پەنلەر ئوقۇتۇشىمائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

يەسلى مائارىپىمۇ ھالقىما تەرەققىي قىلىشى كېرەك

يوللانغان ۋاقتى: 2011-09-20 23:25 مەنبەسى: شىنجاڭ گىزىتى ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى كەسپىي جەھەتتىن جەلپ قىلىشنى كۈچەيتىش، ئۇلارنىڭ تەمىنات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئۇلارنى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مە

يەسلى مائارىپىمۇ ھالقىما تەرەققىي قىلىشى كېرەك

 

جاۋ گۇاڭپىڭ

 يەسلى مائارىپى ساپا مائارىپىدىكى ئاساس خىزمەت، بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇ ھەقىقىي تەربىيەنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. يېقىندا جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭدا زىيارەتتە بولۇش داۋامىدا، قىسمەن جايلاردا يەسلى مائارىپىغا سېلىنىدىغان مەبلەغ يېتەرسىز بولۇش، سالاھىيەتلىك ئوقۇتقۇچىلار كەمچىل بولۇش، ئوقۇتۇش سۈپىتى تۆۋەن بولۇش، شەھەر، يېزىلارنىڭ پەرقى كۆرۈنەرلىك بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ساقلانغانلىقىنى بايقىدىم.

    مىللىي مائارىپ سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھەم ئىجتىمائىي پاراۋانلىققا دائىر مۇھىم ئىش بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەسلى مائارىپىنىڭ ھالقىما تەرەققىي قىلىشىنى كېچىكتۈرگىلى بولمايدۇ. مۇھىمى يەسلى مائارىپىدا جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولغان ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەتنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەر يەسلى مائارىپىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى، شەھەر، يېزىلارنى قاپلىغان يەسلى مائارىپىنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى ئاساسىي سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش جەھەتتە يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى؛ گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش، قاپلاش دائىرىسى كەڭ، ئاساسىي جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە بولغان يەسلى مائارىپى جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش›› دېگەن تەلەپ بويىچە، سېلىنمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشى، يەسلى مائارىپىنىڭ خىراجەت كاپالەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، يەسلى قۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، يەسلى مائارىپ بايلىقىنى كېڭەيتىش جەھەتتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشى كېرەك.

    شەھەر، يېزىلاردا يەسلى مائارىپىنىڭ بايلىق پەرقى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، يېزىلاردا يەسلى قۇرۇشنىڭ كېچىكىشى نۇقتىلىق ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىگە ئايلاندى. بۇنىڭ ئۈچۈن يەسلى مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەممە بالىنى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىش باراۋەرلىكى بىلەن جامائەت مۇلازىمىتى تەڭپۇڭلۇقىدىن بەھرىمەن قىلدۇرۇش، ئۇلارنىڭ باشلىنىشتىلا باشقىلارنىڭ ئارقىدا قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

    يەسلى مائارىپىنىڭ ھالقىما تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يەسلىلەرنىڭ يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىن ئايرىلالمايدۇ. يېزىلاردا كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان سالاھىيەتلىك يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى كەسپىي جەھەتتىن جەلپ قىلىشنى كۈچەيتىش، ئۇلارنىڭ تەمىنات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئۇلارنى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن قىلىپ، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىشتات باشقۇرۇشىغا كىرگۈزۈش، ئۇلارنىڭ غېمىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ.

    ئىشىنىمىزكى، ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مەسئۇلىيەتچانلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەسلىلەرنى ياخشى قۇرۇشنى خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان قىسمىغا ئايلاندۇرۇپ، سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، ئىلمىي پىلانلىسا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەسلى مائارىپى ھالقىما تەرەققىي قىلىشتەك يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويىدۇ.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئوسكار ئىسىمنىڭ قويۇلىشى ھەققىدە [ 2011-10-24 15:23:28 ]
[تارىخى بىلىملەر] جۇڭگۇ تارىخىدىكى ئەڭلەر...... [ 2011-10-24 15:21:36 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] دۇنيادىكى 10 چوڭ يالغان گەپ [ 2011-10-24 15:17:18 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلاردىن ئاسانلا قۇتۇلساق بولماس [ 2011-10-24 15:15:45 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلاردا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇ [ 2011-10-24 15:14:35 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] نەزىرىمىزدىكى دادىلار [ 2011-10-24 15:11:57 ]
[قانۇن تۇزۇم] بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئالا [ 2011-10-24 15:10:35 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ تارىخى توغرىسىدا [ 2011-10-24 15:08:34 ]
[باشقا رەسىملەر] تۇغۇم شاكىلى - سەنئەتلىك دۇنيا [ 2011-10-12 17:19:19 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئۇرۇش قەھرىمانى زىخىرىللا نادىروف [ 2011-10-12 16:31:17 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر