پەنلەر ئوقۇتۇشىمائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

يېڭىچە مائارىپ قىممەت قارىشى توغرىسىدا

يوللانغان ۋاقتى: 2011-09-20 23:16 مەنبەسى: شىنجاڭ گىزىتى ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمەت مىقدارى، دەرس سائىتى، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش مىقدارى، دەرس ئاڭلاش، پەن- تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش مىقدارى قاتارلىق

يېڭىچە مائارىپ قىممەت قارىشى توغرىسىدا

 

ئابدۇسالى ئابدۇسالام

 نۆۋەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان ساپا مائارىپى، ئوقۇتۇش خىزمىتى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا تېخىمۇ يۇقىرى ۋەزىپىلەرنى ئارتتى. بۇ خىل ھالەت، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېڭىچە مائارىپ قىممەت قارىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىنى ھەمدە بۇ ھەقتە ئىزدىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

    ساپا مائارىپى ـــ ئادەمنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئاساسىي نىشان قىلغان، ئەنئەنىۋى ئىمتىھان مائارىپىدىن روشەن پەرقلىنىدىغان بىر خىل يېڭىچە قىممەت قارىشىغا ئىگە مائارىپ تۈزۈلمىسى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا، ئالدى بىلەن مائارىپ ۋە ئىلىم – پەن ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدىكى رىقابەت تۈپ نېگىزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىختىساسلىقلار رىقابىتى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشنىڭ ئاساسى مائارىپ. ساپا مائارىپى ھەرگىزمۇ ۋاقىتلىق چارە بولماستىن، بەلكى جەمئىيەت تەرەققىياتى، مەملىكىتىمىز ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنىڭ ئېشىشى ۋە زورىيىشىغا ئەگىشىپ، پىلانلىق، مەقسەتلىك شۇنداقلا دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىستراتېگىيىلىك ئۆزگىرىش ۋە ئىسلاھات تەدبىرىدۇر. ساپا مائارىپى ئەنئەنىۋى ئىمتىھان مائارىپى قىممەت قارىشىنىڭ كەسكىن تەنقىد قىلىنىشى ۋە يېڭىلىنىشى بولۇپ، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشىگە ئاساسەن ئوتتۇرىغا چىققان يېڭىچە قىممەت قارىشىدۇر. ساپا مائارىپى، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

    مەكتەپ باشقۇرۇش ــ دۆلەتنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ۋە ئۇنىڭ نورمال داۋاملىشىشىدىكى ھەر قايسى جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مائارىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ھالقىلىرىدىن بىرى. مائارىپ باشقۇرۇش خىزمىتى ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ كاپالىتى. ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلگە ئاشۇرۇش، مائارىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ زۆرۈر ۋەزىپىسى. مەكتەپ باشقۇرۇش مائارىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ساپا مائارىپىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا، زامانىۋى باشقۇرۇش بىلىملىرى ۋە مائارىپ، ئىلىم - پەن ئاساسىي نەزەرىيىلىرىنى ئۆگىنىش، مائارىپ باشقۇرۇش ۋە مائارىپ ئوقۇتۇشىنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارىنى مەشىق قىلىش، پېداگوگىكا، پسىخولوگىيە بىلىملىرىنى پۇختا ئىگىلەش، ئاممىۋى ئىشلارنى باشقۇرۇشنىڭ ئادەتتىكى قانۇنىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇش ھەمدە ئۇنى مائارىپ ۋە باشقا ئاممىۋى پائالىيەتلەردە ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاش قاتارلىقلار مائارىپ تارماقلىرى، مەكتەپ تەشكىلى ئورگىنىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملار ۋە ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم ئىگىلەشكە تېگىشلىك كەسپىي ساپادۇر.

    مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى، ئىچكى قىسىمدا باشقۇرۇشنىڭ قانۇنىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش، يۈرۈشلەشكەن ئايلىنىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، بىرلىككە كەلگەن، ئورگانىك، ئۈنۈملۈك بولغان باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ھەمدە باشقۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. نۆۋەتتە، مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇل ۋە چارىلىرى تەكىتلەنمەكتە.

    تۈزۈملۈك باشقۇرۇش. بۇ، مەكتەپ خىزمىتىنى، نورمال ئوقۇتۇش تەرتىپىنى قوغدايدىغان، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىدىغان، ياخشى بولغان ئوقۇتۇش ئىستىلى ۋە ئۆگىنىش ئىستىلى شەكىللەندۈرىدىغان بىر خىل باشقۇرۇش ئۇسۇلى بولۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.

    نىشانلىق باشقۇرۇش. ئوقۇش يىلىنىڭ بېشىدا مەكتەپ مۇدىرى بىلەن ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرىسىدا مەسئۇلىيەت توختامنامىسى ئىمزالىنىپ، ئوقۇتقۇچى ئۈستىگە ئالىدىغان دەرسنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆزلەشتۈرۈلۈش نىسبىتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتۈش نىسبىتى، ئەلاچىلار نىسبىتى، لاياقەتسىزلەر نىسبىتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى قاتارلىق كونكرېت كۈرەش نىشانىنى بەلگىلەش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ.

    ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش. ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمەت مىقدارى، دەرس سائىتى، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش مىقدارى، دەرس ئاڭلاش، پەن- تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش مىقدارى قاتارلىقلارنى ئېنىق بەلگىلەش تۈزۈمىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل، مەكتەپنىڭ كۈندىلىك ئوقۇ- ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈش ئاساسىغا ئىگە قىلىش شۇنداقلا مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىنى كونكرېت تەكشۈرۈپ باھالىشى ۋە نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

    رىغبەتلەندۈرۈپ باشقۇرۇش. بۇ خىل باشقۇرۇش ئۇسۇلى، مەكتەپتە «مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى مۇكاپاتى»، «نەمۇنىچى سىنىپ مۇدىرى مۇكاپاتى»، «پەن- تەتقىقات نەتىجىسى مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلارنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، مەكتەپ باشقۇرۇشنى ۋە ئوقۇ- ئوقۇتۇش خىزمىتىنى رىقابەت مېخانىزمىغا ئېلىپ كىرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

    دېموكراتىك باشقۇرۇش. بۇ خىل باشقۇرۇش ئۇسۇلى، مەكتەپ خىزمىتى كومىتېتى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئىتتىپاق تەشكىلاتى، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى، ئوقۇتقۇچىلار يىغىنى قاتارلىق شەكىللەر بىلەن كەڭ- كۆلەمدە پىكىر ۋە تەكلىپ ئېلىپ، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە، دېموكراتىك باشقۇرۇشنىڭ ۋاسىتىلىرىنى بېكىتىشكە، ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىشقا پايدىلىقتۇر.

    يۇقىرىقى ئۇسۇل- چارىلەر، گەرچە مەكتەپ باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ۋە مۇكەممەللىشىشىگە خېلى تەسىر كۆرسەتسىمۇ، ئەمما باشقۇرۇشتىكى بەزى تەدبىرلەر مەكتەپ باشقۇرۇش ۋە ئوقۇ- ئوقۇتۇش خىزمىتىگە مەلۇم سەلبىي تەسىرلەرنىمۇ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، «مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى مۇكاپاتى»، «نەمۇنىچى سىنىپ مۇدىرى مۇكاپاتى»، «پەن-تەتقىقات نەتىجىسى مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلاش، ئىلھاملاندۇرۇش چارىلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، گەرچە ئوقۇتقۇچى ۋە باشقا مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاشتا مەلۇم تۈرتكىلىك رول ئوينىسىمۇ، لېكىن مۇكاپاتلاش چارىسىغا مۇناسىپ ھالدا يولغا قويۇلغان جازالاش، جەرىمانە قويۇش ئۇسۇلى يۇقىرىقى ئامىللارغا بەلگىلىك ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ. جەرىمانە قويۇش ئۇسۇلى خېلى كۆپ قىسىم مەكتەپلەردە بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى چەت- ياقا يېزا- بازار ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان مەكتەپ باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى. بىر قىسىم مەكتەپ مۇدىرلىرى، بۇ خىل ئۇسۇلنى مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ ئەپچىل چارىسى، ئىقتىسادىي ۋاسىتە ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇشنى بولسا مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى تۈزەشنىڭ ئەڭ ياخشى رېتسېپى شۇنداقلا ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر، دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار جەرىمانە تۆلەشتىن قورقۇپ دەرس تەييارلىقىنى ئوقۇغۇچىلارغا قىلدۇرىدىغان، ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇق تەكشۈرتكۈزىدىغان، باشقىلار ئىشلىتىپ بولغان ياكى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن دەرس تەييارلىقىنى ئىشلىتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. ھەتتا بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىدىكى ئوتتۇرىچە نىسبەتنىڭ تۆۋەن چىقىپ قېلىپ سۈپەت تەكشۈرۈش ئۆلچىمىگە يەتمەي قېلىشىدىن ۋە جەرىمانە تۆلەشتىن قورقۇپ، دەرستە ئارقىدا قالغان بەزى ئوقۇغۇچىلارنى بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتناشتۇرماي، ئۇلارنى ئىمتىھانغا قاتناشمىغانلار قاتارىغا چىقىرىۋېتىپ نەتىجە يوللايدىغان ياكى ئۇلارنىڭ ئورنىغا باشقا ئوقۇغۇچىلارنى سېلىپ ساختا نەتىجە يوللايدىغان ئەھۋاللارنى سادىر قىلىدۇ. ئىقتىسادىي ۋاسىتىلەرنى مۇۋاپىق قوللىنىپ، ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش پرىنسىپىنى يولغا قويغان ئاساستا، ئەلالىرىنى مۇكاپاتلاپ ناچارلىرىنى جازالاش، مۇۋاپىق بولغان بىر خىل مەكتەپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدۇر. نوقۇل ئىقتىسادىي ۋاسىتىغىلا تايىنىپ، ئىدىيىۋى سىياسىي خىزمەتكە سەل قاراش، ئىقتىسادنى مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى قىلىۋېلىش، تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتۇر. شۇڭا، مائارىپ ۋە مەكتەپ مەسئۇللىرى باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا ئىلمىي، مۇۋاپىق ، قوللىنىشچانلىققا ئىگە بولغان تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشى، مائارىپ ۋە مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ تۈرلۈك قانۇن- قائىدە، پرىنسىپلىرىغا ئىزچىل ئەمەل قىلىشى، ھەرگىز نامۇۋاپىق قائىدە- تۈزۈملەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، مائارىپ ۋە مەكتەپ خىزمىتىنىڭ نورمال، ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكى لازىم.

    مەكتەپنىڭ مەركىزى ۋەزىپىسى ئوقۇتۇش. بىلىم ئىگىلىكى تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان ھازىرقى كۈندە، ساپا مائارىپىنى يېڭى دەۋردىكى ئوقۇ- ئوقۇتۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى قىلىش، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتىكى بىردىنبىر يول. شۇڭا، مەكتەپ باشقۇرۇش خىزمىتى ۋە ساپا مائارىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئوقۇتقۇچىنىڭ يادرولۇق ئورنىغا قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئوقۇتقۇچى مەكتەپنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسى ھەمدە مائارىپ گۈلزارلىقىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى. ئوقۇتقۇچى مائارىپ خىزمىتىدە پەۋقۇلئاددە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا، ساپا مائارىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، يۇقىرى ساپالىق، ئىقتىدارلىق بىر تۈركۈم ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش تولىمۇ زۆرۈر. يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش، ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كاپالىتى. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى سەرخىللاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىختىساسلىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەش، كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى دادىل يېتەكلەپ، ساپا مائارىپىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرەلەيدىغان مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە باشقۇرغۇچى خادىملار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش، ئوقۇتقۇچى، مەكتەپ ۋە مائارىپ مەسئۇللىرىنى بىر گەۋدە قىلغان ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇش مەملىكىتىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدىكى بىر قېتىمىلىق زور ئۆزگىرىش، ئۇ ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغان، كۆلىمى چوڭ، تەسىرى چوڭقۇر، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە چېتىلىدىغان سىستېما قۇرۇلۇشى. مائارىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتىپ، ئۇنى ساپا مائارىپىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشتا، باشقۇرغۇچى خادىملار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەمۇنىلىك، يادرولۇق، باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ئاممىۋى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ يېتەكلەش رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، كەڭ ئاممىنى ساپا مائارىپىنى قوللاشقا سەپەرۋەر قىلىش تولىمۇ مۇھىم.

    پايدىلانغان ماتېرىياللار:

 .1 ۋاڭ تىجۈن: «مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ ئىدىيە ۋە تاكتىكىلىرى»، «مەكتەپ باشقۇرۇش» ژۇرنىلى، 2005- يىللىق 1- سان.

 . 2 چى تۈەن: «مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى»، «بىلىم بېرىپ ئادەم تەربىيىلەش» ژۇرنىلى، 2005- يىللىق 12- سان.

 . 3 دىڭ مىڭ، جاڭ سۇنۋاڭ»:ساپا مائارىپىدىكى مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتى»، «جۇڭگو مائارىپى» ژۇرنىلى، 2003 -يىللىق 5- سان.

. 4 «ساپا مائارىپى بىر خىل يېڭىچە قىممەت قارىشى»، «خەلق گېزىتى»نىڭ 2002- يىل 12- ئاينىڭ 3- كۈنىدىكى سانى.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئوسكار ئىسىمنىڭ قويۇلىشى ھەققىدە [ 2011-10-24 15:23:28 ]
[تارىخى بىلىملەر] جۇڭگۇ تارىخىدىكى ئەڭلەر...... [ 2011-10-24 15:21:36 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] دۇنيادىكى 10 چوڭ يالغان گەپ [ 2011-10-24 15:17:18 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلاردىن ئاسانلا قۇتۇلساق بولماس [ 2011-10-24 15:15:45 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلاردا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇ [ 2011-10-24 15:14:35 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] نەزىرىمىزدىكى دادىلار [ 2011-10-24 15:11:57 ]
[قانۇن تۇزۇم] بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئالا [ 2011-10-24 15:10:35 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ تارىخى توغرىسىدا [ 2011-10-24 15:08:34 ]
[باشقا رەسىملەر] تۇغۇم شاكىلى - سەنئەتلىك دۇنيا [ 2011-10-12 17:19:19 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئۇرۇش قەھرىمانى زىخىرىللا نادىروف [ 2011-10-12 16:31:17 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر