![]() |
مائارىپ تۇلۇقلىمىسى مېخانىزىمىدىن پايدىلىنىپ شەھەرلەر بىلەن
يېزىلاردىكى پەرىقنى تۈگىتىش لازىم
لىياۋ دېكەي دۆلەت ئىچىدە تۈنجى قېتىم ئۆتكۈزىلگەن يېزا-كەنت مەكتەپ مۇدىرلىرىنى ئاساس قىلغان مۇنبەر — ‹‹ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو نامرات رايونلار باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرلىرى مۇنبىرى ›› دە ، گۇيجۇ ، يۈننەن ، سىچۇەن قاتارلىق جايلاردىكى دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەلەردىن كەلگەن 54 نەپەر يېزا-كەنت مەكتەپ مۇدىرلىرى بىرلىكتە ، بېيجىڭدا تۇرغان بىر ھەپتە ۋاقىتتا ، مۇناسىۋەتلىك مەكتەپ باشقۇرۇش تەلىم-تەربىيەسىنى قوبۇل قىلدى ، گۇگۇڭدا سەيلى-ساياھەت قىلدى ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرىستېتىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى .ئۇلار ھەر تەرەپلىمىلىك غايەت زور زەربىنى بىۋاستە ھېس قىلىشتى ، گۇيجۇ خېجاڭدىن كەلگەن مەكتەپ مۇدىرى گو چاڭ ئېغىر خۇرسىنغان ھالدا مۇنداق دېگەن : « بىزنىڭ كەنتىمىز ناھىيە بازىرى بىلەن ئاز دېگەندىمۇ 20 يىل پەرىقلىنىدىكەن ، ناھىيەمىز بولسا بېيجىڭ بىلەن يەنە 50 يىل پەرىقلىنىدىكەن » . ( «جۇڭگو ياشلىرى گېزىتى»نىڭ 8-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خەۋىرى) بۇ گۇيجۇدىن كەلگەن كەنت باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرى دېگەن « 20 يىل » ، « 50 يىل » دېگەنلىرى ئۇ پەقەت بىر غايەت زور پەرىقنى ئىپادىلەيدىغان ئۇقۇمدىن ئىبارەت خالاس ، ھالبۇكى ، ئۇ ھەقىقىي بىر كۆرسەتكۈچ ئەمەس . ئەمەلىيەتتە ، ئەگەر ۋاقىت ئۇقۇمى بىلەن نۆۋەتتىكى شەھەرلەر بىلەن يېزا ئوتتۇرىسىدىكى مائارىپ پەرقىنى ئىپادىلەيدىغان بولساق ، بولۇپمۇ بېيجىڭ بىلەن سېلىشتۇرىدىغان بولساق ، يېزىلار يەنە 200 يىل ، 500 يىلدىن كېيىنمۇ بېيجىڭنىڭ سەۋىيەسىگە يېتەلمەيدۇ . بىز نەزەرىمىزنى بۇنىڭغىلا باغلىۋالماي ، بەلكى شەھەرلەر بىلەن يېزىلار ئوتتۇرسىدىكى تۈرلۈك كۈرسەتكۈچ پەرقى ، شەھەرلەر بىلەن يېزىلاردىكى بالىلار ئوتتۇرسىدىكى باشلىنىش نۇقتىسىدا پەيدا بولغان ئىنتايىن زور تەڭپۇڭسىزلىققا ئاغدۇرىشىمىز لازىم . قىسقا مەزگىل ئىچىدە تولدۇرغىلى بولمايدىغان پەرىقتىكى بۇنداق رېئاللىق ئالدىدا ، ئىمكان قەدەر « تەڭپۇڭ » لاشتۇرۇش، يەنمۇ زور بولغان پەرىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، چوقۇم ئۈنۈملۈك بولغان مائارىپتىكى ئادىل تولۇقلىما مېخانىزىمىنى قۇرۇپ چىقىش لازىم . 8-ئايدا ، تەرەققىي قىلغان رايوندىن كەلگەن ئىككى نەپەر ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ، بۇ يەرگە كېلىپ يىزۇ مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلغان ، ئۇلار مەلۇم بىر ناھىيەگە كېلىپ ، مەزكۇر ناھىيەدىكى يېزا-كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ ، بۇ يەردىكى بىر خىل ئاقكۆڭۈل كەيپىياتنى ھېس قىلىشقان . بۇ ناھىيەدە ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن بىر«ۋەقە» بۇ يەرنى قاتتىق زىل-زىلىگە سالغان .20 يىلدىن بېرى ، بۇ ناھىيە تۇنجى قېتىم ئۆزى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن بىر ئوقۇغۇچى تولۇق كۇرىسنىڭ ئىككىنجى تۈركۈمىگە قوبۇل قىلىنغان بولۇپ ، بۇ ئىش شۇ يەردىكىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇپ ، چوڭ « ۋەقە » بولۇپ قالغان ، شۇنى بىلىش كېرەككى ، مەزكۇر ناھىيەدىكى ئازسانلىق مىللەتتىن بولغان ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارغا 50 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ ، مائارىپ ئەڭ تەرەققىي قىلغان رايوندىن ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان رايونغىچىلىك بولغان بۇنداق غايەت زور پەرىق ئادەمنى ھەيران قالدۇرماي قالمايدۇ . شەھەرلەر بىلەن يېزا مائارىپى ئوتتۇرىسىدىكى پەرىق بارغانسېرى زورىيىۋاتقان مۇشۇ يىللاردا ، مەرگەز بىلەن يەرلىك نۇرغۇنلىغان «ئېتىبا بېرىش سىياسەتلىرى » نى ئوتتۇرىغا چىقاردى ، مەسىلەن : نامرات رايونلارغا نومۇر قوشۇپ بېرىش، ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارغا نومۇر قوشۇپ بېرىش ، نىشانلىق تەربىيەلەش قاتارلىقلار . بىراق بۇ «ئوتتۇرا قاتلام كونتروللىقى »دا ئېقىپ يۈرگەن سىياسەتلەر ، شەھەرلەر بىلەن يېزا مائارىپى ئوتتۇرىسىدىكى پەرىقنىڭ بارغانسېرى زورىيىپ كېتىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ قالالمىدى .ۋاھالەنكى ، بۇ تۈرلۈك سىياسەتلەر تېخى ئاۋامنىڭ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تونۇشىغا ئېرىشەلمىدى . ئۇلار بۇ خىل ئۇسۇل «ئادىل ئەمەس »، چوقۇم ئومۇميۈزلۈك ئادىل مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەك دېگەن قاراشتا بولىۋاتىدۇ .بۇنداق ئالاھىدە رايونلارغا نومۇر قوشۇشنىڭ ئۆزىمۇ ئادىللىق ئەمەس ، بولۇپمۇ ئەنە شۇنداق مەقسەتلىك نومۇر قوشۇشلار ، ئالاھىدە رايونلارغا نومۇر قوشۇشنىڭ ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ . تۈرلۈك ئاۋازلارنىڭ ئىچىدە ، ھەممەيلەن نومۇر قوشۇپ بېرىش قاتارلىق سىياسەت خاراكتېرلىق تەدبىرلەرنى «ئېتىبا بېرىش سىياسەتلىرى » دەپ قارىشىدۇ ، بىراق مېنىڭ قارىشىمچە ، بۇ بىر خىل « ئادىل تولۇقلىما سىياسىتى » . ئىپتىدائىي مائارىپ بايلىقى سېلىنمىسى ئادىل بولمىغاندا ، شەھەر-يېزا ئوتتۇرىسىدا ، تەرەققىي قىلغان رايون بىلەن تەرەققىي قىلمىغان رايون ئوتتۇرىسىدىكى ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلار ھىچقاچان ئادىل بولغان بىر باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرالمايدۇ . مانا بۇنداق سېلىنمىدىكى پەرىقنى تولۇقلاش ئۈچۈن ، مەلۇم بىر باسقۇچ ئىچىدە ، مەزكۇر رايونلاردىكى ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارغا نومۇر قوشۇپ بېرىش ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر خىل «تولۇقلىما » بولۇپ ، ھەرگىزمۇ « ئېتىبار بېرىش » ئەمەس . رايونلار بويىچە نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىمۇ « ئادىل ئەمەس » . ئەمەلىيەتتە بۇ ئادىللىققا بولغان تاللاش خاراكتېرلىك چۈشىنىشتىن ئىبارەت . بېيجىڭدىكى ئاشۇ مۇنبەرگە قاتناشقان يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ تەسىرلەنگىنىدىن كۆزىدىن ئاققان ياشلرىنى كۆرۈپ ، ئۇلار سۆزلىگەن مەكتەپكە بېرىش يولىدا يۈتۈپ كەتكەن ئوقۇغۇچىنى ئىزدەش ھەققىدىكى ھېكايىلارنى ئاڭلىغىنىمزدا ، بىز يەنە ئادىللىقنىڭ مەنىسىنى يەنە قانداق چۈشەنسەك بولىدۇ ؟ ئۆتكەن يىلى 4-ئايدا ، تاسادىپىي تارتىۋېلىنغان بىر پارچە سۈرەت توردا تارقىلىپ يۈردى . ئۇ بولسىمۇ خۇبېيلىق بىر ياشنىڭ بېيجىڭدىكى بىر قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەمچى بولۇپ ، تاسادىبى بىر يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان خىزمەت بىناسىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرغان بىر كۆرۈنۈش .ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلسى 1992-يىلى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقانلىقى ئۇلارنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايتتى (ئۇ چاغدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سوۇئالى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش چىقىرىلاتتى ) . خۇبېيلىق بۇ دېھقان ئىشلەمچى شۇ يىلى 515 نومۇر ئېلىپ ، قوبۇل قىلىنماي چۈشۈپ قالغان ، لايىھەلىگۈچى بولسا بېيجىڭدا شۇ يىلى 497 نومۇر بىلەن بىناكارلىق قۇرۇلۇش ئۇنىۋېرىستېتىغا قوبۇل قىلىنغان . ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاسمان-زېمىن پەرىق شەكىللەنگەن . تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|