ۋەللەي
بۇ ئويۇننى ئوچۇقچىلىق يەردە ئىككى بالا ئوينايدۇ(بىر نەچچە بالا ئىككى گۇرۇپپا بولۇپ ئوينىسىمۇ بولىدۇ). ئۇلار بىر يەرنى ‹‹پەللە›› قىلىپ ياساپ، ئىككى كېسەكنى قويىدۇ-دە، ئەتراپنى دۈگلەك قىلىپ جىجاپ قويىدۇ. ئاندىن بىر نەرسىنى شەرت قىلىپ قايسى ئۇتۇۋالسا ئويۇننى شۇ باشلايدۇ. ئويۇن باشلىغۇچى كىسەكنىڭ ئۈستىگە بالىياغاچنى قويۇپ، ئانىياغاچ بىلەن ئاستىدىن كۆتىرىپ تۇرۇپ ئۇرىدۇ. قارشى تەرەپتىكى بالىلار بالىياغاچ چۈشىدىغان سەيناغا تارىلىپ تۇرۇپ، دوپپا ياكى شەپكىسى بىلەن بالىياغاچنى تۇتۇۋېلىشقا تىرىشىدۇ. ئەگەر بالىياغاچنى تۇتۇۋالسا، بالىياغاچ ئۇرغۇچىنىڭ نۆۋىتى كۆيۈپ كېتىدۇ-دە، بالىياغاچنى تۇتۇۋالغانلار ئويۇن باشلايدۇ. ئەگەر تۇتالمىسا بالىياغاچ نەگە چۈشسە، شۇ يەردە تۇرۇپ، بالىياغاچ بىلەن دۈگلەك ئىچىدىكى كىسەكنىڭ ئارىسىغا قويۇپ قويغان ئانىياغاچنى سوقىدۇ(كېسەكنى سوقسىمۇ بولىدۇ).سوقۇۋالسا بالىياغاچ ئۇرغۇچىنىڭ نۆۋىتى يەنە تۈگەيدۇ. ئەگەر سوقالمىسا بالىياغاچ ئۇرۇۋاتقان بالا بالاياغاچنى ئانىياغاچ بىلەن پۇچىلاپ تۇرۇپ ئۈچ قېتىم ئۇرىدۇ. بالىياغاچ ئۈچىنچى قېتىم ئۇرۇلغاندا (ئەگەر بالىياغاچنى پۇچىلاپ ئۇرالمىسىمۇ ئۇرغانغا ھىساپ). نەگە بېرىپ چۈشسە، قارشى تەرەپتىكى بالىلاردىن بىرى يوغان- يوغان چامداپ پەللىگە كەلگىچە سانايدۇ: بالىياغاچ ئۇرغۇچى تەرەپ بالىياغاچنى پەللىدىن يەنە يېڭىۋاشتىن ئۇرىدۇ. ئەگەر بۇ جەرياندا قارشى تەرەپ بالىياغاچنى تۇتۇۋالسا، بالىياغاچ ئۇرغۇچىنىڭ نۆۋىتى تۈگەپ، تاپقان سانىمۇ ‹‹كۆيىدۇ››. ئاندىن ئىككىنچى تەرەپ ئوينايدۇ. 500 قەدەمگە يەتكۈزسە، يەنە بىر تەرەپ ‹‹ئىشەك›› بولىدۇ. بۇ چاغدا ئۇتۇپ چىققان تەرەپ بالىياغاچنى پەللىدىن باشلاپ ئۇدا ئۈچ قېتىم ئۇرىدۇ.(بۇ چاغدا قارشى تەرەپ بالىياغاچنى توسىمايدۇ) بالىياغاچ ئۈچىنچى قېتىم نەگە بېرىپ چۈشسە، ‹‹ئىشەك›› بولغۇچى بالا شۇ يەردىن پەللىگە توختىماستىن‹‹ۋەللەي... ۋەللەي... ۋەللەي...›› دەپ توۋلاپ يۈگۈرەيدۇ. ئەگەر ئۇ بىرەر يەردە تىنىپ ئالسا، ئۇتۇۋالغۇچى بالا بالىياغاچنى يەنە كەينىگە ياندۇرۇپ بىر قېتىم ئۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، قاچان ‹‹ۋىلى- ۋىلى ۋەللەي...›› دەپ تىنماي توۋلاپ پەللىگە يۈگۈرۈپ كېلەلىسە، ئاندىن ئويۇن تاماملىنىدۇ. تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|