ
باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا دەرسلىكىدىكى مەسىلە يېشىش - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىپ، زېھنىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىنى يېتىلدۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. لېكىن ئوقۇغۇچىلاردا مەسىلە يېشىشنىڭ مۇھىم يوللىرىنى ئىگىلىيەلمەسلىك سەۋەبىدىن، مەسىلىلەرنى خاتا يېشىپ قويىدىغان ئەھۋاللار داۋاملىق كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلاردا بارا - بارا مەسىلە يېشىشتىن زېرىكىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، ئوقۇغۇچىلاردىكى بۇ خىل ئەھۋاللار خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلە يېشىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش جەھەتتە تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
بىرىنچى: ئوقۇغۇچىلارنى مەسىلىنى ئوقۇپ چىقىشقا يېتەكلەپ، مەسىلىنى كۆزىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
بەزى مەسىلىلەردىكى سانلىق مىقدارلار مۇناسىۋىتى بىر قەدەر ئابىستراكت ھەمدە مۇرەككەپ ئۆزگىرىشچان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار مەسىلىنى ئىنچىكە كۆزەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، خاتا يېشىپ قويىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، ئۇنداقتا مەسىلىنى قانداق كۆزىتىش كېرەك؟
1. ئوقۇغۇچىلارنى توغرا ئوقۇشقا يېتەكلەش كېرەك. مەسىلەن:
1 ) مەكتەپتە 20 دانە پۇتبول بار، ۋالىبولنىڭ سانى پۇتبول سانىنىڭ تۆتتىن بىرىچىلىك كۆپ بولسا، قانچە دانە ۋالىبول بار؟
2 )مەكتەپتە 20 دانە پۇتبول بار، پۇتبولنىڭ سانى ۋالىبول سانىنىڭ تۆتتىن بىرىچىلىك كۆپ بولسا، قانچە دانە ۋالىبول بار؟
3)مەكتەپتە 20 دانە پۇتبول بار، ۋالىبولنىڭ سانى پۇتبول سانىنىڭ بەشتىن بىرىچىلىك ئاز بولسا، قانچە دانە ۋالىبول بار؟
4)مەكتەپتە 20 دانە پۇتبول بار، پۇتبولنىڭ سانى ۋالىبول سانىنىڭ بەشتىن بىرىچىلىك ئاز بولسا، قانچە دانە ۋالىبول بار؟
يۇقىرىقى بىر گۇرۇپپا مەسىلىلەرنى ئىنچىكە ئوقۇمىغاندا، مەسىلىدىكى بىرلىك 1نى توغرا تاپقىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قانچىلىك ئاز ۋە قانچىلىك كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىغىلى بولمايدۇ، شۇڭا توغرا ئوقۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
2. ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىپ ئوقۇشقا يېتەكلەش كېرەك. مەسىلەن: مېۋە دۇكىنى ئاپېلسىن، ئالما ۋە نەشپۈتتىن جەمئىي 320 كىلوگرام ئېلىپ كەلدى، ئاپېلسىن بىلەن ئالمىنىڭ نىسبىتى 6:5 بولۇپ، نەشپۈتنىڭ ئېغىرلىقى ئالمىنىڭ 10/3 ىگە توغرا كەلسە، ئاپېلسىن نەشپۈتتىن قانچە كىلوگرام كۆپ؟ بۇ مەسىلىدىكى «6:5» بىلەن «10/3» بولسا ئالمىنىڭ سانىنى بىرلىك 1 دەپ قارىغان بولۇپ، مەسىلىنى ئوقۇغاندا، مەسىلىنىڭ مەنىسىنى بىلەلىگەندىلا، ئاندىن ھەل قىلىش يولىنى تاپقىلى بولىدۇ.
3. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلە ئوقۇغاندا، مەسىلىدىكى مۇھىم سۆز - جۈملىلەرنى چۈشىنىشكە يېتەكلەش كېرەك.
مۇھىم سۆز - جۈملىلەر بەزىدە مەسىلىنىڭ سوئالى، بەزىدە مەسىلىنىڭ ئېنىق شەرتى ياكى يوشۇرۇن شەرتى بولىدۇ. مەسىلىنى يېشىشنىڭ قەدەم - باسقۇچلىرى مۇھىم سۆز - جۈملىلەردىن ئايرىلالمايدۇ، مەسىلىدىكى سانلىق مىقدارلار مۇناسىۋىتى مەسىلىدىكى مەلۇم سۆز - جۈملىلەردە ئىپادىلىنىدۇ، ئوقۇتۇش جەريانىدا بۇ مۇھىم سۆز - جۈملىلەرنى تەھلىل قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، شەرت بىلەن سوئال، شەرت بىلەن شەرت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى باغلىغاندىلا، مەسىلىنىڭ مەنىسىنى ئېنىقلاپ، يېشىش ئۇسۇلىنى تاپقىلى بولىدۇ. مەسىلەن:
نۇرلۇق كىنوخانىسىدا ئەسلىدە ھەر بىر قاتاردا 38 كىشىلىك ئورۇندىن 32 قاتار بار ئىدى، كېڭەيتىلگەندىن كېيىن 40 قاتار بولغان بولۇپ، ئەسلىدىكىدىن 704 كىشىلىك ئورۇن كۆپەيگەن بولسا، كېڭەيتىلگەندىن كېيىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر قاتاردا قانچە كىشىلىك ئورۇن كۆپەيگەن؟ بۇ مەسىلىدىكى كۆپەيتىلگەن دېگەن سۆز كىنوخانىدىكى ئورۇننىڭ قاتار سانى كۆپەيتىلگەن بولماستىن بەلكى ئورۇن سانى نىڭ كۆپەيتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىككىنچى: بىر مەسىلىنى كۆپ خىل يوللار بىلەن يېشىشكە ئادەتلەندۈرۈش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى جانلاندۇرۇش ھەم يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ. مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ كۆپ تەرەپلىمە يولىنى ئويلىغاندىلا، ئاندىن مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىنىڭ ئاددىي، كۆپ، يېڭىبولىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ئۈچىنچى: تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىنى مەشق قىلدۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. مەسىلىنى يېشىش ئۇسۇلى قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە جانلىق بولىدۇ. مەسىلەن:
1. كېسىك سىزىش ئارقىلىق تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى
كېسىك - مەسىلىدىكى سانلىق مىقدارلار مۇناسىۋىتىنى ئېنىق، توغرا ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ، بولۇپمۇ ئاددىي كەسىرگە دائىر مەسىلىلەرنى يېشىشكە تېخىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.
2. مەسىلىنى تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى
مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى بىر قانچە ئاددىي مەسىلىلەرگە پارچىلاش ئارقىلىق مۇھىم ھالقىنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ.
3. مەسىلىنىڭ بەزى شەرتلىرىنى مەنىسىنى ئۆزگەرتمىگەن ھالدا ئاددىي بولغان شەرتلەرگە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق مەسىلىدىكى سانلىق مىقدارلار مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ.
تۆتىنچى: سېلىشتۇرۇش مەشقىغە دىققەت قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىلەر ئارىسىدىكى پەرق ۋە مۇناسىۋەتنى بىلىش، تەھلىل قىلىش يوللىرىنى ئېنىقلاپ، توغرا يېشىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ، ئانالىز قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن سىرت، شەكلى ئۆزگەرگەن مەشىق، كېڭەيتىلگەن ۋە قىسقارتىلغان شەكىلدىكى ئالماشتۇرۇش مەشقى، سوئال قويۇش مەشقى قاتارلىقلار. مەسىلىلەرنى ئوقۇتۇشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولۇپ، ئېھتىياجىغا ئاساسەن جانلىق قوللىنىش كېرەك. تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|
------分隔线----------------------------