پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى ۋە ئۈنۈم

يوللانغان ۋاقتى: 2011-09-20 23:33 مەنبەسى: شىنجاڭ گىزىتى ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
خەنزۇ ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملاسى ۋە تەلەپپۇزى ھەققىدىكى قائىدە – قانۇنىيەتلەرنى پۇختا ئىگىلىتىشى كېرەك.

خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى ۋە ئۈنۈم

 

زاھىر زەپەر

 

ھەممىگە مەلۇم، خەنزۇ تىلى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تىلى. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىك دۆلەت تىلى ئوقۇتۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكتۇر. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شارائىتى يار بەرگەن جايلاردا ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشى يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملار، شۇنداقلا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە خەنزۇ تىلى ئاساسىي دەرسلىك بولۇپ ئومۇملىشىۋاتىدۇ، بۇنداق شارائىتتا، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى ئاساسى ياخشى بولمىسا بولمايدۇ. چۈنكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرىتۆۋەن بولۇشى ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملاردىكى كەسپىي دەرسلەرنى ئۆگىنىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئاساسىنىڭ پۇختا بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدىكى ئەمەلىيىتىم ۋە تەجرىبەمدىن ھېس قىلغانلىرىمغا قارىغاندا، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن:

. 1 ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشى زۆرۈر. خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ كەسپىي سەۋىيەسى، بولۇپمۇ، خەنزۇچە تەلەپپۇزىنىڭ ياخشى – يامانلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە تەلەپپۇزىنىڭ ياخشىيامانلىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، خەنزۇ تىل ئوقۇتقۇچىسى كەسپىي ساپاسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، خەنزۇچە تەلەپپۇزىنى توغرىلاپ، ئورتاق ئەدەبىي تىلنى ئىشلىتىشى، ئوقۇغۇچىلارغىمۇ شۇ تەلەپنى قويۇشى، خەنزۇ ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملاسى ۋە تەلەپپۇزى ھەققىدىكى قائىدە – قانۇنىيەتلەرنى پۇختا ئىگىلىتىشى كېرەك.

. 2 ئوقۇغۇچىلاردا خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يېتىلدۈرۈش زۆرۈر. ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشكە قىزىقىش – قىزىقماسلىقى خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇش – بولماسلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچىلاردا خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، دەرسنى ئامال بار ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۆتۈش، زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلانغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ رېئاللىقىنىمۇ نەزەردە تۇتۇش، جانلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە كۆپرەك ئوقۇشقا، كۆپرەك يېزىشقا، كۆپرەك ئاڭلاشقا، كۆپرەك سۆزلەشكە يېتەكلەش كېرەك.

. 3 ئوقۇغۇچىلاردا ئىشەنچ شەكىللەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنىڭ بولۇشبولماسلىقى ئۇلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى، تۆۋەن بولۇشىدىكى مۇھىم ئامىلدۇر. بەزى ئوقۇغۇچىلار خەنزۇ تىلىنى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە ئۆگىنىدۇ – يۇ، لېكىن دەرسخانىدا سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، خاتا سۆزلەپ قالسام ياكى توغرا تەلەپپۇز قىلالمىسام، ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالدىدا مەسخىرىگە قالارمەنمۇ، دەپ ئەنسىرەيدۇ. شۇڭا، خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى رىغبەتلەندۈرۈشىنى ئاساس قىلىپ، ئۇلار جاۋاب بېرەلەيدىغان سوئاللارنى سوراپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشى، شارائىت يار بەرسە ھەر كۈنى مۇۋاپىق ۋاقىت چىقىرىپ، خەنزۇ تىلىدىكى رادىيونى ئاڭلاشقا، خەنزۇچە تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى كۆرۈشكە ۋە ئۆزئارا خەنزۇچە سۆزلىشىشكە تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئوسكار ئىسىمنىڭ قويۇلىشى ھەققىدە [ 2011-10-24 15:23:28 ]
[تارىخى بىلىملەر] جۇڭگۇ تارىخىدىكى ئەڭلەر...... [ 2011-10-24 15:21:36 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] دۇنيادىكى 10 چوڭ يالغان گەپ [ 2011-10-24 15:17:18 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلاردىن ئاسانلا قۇتۇلساق بولماس [ 2011-10-24 15:15:45 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلاردا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇ [ 2011-10-24 15:14:35 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] نەزىرىمىزدىكى دادىلار [ 2011-10-24 15:11:57 ]
[قانۇن تۇزۇم] بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئالا [ 2011-10-24 15:10:35 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ تارىخى توغرىسىدا [ 2011-10-24 15:08:34 ]
[باشقا رەسىملەر] تۇغۇم شاكىلى - سەنئەتلىك دۇنيا [ 2011-10-12 17:19:19 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئۇرۇش قەھرىمانى زىخىرىللا نادىروف [ 2011-10-12 16:31:17 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر