پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە ھېس قىلغان

يوللانغان ۋاقتى: 2011-09-20 23:37 مەنبەسى: شىنجاڭ گىزىتى ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا، ئانا تىل مەدەنىيىتى بىلەن خەنزۇ تىلى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت كاتېگورىيەسىنىڭ پەرقىنى

خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە ھېس قىلغانلىرىم

 

كۈرەش بارات

 خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مېنىڭچە تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىشى كېرەك:

.1 خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇتۇشنى دەۋر تەلىپىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئېلېكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، خەنزۇ تىلىدىكى شەكىلداش، مەنىداش سۆزلەرنى پىرويېكسىيە ئاپپاراتى ئارقىلىق كۆرسىتىپ، تېكىست مەزمۇنىنى مۇۋاپىق مۇزىكىلاشتۇرۇپ، خام سۆزلەرنى كارتا، پىرويېكسىيە ئاپپاراتىنىڭ پىلاستىنكىسى ئارقىلىق جانلىق چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى، كومپيۇتېر ئارقىلىق ئۈلگىلىك جۈملىلەرنى سېلىشتۇرۇش ۋە ئىجادىي جۈملىلەرنى كۆرسىتىپ دەرسنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

.2 خەنزۇ تىلى دەرسىدە ئاساسى ئاجىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايسى تەرەپتىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى توغرا بايقاپ، قاراتمىلىقى بولغان كونسۇلتاتسىيە ئېلىپ بېرىپ، خەنزۇ تىلى دەرسىدە ئاجىز ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلىشى ھەم پۈتكۈل ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشكە بولغان ئاكتىپلىقىنى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

.3 ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ئاڭلاش بىلەن سۆزلەش تىل ئوقۇتۇشتىكى مۇھىم ھالقا بولۇپ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇتقۇچىلارنى خەنزۇ تىلىدا يۈرەكلىك سۆزلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، كۆپ ۋاسىتىلىك تىل ئوقۇتۇش تەجىربىخانىسىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاڭلاشتىن سۆزلەشكە يۈزلەندۈرۈشى كېرەك.

.4 خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا، ئانا تىل مەدەنىيىتى بىلەن خەنزۇ تىلى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت كاتېگورىيەسىنىڭ پەرقىنى چۈشەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى، تىل ئىشلىتىش ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش ئارقىلىق پەرقنى كۆرسىتىپ، ئەينەن كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەي، تەقلىدىي پەرقلەندۈرۈپ ئىشلىتىشنى ئەمەلىي مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ، ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ پىسخىك توسالغۇسىنى يېڭىشكە ياردەم بېرىش ئۇللىرىنى قوللىنىشى، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

.5  غەيرىي دەرسلىك ماتېرىياللىرى بىلەن دەرسلىك ئوقۇتۇشىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمىنى ئىمكانقەدەر دەۋر قەدىمىگە تېز ماسلاشتۇرۇپ، خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا زورلاپ ئۆگىنىشتىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىشكە ئۆتۈشتەك ماھىيەتلىك بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

.6 تېكىست ئوقۇتۇش بىلەن ئەدەبىي ئەسەر تۈرلىرىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشنى ئوقۇغۇچىلارغا بىلدۈرۈش، تەرجىمە قىلدۇرۇش، چۈشەندۈرۈش، تەھلىل قىلدۇرۇش ئارقىلىق ھالقىلارنى پۇختا ئىگىلىتىشى، خەنزۇچە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تۈر ئالاھىدىلىكلىرى، قانۇنىيىتىنى ئىگىلىتىشى ۋە يېزىقچىلىق ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئاساس سېلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئوسكار ئىسىمنىڭ قويۇلىشى ھەققىدە [ 2011-10-24 15:23:28 ]
[تارىخى بىلىملەر] جۇڭگۇ تارىخىدىكى ئەڭلەر...... [ 2011-10-24 15:21:36 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] دۇنيادىكى 10 چوڭ يالغان گەپ [ 2011-10-24 15:17:18 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلاردىن ئاسانلا قۇتۇلساق بولماس [ 2011-10-24 15:15:45 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلاردا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇ [ 2011-10-24 15:14:35 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] نەزىرىمىزدىكى دادىلار [ 2011-10-24 15:11:57 ]
[قانۇن تۇزۇم] بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئالا [ 2011-10-24 15:10:35 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ تارىخى توغرىسىدا [ 2011-10-24 15:08:34 ]
[باشقا رەسىملەر] تۇغۇم شاكىلى - سەنئەتلىك دۇنيا [ 2011-10-12 17:19:19 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئۇرۇش قەھرىمانى زىخىرىللا نادىروف [ 2011-10-12 16:31:17 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر