سۇلمىسۇن ئوبراز ئالدىمدا قىيغىتىپ تاقلاپ ئوينىشار ، ۋەتەننىڭ ئۈمىدى گۈل-غۇنچىللىرى . غۇبارسىز چوڭ بۇلۇر تاڭ شەبنىمىدەك، قونمىسا ناپاكلىق تۇزۇندىللىرى . ئويلىسام خىيالىم كىتىدۇ چەتنەپ ، بارىدۇ مەزگىلسىز باشلىق ئالدىغا ، ئىسىمدە ئىگىلىپ تازىم قىپ تۇرۇپ ، سوغاتلار بەرگىنىم ئۆتۈپ دالدىغا . باشلىققا ئىگىلىپ خوش-خوش دىگىنىم ، يۇقىرىغا يامىشىش تامايىم مىنىڭ ، ھەمدە ئۇ ئۆسۈشنىڭ ئۇلىنى سالار ، ھەر جايدا ئىززىتىم ھۆرمىتىم مىنىڭ . ئاشۇنداق تەمەدە قىرى –ياش بۈگۈن ، يوقاتتۇق نۇرلۇق شام ئوبرازىمىزنى . خوش-خوشلاپ يۈردۇق بىز سورۇن تاللىماي سوقتى بەلكىم ھاياتنىڭ بوران –چاپقۇنى . باغۋەن تۇرۇپ ئىگىلسە بورانغا بۇباش ، مەزگىلسىز سوقمامدۇ غۇنچىنى قۇم-تاش . تىك تۇرۇپ غۇنچىنى پەرۋىش قىلمىساق ، يۈتمەمدۇ زىمىندىن سېخى بىر قوياش . ئويلىسام شۇلارنى تۇرۇپ كىتىمەن ، ئورۇنسىز ئۆزەمچە كۈلۈپ كىتىمەن . خاتىمە بىرىپ مەن قىلغان ئىشىمغا ، ياش نوتا قىتىغا چۆكۈپ كىتىمەن
|