بالىلار مائارىپىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى دەپ قارىغانلىرىم
پاتىگۈل سەيلاۋدۇن غۇرۇر بالىلارنىڭ ئۆگىنىش، ئالاقە، ئىجادچانلىق، سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقى ۋە خاسلىقنىڭ تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. بالىلارنىڭ غۇرۇرىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بالىلارغا ئۆزلىرىنىڭ سۆيۈملۈك، ئىقتىدارلىق، ياراملىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ھەم ئۇلاردا فىزىيولوگىيەلىك ۋە پىسخىك جەھەتتىكى بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، ئۆز – ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى، ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرۈش. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرقى بالىلار مائارىپىدا مېنىڭچە تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ئىزدىنىش ۋە ئىسلاھ قىلىش كېرەك، دەپ قارايمەن: . 1 بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ھالىتىگە ئىلھام بېرىش كېرەك. بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرسا، بالىلار ئەڭ ياخشى، ئەڭ تېز ئۆگىنىۋالالايدۇ. شۇڭا، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشتا بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى ئەڭ ياخشى ھالەتكە كەلتۈرۈپ، بالىلارنى ئۆگىنىش ھالىتىگە كەلتۈرۈش، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى سۈپەتلىك تاماملاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، لىرىك مۇزىكا، ياخشى مۇھىت، ئازادە كەيپىيات، قىزغىن ئوقۇتقۇچى ۋە ئېسىل ئوقۇتۇش مېتودى، ئېنىق ئۆگىنىش ئۇسلۇبى قاتارلىقلار بالىلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش ھالىتىنى قوزغىتىشتا مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. . 2 بالىلارنىڭ ئۆگىنىش تىپى بىلەن ئەقلىي ئىقتىدار تىپىدىكى پەرقلەرگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك. دەرسخانىدا مەركەزلەشتۈرۈپ ئوقۇتۇشتا ھەر بىر بالىنىڭ خاسلىق پەرقىگە ئېتىبار بېرىپ، دەرس ئۆتۈشتە بالىنىڭ خاس ئالاھىدىلىكىگە تولۇق ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئاز دېگەندە يەتتە خىل ئەقلىي ئىقتىدار مەركىزى بولىدىكەن، بۇلار تىل ئەقلىي ئىقتىدارى، لوگىكا ياكى ماتېماتىكا ئەقلىي ئىقتىدارى، مۇزىكا ئەقلىي ئىقتىدارى، بوشلۇق ياكى كۆرۈش سېزىمى ئەقلىي ئىقتىدارى، ھەرىكەت ياكى بەدەن ئەقلىي ئىقتىدارى، ئىچكى ئەقلىي ئىقتىدارى ياكى ئىچكى كۆزىتىش ئەقلىي ئىقتىدارى (ئۆز ئىقتىدارىنى كۆزىتىش ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارى) قاتارلىقلار بولۇپ، بۇنداق ئىقتىدارنىڭ ئوخشىمىغان ئادەملەردە تەرەققىي قىلىشى ئوخشاش بولمايدىكەن. تۈرلۈك ئامىللارنىڭ تەسىرى بىلەن بالىلار باغچىسىدىكى بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىدا روشەن پەرق بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ تىل ئەقلىي ئىقتىدارى، بەزىلىرىنىڭ مۇزىكا ئەقلىي ئىقتىدارى بولسا، بەزىلىرىنىڭ بوشلۇق ياكى كۆرۈش ئەقلىي ئىقتىدارى ئارتۇق بولىدىكەن. شۇڭا، بۇنداق پەرققە ھۆرمەت قىلغاندىلا، ئوقۇتۇش ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. . 3 «ئۆگىنىش تىپى››دىكى پەرققە تولۇق ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. كىشىلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدار تىپى جەھەتتە پەرق بولغاندىن سىرت، ئۆگىنىش تىپىدىمۇ روشەن پەرق بولىدۇ. ھازىرغىچە مەلۇم بولغان بەش خىل ئۆگىنىش تىپى، يەنى كۆرۈش سېزىمى تىپى، ئاڭلاش سېزىمى تىپى، پۇت – قول تىپى، كىتاب تىپى ۋە كوللېكتىپ تىپىنى ھەربىر ئۆگەنگۈچى ئورتاق ئىشلەتسىمۇ، لېكىن ئۈنۈم جەھەتتە پەرق مەۋجۇت بولىدۇ. شۇڭا، ھەر بىر بالىنىڭ ئۆگىنىش تىپىنى تەتقىق قىلساق ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلساق، كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز. .4 ئىلمىي ئوقۇتۇش تەرتىپىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يەنى ئاكتىپ ھېسسىيات ۋە ئۆگىنىش پوزىتسىيەسىنى قوزغاش، بارلىق سەزگۈ ئەزانى قوزغاش، بالىلار تەپەككۇرىدىكى ئىجادچانلىق ۋە تەنقىدچانلىقنى قوزغاش، ئويۇن ئارقىلىق ئۆگىنىش مەزمۇنىنى قايتا گەۋدىلەندۈرۈش، ھەربىر بالىنىڭ تۇنجى مۇۋەپپەقىيىتىنى تەبرىكلەش قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىش لازىم.
|