بالىلارنىڭ دەرستىن سىرت كىتاب ئوقۇيدىغان ۋاقتى نەگە كەتتى؟
جياڭ فۇئېر
جاڭ يۈخوڭ ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرىغا ئىمتىھان بېرىش مەزگىلى بولۇپ قالغاچقا، ئۇنىڭ دەرستىن سىرت كىتاب ئوقۇشقا ۋاقىت چىقىرالمىغىنىغا خېلى بولغان ئىكەن. دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى ھارپىسىدا، مەن زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرت كىتاب ئوقۇيدىغان ۋاقتىنىڭ بەكمۇ ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم. ئوقۇغۇچىلار يۇقىرى يىللىققا چىققانسېرى ئۇلارنىڭ دەرستىن سىرت كىتاب ئوقۇش ۋاقتى شۇنچە ئازىيىدىكەن يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا ‹‹مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش كىتاب بازىرى›› پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بىر ئاي داۋاملاشقان بۇ پائالىيەت ياش – ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى پائالىيەتكە قاتناشتى. مەلۇم ئاخبارات ئورنى كىتاب ئوقۇشنى تەكشۈرۈش مەقسىتىدە، ئۈرۈمچىدىكى 1720 ئوقۇغۇچىغا تېلېفون بېرىپ، ئۇلاردىن ئەھۋال ئىگىلىدى، تەكشۈرۈش دائىرىسى ئوقۇش يېشىغا يەتكەن بالىلاردىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2 – يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلارغىچە بولدى. تەكشۈرۈش مەزمۇنى كىتاب ئوقۇش ۋاقتى، كىتاب تۈرى، كىتاب مەنبەسى ۋە كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تەكشۈرۈشكە قاتناشقان 1720 ئوقۇغۇچىنىڭ يۇقىرى يىللىققا چىققانسېرى دەرستىن سىرت كىتاب ئوقۇش ۋاقتى ئازىيىپ بارغان؛ %50 كە يەتمىگەن ئوقۇغۇچىنىڭ كۈندىلىك مۇقىم كىتاب ئوقۇش ۋاقتى بار ئىكەن؛ %80 تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى دەرسلەر جىددىي بولغاچقا، دەرستىن سىرت كىتاب ئوقۇشقا ۋاقىت چىقىرالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان؛ %53 ئوقۇغۇچى شەنبە، يەكشەنبە ياكى بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىدىلا دەرستىن سىرت كىتاب ئوقۇشقا ۋاقىت چىقىرالايدىغانلىقى، كۈندىلىك كىتاب ئوقۇش ۋاقتىنىڭ يۇقىرى سىنىپقا چىققانسېرى ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كىتاب ئوقۇش ۋاقتىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى بىلەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنىڭ دەرستىن سىرت ئوقۇيدىغان كىتابلىرىمۇ ئازىيىپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ سېتىۋالغان كىتابلىرىمۇ ناھايىتى چەكلىك بولغان. تەكشۈرۈلگەن %69 ئوقۇغۇچى دەرستىن سىرت ئوقۇيدىغان كىتابلارنى ئاتا – ئانلىرىنىڭ سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ بېرىدىغانلىقىنى، ئۆزىلىرىنىڭ كىتابخانىلارغا ناھايىتى ئاز بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان. تاپشۇرۇق يۈكىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشى دەرستىن سىرت كىتاب ئوقۇش ۋاقتىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل ئىكەن زىيارەت داۋامىدا، ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرۇق يۈكىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشى ئۆزلىرىنىڭ دەرستىن سىرت كىتاب ئوقۇش ۋاقتىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى نۇرغۇن تاپشۇرۇقنى دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا تاماملاشقا توغرا كېلىدىغان بولغاچقا، كىتاب ئوقۇش ۋاقتى ئىگىلەپ كېتىلىدىكەن. تەكشۈرۈلگەن %90 ئوقۇغۇچى تاپشۇرۇق يۈكىنىڭ ئېغىرلاپ كەتكەنلىكىدىن كىتاب ئوقۇشقا ۋاقىت چىقىرالمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۆزىگە تەۋە ۋاقىتنىڭ ئازىيىپ كېتىشىمۇ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرستىن سىرت كىتاب ئوقۇش ۋاقتىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن. زىيارەت داۋامىدا، بەزى ئوقۇغۇچىلار ئاتا – ئانىلىرىنىڭ ھەممە ئىشىغا چات كېرىۋالىدىغانلىقى، ئۇلارنى بەك قاتتىق باشقۇرىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئۇلارنىڭ دەرستىن سىرت كىتاب ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولۇشىغا سەۋەب بولغانلىقى؛ ئازغىنا كىتاب ئوقۇش ۋاقتىغىمۇ، ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى ئوقۇشنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ باشقا كىتابلارنى ئوقۇش ۋاقتىنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. دەرستىن سىرت كىتاب ئوقۇش ۋاقتى چەكلىك بولسىمۇ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش ئارزۇسى كۈچلۈك ئىكەن. مەن زىيارەت داۋامىدا، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنىڭ دەرستىن سىرتقى كىتابلارنى ئوقۇشقا قىزىقىدىغانلىقىنى، دەرستىن سىرتقى كىتابلارنى ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغان ئەڭ ياخشى سوۋغات، دەپ قارايدىغانلىقىنى بايقىدىم. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە، «بىرەر سوۋغاتقا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، ئۇنىڭ قانداق سوۋغات بولۇشىنى ئۈمىد قىلىسىز»؟ دېگەن سوئالغا، %80 تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى كىتاب، دەپ جاۋاب بەرگەن. مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇشى ئۈچۈن مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىشى كېرەك قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرت كىتاب ئوقۇشىغا يېتەرلىك ۋاقىت ئاجراتقىلى بولىدۇ؟ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇتەخەسسىسى جۇ فېڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا يېتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتىپ بېرىش ئۈچۈن، تونۇش ۋە قاراشنى ئۆزگەرتىش كېرەك. مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار دەرستىن سىرت كىتاب ئوقۇشقا بەلگىلىك ۋاقىت ئاجرىتىشنىڭ پايدىلىق تەرىپىنى تولۇق تونۇشى كېرەك. مۇشۇنداق تونۇش بولغاندىلا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق يۈكىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلارمۇ دەرستىن سىرت كىتاب ئوقۇشقا ۋاقىت چىقىرالايدۇ. جۇ فېڭ مۇنداق دېدى: مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرت كىتاب ئوقۇشنى دەرس سېتكىسىغا كىرگۈزۈپ، مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن سىرتقى كىتابلارنى كۆپرەك ئوقۇشقا پائال يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا بەلگىلىك ۋاقىت ئاجرىتىپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى ئويلىشىپ باقسىمۇ بولىدۇ. ھازىر كۆپىنچە ئاتا – ئانا بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە پەرزەنتلىرىنى كۇرسلارغا ئاپىرىشقا كۆنۈپ قالدى، بۇ بالىلارنىڭ دەرس يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈنۈمىمۇ ئەكسىچە بولۇۋاتىدۇ. مۇھىمى، ئاتا – ئانىلار قاراشنى ئۆزگەرتىپ، بالىلارنىڭ دەرستىن سىرت كىتاب ئوقۇشقا ۋاقىت ئاجرىتىپ بېرىشى كېرەك، بۇنىڭ بالىلارغا چوقۇم ياردىمى بولىدۇ.
|