![]() |
يان تېلېفون باتارېيەسىنى سېتىۋالغاندا...
![]() سىغىمى ئېنىق كۆرسىتىلگەن ياكى كۆرسىتىلمىگەنلىكىگە قاراش: سىغىمى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن (مەسىلەن: 1000mAh ياكى 1000مىللىئامپېر سائەت) باتارېيە ناچار ياكى يىغىۋېلىنغان باتارېيە بولۇشى مۇمكىن. كۈتۈش ۋاقتى كاپالەتكە ئىگە ياكى ئەمەسلىكىگە قاراش: كۈتۈش ۋاقتى دېگىنىمىز باتارېيەنى يانفونغا سالغاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم توك قاچىلىغىچە بولغان ئۇدا ئىشلەتكەن ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. ساتقۇچىنىڭ باتارېيەنىڭ كۈتۈش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلالمىغانلىقى، ناچار باتارېيە ياكى «يىغىۋېلىنغان باتارېيە» ئەمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمىغانلىقى بىلەن باراۋەر. توك يولىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش تاختىسى بار-يوقلۇقىغا قاراش: ئەگەر توك يولىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش تاختىسى بولمىسا، ئۇنداقتا بۇنداق لىتىيلىق باتارېيەدە شەكلى ئۆزگىرىش، سۇيۇقلۇق ئېقىش، پارتلاش قاتارلىق خەۋپلەر ساقلانغان بولىدۇ. كارخانىلار باھاسى ئەرزان بولۇشتا رىقابەتلىشىپ، تېخىمۇ ئەرزان باھالىق توك يولىنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداش تاختىسىنى ئىزدەيدۇ ياكى بۇنداق قۇرۇلمىنى قىسقارتىۋېتىدۇ، نەتىجىدە بازارنى پارتلاش خەۋپى بولغان لىتىيلىق باتارېيە بىلەن توشقۇزۇۋېتىدۇ. ئىستېمالچىلار باتارېيەنىڭ سىرتىغا قاراپ توك يولىنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداش تاختىسى بار - يوقلۇقىنى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ، پەقەت سودىگەرلەرنىڭ ئېغىزىدىكى چۈشەندۈرۈشلىرىگە ئىشىنىپ قالىدۇ.
|