پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىش ئالاھىدىلىكىگە ئىلمىي قار

يوللانغان ۋاقتى: 2011-09-20 23:39 مەنبەسى: شىنجاڭ گىزىتى ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى تالانت ئىگىلىرىنى دەرسخانىدىلا يېتەكلەش بىلەن ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىش ئالاھىدىلىكىگە ئىلمىي قاراش كېرەك

 

ئادىلجان مەمتىمىن

 

ئادەتتە، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈندىلىك ئۆتۈلۈۋاتقان دەرسلەرگە قىزىقىشى ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەدەبىياتقا قىزىقسا، بەزىلىرى فىزىكا، خىمىيەگە بەزىلىرى ماتېماتىكىغا قىزىقىدۇ. ئوقۇغۇچىلاردىكى بۇنداق ئالاھىدىلىكنىڭ پەيدا بولۇشىدا مۇنداق ئىككى سەۋەب بار. بۇنىڭ بىرى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزى ئۆتۈۋاتقان پەننىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى رولى، ئەھمىيىتى، باشقا پەنلەر بىلەن بولغان باغلىنىشى ھەققىدە چۈشەندۈرۈشلىرىنىڭ يېتەرلىك بولغان – بولمىغانلىقى، دەرس ئۆتۈشتە ئوقۇغۇچىلارنى ئىلمىي ئۇسۇلدا يېتەكلىگەن – يېتەكلىيەلمىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا؛ يەنەبىرى، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

ئوقۇغۇچىنىڭ قايسى دەرسكە قىزىقىشى يۇقىرى بولسا، ئۇنىڭ شۇ دەرسنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار قايسى ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىنى ياخشى چۈشىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ ماڭسا، شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىنى ئەستايىدىل ئاڭلايدۇ. ئوقۇغۇچىلار قايسى ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىنى دەرسخانىدا ياخشى ئۆزلەشتۈرەلمىسە، قايتا – قايتا تەكرار قىلىپمۇ چۈشىنەلمىسە، ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ شۇ دەرسكە قىزىقىشى سۇسلاپ كېتىدۇ – دە، ئاساسىي كۈچىنى ئۆزلىرى قىزىقىدىغان باشقا دەرسكە قارىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلاردىكى بۇنداق ئەھۋالنى سەزگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۆزى ئۆتۈۋاتقان دەرسكە بولغان قىزىقىشىنىڭ قانچىلىك بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئويلانماي ‹‹ئوقۇغۇچىلار دەرسىمگە نېمىشقا قىزىقمايدۇ، دەرس مەزمۇنىنى نېمىشقا تەكشى ئۆزلەشتۈرۈپ ماڭالمايدۇ؟›› دېگەندەك سوئاللارنى قويۇپ، ئۆزىنىڭ دەرس ئۆتۈش، چۈشەندۈرۈش ۋە ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ بېقىشنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش جەھەتتە تەجرىبىسى بار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئۆتۈش ئۇسۇللىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ بېقىشنى ئويلاشمايدۇ. ئۆتكەن دەرسىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى ‹‹تىرىشمىدىڭ››دەپ ئارتۇقچە ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىدۇ. بۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا پالانى دەرسنىلا ئۆگەنسەڭلار بولامدۇ؟ باشقا دەرسنىڭ سىلەرگە كېرىكى يوقمۇ؟ دەپ ئۇلارنى ئايرىم يېتەكلەشنىڭ ئورنىغا تەنقىد قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە، بىر تەرەپتىن، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىكى ئىناۋىتى تۆۋەنلەيدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىغا يامان تەسىر بېرىدۇ.

ئادەم تەربىيەلەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شەرەپلىك ۋەزىپىسى. شۇنداق ئىكەن، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى قانداق تەربىيەلەش، يېتەكلەش، ئۇلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش ئۈچۈن كۆپرەك ئىزدىنىش، باش قاتۇرۇشنى مۇقەددەس بۇرچۇم، دەپ بىلىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە قىزىقىش ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە ئەستايىدىل تەھلىل يۈرگۈزۈپ، ھەقىقىي سەۋەبىنى ئېنىقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىر – ئىككى پەنگە قىزىقماسلىقى ئۇنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. مەسىلەن: ئاتاقلىق ئالىم ئېينىشتېيىنمۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدا بەزى ئىمتىھانلاردىن دائىم ئۆتەلمەي قالاتتىكەن. بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ.

ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىراق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارى ئوخشاش بولمىغاچقا، بەزى ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىشتە ئالدىدا ماڭسا، بەزىلىرى دەرسكە ئاران – ئاران يېتىشىپ ماڭىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تەڭ يېتەكلەپ مېڭىشقا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىدىن بولماستىن، بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ زېھنىي قۇۋۋىتىدە مۇئەييەن پەرق بولىدىغانلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچىلاردىكى بۇنداق ئالاھىدىلىكنى تۇتۇپ، دەرستە ئارقىدا قالغانلاردىن ئورۇنسىز رەنجىمەي، ئۇلارنى ئايرىم يېتەكلەش، دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئايرىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ تالانتىنى بايقىغان ھامان ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئەتراپلىق بىلىم ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىشىغا مەدەت بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك.

ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى تالانت ئىگىلىرىنى دەرسخانىدىلا يېتەكلەش بىلەن ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. چۈنكى دەرسخانىدا ئوتتۇراھال كېتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى كۆزدە تۇتۇپ دەرس سۈرئىتى بەلگىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن زېھنى ئۆتكۈر، دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا زېھنى ئۆتكۈر ئوقۇغۇچىلارنى ئايرىم يېتەكلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئايرىم يېتەكلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئوسكار ئىسىمنىڭ قويۇلىشى ھەققىدە [ 2011-10-24 15:23:28 ]
[تارىخى بىلىملەر] جۇڭگۇ تارىخىدىكى ئەڭلەر...... [ 2011-10-24 15:21:36 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] دۇنيادىكى 10 چوڭ يالغان گەپ [ 2011-10-24 15:17:18 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلاردىن ئاسانلا قۇتۇلساق بولماس [ 2011-10-24 15:15:45 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلاردا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇ [ 2011-10-24 15:14:35 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] نەزىرىمىزدىكى دادىلار [ 2011-10-24 15:11:57 ]
[قانۇن تۇزۇم] بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئالا [ 2011-10-24 15:10:35 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ تارىخى توغرىسىدا [ 2011-10-24 15:08:34 ]
[باشقا رەسىملەر] تۇغۇم شاكىلى - سەنئەتلىك دۇنيا [ 2011-10-12 17:19:19 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئۇرۇش قەھرىمانى زىخىرىللا نادىروف [ 2011-10-12 16:31:17 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر