باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرىتارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

يەكەندە «سەنايى نەفىس» نىڭ بارلىققا كېلىشى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-10 21:33 مەنبەسى: شىنجاڭ گىزىتى ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
1937 – يىلى 11 – ئايدا بۇ جاي ‹‹يەكەن سەنايى نەفىس›› دېگەن نام بىلەن رەسمىي مائاشلىق سەنئەت ئۆمىكى بولۇپ قۇرۇلۇپ، يەكەن ئۇيغۇر ئۇيۇش
تەلەي +1

يەكەندە «سەنايى نەفىس» نىڭ بارلىققا كېلىشى

 پەيزۇللا ئىسھاقجان

مىللىي سەنئەتنى قېزىش، نامايان قىلىش ۋە يۈكسەلدۈرۈش تەكىتلىنىۋاتقان باھار شامىلىنىڭ ئىلھامىدا بۈگۈنكى يەكەن سەنئەت ئۆمىكىنىڭ يىلتىزى بولغان ‹‹يەكەن سەنايى نەفىس›› ھەققىدە ئوقۇرمەنلەرگە قىسقىچە ئۇچۇر بېرىشنى لايىق تاپتىم.

يەكەن ھەممىگە تۇنۇشلۇق قەدىمىي ناخشا ئۇسسۇل ماكانى. بۇ زېمىننىڭ باغرىدا قەدىمدىن تارتىپ نۇرغۇن سەنئەتكار مەيدانغا چىققان ۋە تالانت ئىگىلىرى كۆمۈلۈپ ياتقان بولسىمۇ، ئەينى چاغدىكى ھۆكۈمەت بۇلارنى تەشكىللەشكە ئەھمىيەت بېرەلمىگەن. 1935 – يىلى باقىجان( ئۆزبېك) ئىسىملىك كىشى قەشقەر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەيئىتى سۈپىتىدە جايلاردا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىلىرىنى تەشكىللەش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ شۇ يىلى، يەنى 12 – ئاپرېل يەكەنگە كېلىپ، يەكەن ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىغا باش بولۇپ، يېزا – قىشلاقلاردىكى خەلق سەنئەتكارلىرىنى يىغقان. ئۇلارنىڭ پائالىيەت ئورنى يەكەن شەھىرىنىڭ داڭدار مەھەللىسىدىكى ئەبەيدۇللا قارى بېغى(ھازىرقى ناھىيەلىك ياغاچ پونكىت ئورنى) دا بولۇپ، سەنئەتكارلار بۇ جايغا ‹‹ئۆمرۈڭ غايەت قىممەتتۇر، زايا قىلماق ھەسرەتتۇر›› دېگەن چوڭ خەتلىك ۋىۋىسكىنى ئېسىپ، سەنئەت پائالىيىتىنى باشلىغان، كېيىن بۇ ئورۇن تارلىق قىلىپ، ھازىرقى يەكەن كونا شەھەردىكى سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئورنىغا يۆتكەلگەن.

بۇ جايغا يىغىلغان سەنئەتكارلار ئىشنى ناخشا ئېيتىش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىشتىن باشلاپ، كېيىنچە بىر قىسىم سەھنە ئەسەرلىرىنى ئوينىغان. بۇ چاغدىكى ئارتىسلار زەينىدىل ئابىدىن (ئۆزبېك)، ھاجى نۇرۇللا (ئۆزبېك)، زىياۋدىن قارى(ئۆزبېك)، پازىلجان (ئۆزبېك)، زاكىرجان ( ئۆزبېك) قاتارلىقلار بولۇپ، قالغىنى شۇ چاغدىكى ئوقۇتۇش ئورنى ‹‹مەتلەئىل ئىرپان›› نىڭ سەككىز ئوقۇغۇچىسى ئىدى. سەنئەت ئەترىتىنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا ئوينالغان سەھنە ئەسەرلىرى ‹‹جانىم ئايخان››، ‹‹سەلىمە›› قاتارلىقلار بولغان. 1937 – يىلى 11 – ئايدا بۇ جاي ‹‹يەكەن سەنايى نەفىس›› دېگەن نام بىلەن رەسمىي مائاشلىق سەنئەت ئۆمىكى بولۇپ قۇرۇلۇپ، يەكەن ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قارىمىقىدىكى بۇ ئۆمەكنىڭ خادىملىرى شۇ چاغدا 20 گە يەتكەن.

1938 – يىلى ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى ئاچقان پەننىي كۇرسنى پۈتكۈزۈپ، يەكەن ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغان ئابدۇقادىر ھاجى (ۋىلايەتلىك ناخشا – ئۇسسۇل، تىياتىر ئۆمىكىدىن پېنسىيەگە چىقىپ ۋاپات بولغان ئاتاقلىق سەنئەتكار)، ئابدۇباقى، مەترېھىم ھاجى، ھېبىبىللا مۇھىددىن(ئۆزبېك، يەكەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان كادىرى) قاتارلىق 20 گە يېقىن كىشىنى ‹‹سەنايى نەفىس›› بىر مەزگىل ئارىيەت ئېلىپ ئىشلەتكەن، 1938 – يىلىدىن 1939 – يىلىغىچە زىياۋدىن قارى، 1939 – يىلىدىن 1945 – يىلىغىچە ئابدۇقادىر ھاجى، 1945 – يىلىدىن 1947 – يىلىغىچە ئابدۇقادىر مۇھىددىن ئۆمەك مەسئولى بولغان. بۇ ئۆمەك 1938 – يىلى ‹‹كۈرەش قىزى››، ‹‹7 – ئىيۇل بورانلىرى››، ‹‹چەككۈلۈك نەتىجىسى››، ‹‹ھەييار تاز›› قاتارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپۇن جاھانگىرلىكىگە قارشى كۈرەش ئىرادىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سەھنە ئەسەرلىرىنى ئورۇنداپ، يەرلىك خەلقنىڭ روھىنى ئويغاتقان. 1943 – يىلىدىن كېيىن ‹‹غېرىپ – سەنەم››، ‹‹تاھىر – زۆھرا››، ‹‹رابىيە – سەئىدىن››، ‹‹سامساق ئاكام قاينايدۇ››، ‹‹چىمەنگۈل››، ‹‹قانلىق داغ››، ‹‹بوراندىن كېيىنكى ئاپتاپ››، ‹‹ئارشىن مالئالان›› قاتارلىق دىراما ۋە كومېدىيەلەرنى ئوينىغان.

ئىلگىرى ‹‹يەكەن سەنايى نەفىس››تە بىرمۇ ئايال ئارتىس يوق ئىدى. 1938 – يىلى خەيرىنىسا زۇنۇن، خەيرىنىسا تۆلەندى، پاتامنىسا ئەمەت، سۇدەم توختىنىياز قاتارلىق سەنئەتكارلار ئۆمەك تەركىبىگە قوشۇلغان، كۈندىن – كۈنگە تەرەققىي قىلغان ‹‹سەنايى نەفىس›› 1940 – يىللاردا يەكەن، قاغىلىق، خوتەنلەردە ئويۇن قويۇپ، خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان، كېيىن ‹‹سەنايى نەفىس›› نىڭ غوللۇق ئارتىسلىرىدىن زاكىرجان، ھېبىبىللا مۇھىددىن قاغىلىقتا ۋە خوتەننىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا مۇقىم تۇرۇپ، ئۇ جايلاردىكى مەنىۋى ئاقارتىشنىڭ يۈكسىلىشىگە زور ھەسسە قوشقان.

1930 – يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 1940 – يىللاردا داڭ چىقارغان، قەشقەر تارىخىدىكى تۇنجى كەسپىي سەنئەت ئۆمىكى بولغان بۇ ‹‹سەنايى نەفىس›› ئازادلىقتىن كېيىن يەكەن ۋىلايەتلىك ۋە يەكەن ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ ئاساسى بولغان ۋە ئەجدادلارنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلغان. يەكەن ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى مانا شۇ ئاساستا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دولقۇنلىرىدا تېخىمۇ گۈللىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا رەڭگارەڭ، خۇش پۇراق سەنئەت گۈللىرىنى ئۈزلۈكسىز تەقدىم قىلماقتا.

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

更多

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[تارىخى بىلىملەر] ئاپپاق خوجىنىڭ «جاھان كېزىش» نامى بىلەن تىبەتكە قى [ 2012-09-10 22:00:21 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] 125ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش دېلوس [ 2012-09-10 21:42:08 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] مەملىكەتلىك ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى يىغىنى ۋە «ئىككى [ 2012-09-10 21:37:41 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] جۇڭگودا كارىۋاتلىق ئاپتوبۇس ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتى [ 2012-09-10 21:35:27 ]
[تارىخى بىلىملەر] يەكەندە «سەنايى نەفىس» نىڭ بارلىققا كېلىشى [ 2012-09-10 21:33:16 ]
[خەنزۇتىلى] 2 -يىللىق 2-ماۋسۇملۇق قوش تىل سىنىپ خەنزۇتىلى تەييار [ 2012-03-14 12:39:41 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلغاندىلا، ئوقۇغۇچىلارن [ 2012-03-02 00:34:47 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ش ئۇ ئا ر كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى ي [ 2012-03-02 00:33:16 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] مەكتەپلەردە بوزەك قىلىنىش مەسىلىسى ئامېرىكىلىقلا [ 2012-03-02 00:29:11 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] كامبىرىج..يەتتە ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى زەھەر ئەتكەسچىسى [ 2012-03-02 00:27:33 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر