بالىلارغا تەپەككۇر قىلىش بوشلۇقى قالدۇرايلى
فېڭ شياۋنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئالىي مائارىپى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، لېكىن بۇ دۆلەتنىڭ ئاساسىي مائارىپىنى قەدىر ئەھۋال دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئامېرىكا سىياسەتچىلىرىنىڭ ئامېرىكا مائارىپى توغرىسىدىكى ئادەت سۆزى. ئۈچ يىل ئىلگىرى، ئوغلۇمنى ئېلىپ ئامېرىكىغا تۇنجى بارغىنىمدا، شۇنداق قاراشتا ئىدىم. ۋەتەندىكى چاغدا ئوغلۇمنىڭ ئۆگەنگەن دەرسلىرىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى تەڭ دېمەتلىك ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلاردىن يۇقىرى بولغاچقا، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىق ئۈچۈن، شۇ جايدىكى مائارىپ مەركىزىدىن ئوغلۇمنىڭ سىنىپ ئاتلىشىغا بولىدىغان – بولمايدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈردىم. بۇ مەركەزنىڭ خىزمەتچىسى ماڭا: ‹‹ئەنسىرىمەڭ، بالىڭىزنىڭ سەۋىيەسىگە ماس كېلىدىغان دەرس چىقىپ قالىدۇ›› دېدى. ئۈچ يىلدىن كېيىن، بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ھەقىقىي چۈشەندىم. ئامېرىكا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرى بالىلارنىڭ ئىقتىدارى، قىزىقىشى، خاسلىقى ۋە ئىنتىلىشىدا زور پەرق بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدىكەن، شۇڭا دەرس تاللاش ھوقۇقىنى بالىلارغا بېرىدىكەن. ئىنگلىز تىلى، ماتېماتىكا، تارىخ قاتارلىق مەجبۇرىي ئۆگىنىلىدىغان پەنلەردىن باشقا پەنلەرنى ئوقۇغۇچىلار بەلگىلەنگەن ئوقۇش نومۇرى تەلىپى دائىرىسىدە، دەرس تۈرى، ئوقۇتقۇچى ۋە پەنلەرنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىگە قاراپ، ئۆزلىرى ئەركىن تاللايدىكەن. ئوقۇغۇچىلارئۆزى ئۆگىنىدىغان دەرسنى تاللىغاندىن كېيىن، يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىر – بىرلەپ پاراڭلىشىپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ماس كېلىدىغان دەرس سېتكىسىنى بېكىتىدىكەن. بۇنداق، خاسلىققا ئىگە دەرس تاللاشتىن ئامېرىكا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە يىللىقلار بار، ئەمما سىنىپ يوق ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا دەرس سېتكىسى بولۇپ، سىنىپ ئارىلاپ ئوقۇيدىكەن، يۇقىرى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن تۆۋەن يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىر سىنىپتا دەرس ئاڭلاپ قېلىشى نورمال ئەھۋال ھېسابلىنىدىكەن. دەرسنى ئەركىن تاللاش ئارقىسىدا ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئۆزىگە تېگىشلىك ئورۇننى تاپقاندىن سىرت، تەپەككۇر قىلىش بوشلۇقى ئۇلارغا قالدۇرۇلغان. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا، كۆپىنچە ئوقۇغۇچىلار كەلگۈسىدە شۇغۇللانماقچى بولغان كەسپىنى تېخى بەلگىلىمىگەن بولغاچقا، دەرس تاللاشتا ئۇلارنىڭ نېمىگە قىزىقىدىغانلىقى، نېمە قىلالايدىغانلىقىنى تەدرىجىي ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىغا، ئالىي مەكتەپتىكى كەسىپ نىشانىنى بېكىتىشىگە تۈرتكىلىك قىلىنىدىكەن . تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2 – يىللىقىدا مەجبۇرىي ئۆگىنىدىغان دەرسلەرنى تاماملاپ، AP دەرسلىرىنى تاللاپ ئۆگىنىدىكەن (AP پەنلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان كومىتېتى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئىمتىھانغا ئورۇنلاشتۇرىدىغان پەنلەرنى كۆرسىتىدۇ). AP پەنلىرىدە رىقابەت كەسكىن بولغاچقا، بۇ پەنلەرنى تاللاپ ئۆگىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار مەلۇم پەندە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يوشۇرۇن كۈچى بار ئوقۇغۇچىلار، دەپ قارىلىدىكەن. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە AP پەنلىرىنىڭ تەسىرى بارغانسېرى ئېشىۋېتىپتۇ. تەسىس قىلىنغان AP پەنلىرى ۋە پەنلەرنى تاللاپ ئۆگىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى باھالايدىغان ئۆلچەملەرنىڭ بىرى قىلىنىدىكەن. ئۆگىنىدىغان دەرسنى ئەركىن تاللاش ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى كۆپ مەنبەلەشكەن باھالاش سىستېمىسى بىلەن زىچ باغلانغان. ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا ئىككى ئىمتىھاننى، يەنى ئۆگىنىش سەۋىيەسىنى باھالاش ئىمتىھانى (SAT) بىلەن ئامېرىكا ئالىي مەكتەپكە كىرىش سىنىقى (ACT) نى ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىدىكەن، ئىمتىھانغا ئوقۇغۇچىلار ئۆزلۈكىدىن تەييارلىق قىلىدىكەن، بۇنىڭغا مەكتەپ ئارىلاشمايدىكەن. ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىشتا ئىگىلەيدىغان نسبىتى %40 بولىدىكەن، شۇڭا خارۋاردقا ئوخشاش داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئۆگىنىش سەۋىيەسىنى باھالاش ئىمتىھان (SAT) ىدا تولۇق نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنماي قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇرىدىكەن. يەنە بىرى، ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىشتا ئوقۇغۇچىنىڭ ئادەتتىكى ئۆگىنىش نەتىجىسى(GAP) مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىكەنGAP. نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەن بولۇشى تاللاپ ئۆگىنىدىغان پەننىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى، ھەتتا ئادەتتىكى ئۆگىنىش جەريانىدىكى ھەر بىر قېتىملىق ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە تاپشۇرۇق ئىشلەش ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. ئامېرىكىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىنى تولدۇرغاندا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى تۆت يىلدا ئۆگەنگەن پەن تۈرلىرىنى تولدۇرىدىكەن، مەكتەپ ئوقۇغۇچىنىڭ GAP نەتىجىسىنى ئالىي مەكتەپلەرگە ئەۋەتىپ بېرىدىكەن. ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى تاللاپ ئۆگەنگەن پەنلەرنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىگە ھۆكۈم قىلىش ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ GAP نەتىجىسىنى تەھلىل قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، باشقا ماتېرىياللارغا قاراش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى ۋە يوشۇرۇن ئىقتىدارىنىڭ شەكىللىنىشىگە ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىش – قىلماسلىقنى قارار قىلىدىكەن. پەنلەرنى تاللاپ ئۆگىنىش داڭلىق مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشىغان پايدىلىق. لېكىن ئارزۇسى ئادەتتىكىچە ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنداق تاللاپ ئۆگىنىش ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىشتىن دېرەك بېرىدىكەن. بىراق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ئامېرىكا ئاساسىي مائارىپىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنى ئامېرىكىدىكى كۆپ ساندىكى كىشىلەر توغرا تاپىدىكەن.
|