ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرقىغا باھا بەرگەندە نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك؟
دەرس ئۆتۈش ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسىي ، دەرس ئۆتۈش بىلەن بىرگە تاپشۇرۇق بىرىش دەرىسنىڭ ئۆزلىشىشى سىنايدىغان مۇھىم بىر سىناق ، دەرىسنىڭ ياخشى ئۆتۈلگەن-ئۆتۈلمىگەنلىكى ئوقۇغۇچىلارغائۆزلەشكەن،ئۆزلەشمىگەنلىكى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىسنى زادى چۈشەنگەن- چۈشەنمىگەنلىكى باھابىرىشتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىگەن تاپشۇرقىنىڭ توغرا-خاتالىقىغا قاراش بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ ئىقدىدارىغا باھابىرىش ، دەرس ئۆتۈش ماھارىتىگە باھا بەرگىلى بولىدۇ . ئۇنداقتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرقىغا باھا بەرگەندە نىمىلەرگە دىققەت قىلىش زادى قايسى ئىشلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك !!! . 1 ئالدى بىلەن تاپشۇرۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس كىلىدىغان بولۇشى كىرەك ، تاپشۇرۇق مىقدارى ئاز ياكى كۆپ بولماسلىق تولىمۇ مۇھىم ، بىرىلگەن تاپشۇرۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغاماس كەلمىسە ئوقۇغۇچىلارنى قايمۇقتۇرۇپ قويۇ پ كۆزلگەن مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ ، مىقدارى جەھەتتىن بەك ئاز بوپكەتسە ھورۇنلۇق قىلىش ، سەل قاراش قاتارلىق ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن تاپشۇرۇقنى نۇرمال بىرىش كىرەك. . 2 تاپشۇرۇق بىرىشتە دەرىسكە مۇناسىۋەتلىك تاپشۇرۇقنى بىرىش ، دەرس مەزمۇنىدىن چەتنەپ كەتمەسلىك كىرەك ، . 3 تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشتە ئوقۇغۇچىلار خاتا ئىشلىگەن – ئىشلىيەلمىگەن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەن تەرەپلار بولسا ۋاقتىدا تۈزىتىش ، توغۇرلاپ مىڭىش ، قولنىڭ ئۇچىدىلا ئالۋاڭغا تۈزەتمەسلىك كىرەك . 4 ئوقۇغۇچىلارغا بىرىلدىغان باھا مۇۋاپپىق بولۇشى ، ئۇلارغا ھاقارەتلەيدىغان ، كەمسىتىدىغان ، غۇرۇرىغا تىگىدىغان گەپ سۆزلەرنى تاپشۇرۇق دەپتەرگە يازماسلىقى كىرەك ، مەسىلەن : سىز دۆتمۇ ؟ ، كاللىڭىز ئىشلىمەمدۇ؟ ھاقارەت رەسىملىرىنى سىزىپ قويماسلىق كىرەك . بۇنداق بولمىغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەش قىزغىنلىقىنى تۆۋەنلەپ شۇ دەرىسكە ھەم شۇ ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى بىرىپ قويىدۇ. . 5 تاپشۇرۇق بىرىپ تەكشۈرۈشتە تاپشۇرۇقنىڭ ۋاقتىدا تەكشۈرلۈپ ، ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىغا تىگېشىگە كاپالەتلىك قىلىش كىرەك ، بۇنداق بولمىغاندا تاپشۇرۇق بىسىلىپ قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەم ئوقۇتقۇچىنىڭ يۈكى ئىشىپ كىتىش ئەھۋالى يۈزبىرىدۇ ، تاپشۇرۇقنى تەكشۈرۈپ خاتا كەتكەن ، ئىشلىيەلمىگەن نۇقتىلارغا سىنىپتا خۇلاسە قىلىپ بىرىشكە ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك ، مۇشۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرقىنى ۋاقتىدا بىرىش ۋە ۋاقتىدا ئىشلەش ئىقدىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ . 6 تاپشۇرۇقنى خۇلاسە قىلغان چاغدا ، تاپشۇرۇقنى ئىشلىمىگەن ياكى ئەستايىدىل ئىشلىمىگەن ، بىر-بىرىدىن كۆچۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئوتتۇردا تەنقىد قىلماي ئايرىم تەربىيە بىرىپ ، ئايرىم كۆرسىتىپ ، كۆرسىتىپ بىرىشكە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك ، كۆچۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆچۈرمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىنىق پەرىق ئىتىپ ئايرىم يىتەكلەشكە ، تەربىيە بىرىشكە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك . مۇشۇنداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل پىكىريۈرگۈزۈش، تەھلىل قىلىش ، ئوقۇتقۇچىدىن كۆپ سۇئال سوراش ئىقدىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ يەنە تاپشۇرۇقنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىكى قىممىتى ، رولى ۋە ئەھمىيتى بولىدۇ .
|