ئايەم خاسىيتى    كەلدى ئايەم شاتلاندى دىل ھەمدەم كائىنات ،  ساما - مەشرەپ قۇچىقىدا بىھۇش ھەمىمىز .  چوڭغا ھۆرمەت ياشقا ئىززەت قىلىپ ھۆرمەتتە ،  ئۇرۇق-تۇققان  ھەمداستىخان تۇتاش قەلبىمىز .  تاڭ نامازدا تۇپراق بىشى ئويغۇنۇپ چۈشتىن ،  بولار مۇڭداش ئەۋلادلارنىڭ ئوتلۇق مۇڭىغا .  ئەجداد روھى مەڭگۈ ھايات ئۇلۇغ ئايەمدە ،  كۆز مونچاقتۇر يىلتىزىمىز ھەر كىم يولىغا .  پەتىلەشتىن ئىزتىراپلار تارقاپ ھەر قايان ،  خىجىلققا تۇتقۇن ھامان تەشۋىشلىك خىيال .  ئەسسالامغا ۋەئەليكۇم غەرەزسىز بىقىپ ،  قاپاق تۈرۈش باتناشلارغا قالمايدۇ سۇئال .  يول –يوللاردا شوخ كىيكتەك تاقلاپ بالىلار ،  ھۆسىن قوشار مەرھەممەتلىك ئايام ھۆسىنىگە .  ئايەملىكى ئۇلار ئۈچۈن ئالەم شادلىقى ،  چىن كۈلكىسى شەربەت ئاڭا ئاتا قەلبىگە .     ئۆي-ئۆيلەردە شىرداق –گىلەم رەتلىنىپ قايتا ،   نەزەر چۈشمەس بۇلۇڭلارمۇ پەردازغا چۈشەر .  ساڭزا –قۇيماق بوغۇرساقلار ئۈستەل يۈزىدە ،  ئەل-جامائەت دۇئا بىرىپ يىيىشنى كۈتەر .  نى-نى ئىشلار پىلانلانغان ئايەم ئىچىگە ،  ئاشىق –مەشۇق ۋىسال تاپار ئۇلۇغ كۈنلەردە .  يىراق- يىقىن تۇمۇرداشلار مىھرى ئۇلىنار  ،  بوۋاي -مۇماي ئۈگۈتلىرى چاقناپ تۈنلەردە .  زەردار بايلار ساخاۋىتى قايناپ دىلىدىن ،  سىخى قولى پەپىلەيدۇ يوقسۇل گاداينى .  ئاجىز –يىتىم دۇئاسىدۇر ئۇلارغا قانات ،  ئۈلگە قىلغاچ بايۋەتچىلەر ھاجىم نۇرتاينى .  ھەر كىمگە ئۆزىگىچە خۇشاللىق بىرىپ ،  شاد قىلار ھەممىنى بۇ ئۇلۇغ ئايەم .  ئىناقلىق ئۆملۈكنىڭ مەنبە بۆشۈكى ،  شۆھرىتى يىگانە  خىسلەتلىك ئايەم . تەھىرلىگۇچى:نالە
   
					 
					 
					 
					 
 
 
 
 
 |