پەنلەر ئوقۇتۇشىمائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پاكلىق قۇرۇلۇشى ت

يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-27 16:54 مەنبەسى: تەڭرىتاغ تورى ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
پەقەت پاكلىق ئۆتكىلىدىن ئۆتكەندىلا، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ مەسئۇللىرى پارتىيەنىڭ ئىشەنچىسىنى، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىيالايدۇ ھ
تەلەي +1

  

ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پاكلىق قۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم

 

ئابلاجان قادىر

 

   پاك، ئىنتىزامچان بولۇش، پاكلىق بىلەن تىرىشىپ ئىشلەش پارتىيەمىزنىڭ ھەر بىر رەھبىرىي كادىرلارغا قويغان ئاساسىي تەلىپى. پەقەت پاكلىق ئۆتكىلىدىن ئۆتكەندىلا، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ مەسئۇللىرى پارتىيەنىڭ ئىشەنچىسىنى، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىيالايدۇ ھەم پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان مۇقەددەس ۋەزىپىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. شۇڭا، ھەر بىر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ رەھبىرى پاك، ئىنتىزامچان بولۇشنى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ زۆرۈر ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپنى ياخشى ئىگىلىۋېلىشى كېرەك.

   1. پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدىكى ئالاھىدە ئەھمىيىتىنى توغرا تونۇشى كېرەك.

   بىرىنچىدىن، ھوقۇق ۋە مەنپەئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇش كېرەك. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ھوقۇق ئومۇمغا تەئەللۇق، ھوقۇق ئومۇم ئۈچۈن يۈگۈزۈلىدۇ. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ مەسئۇللىرىنىڭ قولىدىكىسى ئومۇمنىڭ ھوقۇقى، شۇڭا دۆلەت ۋە خەلق ئۈچۈن ھوقۇقنى توغرا ئىشلىتىش كېرەك. ھوقۇق بىلەن مەنپەئەت زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئورۇن يۇقىرىلىغانسېرى ھوقۇقمۇ چوڭلايدۇ، بۇ شەخسىي مەنپەئەتنىڭ كۆپىيىشى ۋە كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنداق مەنپەئەتنىڭ بەلگىلىمە ئىچىدە بولغانلىرىنى ئاممنىڭ قوبۇل قىلالايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت بەرگەن نورمال تەمىنات ئىكەنلىكىنى، بىنورمال كىرىملەرنى ئاممنىڭ قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك. نورمال مەنپەئەتتىن بەھىرلەنسەك بولىدۇ، بىنورمال مەنپەئەتنى ئازراقمۇ قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ ھەم قەتئىي قوبۇل قىلماسلىق كېرەك. ھوقۇق تۇتقان ئىكەنمىز، چوقۇم ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، پاك-دىيانەتلىك بولۇش، ھوقۇقنى ئومۇمنىڭ دەپ بىلىپ، ئومۇم ئۈچۈن ھوقۇق تۇتۇش كېرەك.

   ئىككىنچىدىن، پاك-دىيانەتلىك بولۇش بىلەن ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇش كېرەك. پاك-دىيانەتلىك بولۇش كىشىنىڭ ئۆزىدىكى پاك-دىيانەتنى كۆرسىتىدۇ، پاك-دىيانەتلىك بولۇشتىكى مەقسەت ھۆكۈمەت ئىشىدىمۇ پاك-دىيانەتلىك، ئىنتىزامچان بولۇپ، پاكلىق بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۈچۈندۇر. بۇ ھەر بىر پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرنىڭ، جۈملىدىن ھەر بىر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ رەھبىرىنىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىي ھاياتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە يوقىلىشىغا، ھەتتا، تەبىئىي ھاياتلىقىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە يوقىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك. بىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىيىتىمىزگە، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىمىزدە ئەمەلىي ۋە ئۇزاق ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كەلتۈرەلمەسلىكىمىزگە مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ مەسئۇللىرى پاكلىق بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، پاك، ئىنتىزامچان بولۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمەيدىكەن، بىزنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى زور توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ، پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولمايدۇ. تارىختىن قارىغاندا، ھەر قانداق بىر سىياسىي پارتىيە ھەر قانداق بىر ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى سىنىپىنىڭ يوقىلىشى ھوقۇق تۇتقۇچىلاردا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكتىن بولغان، مۇھىم بىر تەرەپ شۇكى، ئاچكۆزلىشىپ، چىرىكلىشىپ ئەل-ئاۋامنى ئۇتۇپ قالغانلىقتىن بولغان. بىز ھەر دەرىجىلىك مەكتەپ مەسئۇللىرى پاك، ئىنىتىزامچان بولۇش ۋە پاكلىق بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مەسىلىسىگە سىياسىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ قارىشىمىز، كۈچلۈك پاك، ئىنتىزامچان بولۇش ئېڭىنى ھەقىقىي تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك. ھەر قايسى جەھەتلەردە پاك، ئىنتىزامچان بولۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز، پاك، ئىنتىزامچان بولۇپلا قالماي، ئادىل، توغرا ئىش قىلىشىمىز، ھوقۇقنى باشتىن-ئاخىر يۇقىرى ئۈنۈمدە، ئوچۇق-ئاشكارا خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

   2. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ مەسئۇللىرى پاكلىق ئۆتكىلىدىن ياخشى ئۆتۈشى، چوقۇم پاك، ئىنتىزامچان بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

   پاكلىق بىلەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش-شۇغۇللىنالماسلىق ئىدىيەۋى مەسىلىسىلا بولۇپ قالماي، پوزىتسىيە، ئۇسۇل، ئىرادە ۋە ئىشەنچ، مەسىلىسى. نۆۋەتتە، بىزنىڭ كەسپىمىزدىن قارىغاندا، زور كۆپچىلىك مەكتەپ مەسئۇللىرى ۋەزىپىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەممىسىلا پاك-دىيانەتلىك ھالدا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئويلايدۇ، شۇنداقلا پاك، ئىنتىزامچان بولۇشقا ئىرادە باغلاپ، كەسىپتە نەتىجە قازىنىشقا، جەمئىيەتنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشىشكە، تەشكىلنى خاتىرجەم قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئەمما، بەزى ئاز ساندىكى مەكتەپ مەسئۇللىرى ئۆزلىرىنىڭ دەسلەپكى ئەھدىنى ئۇنتۇپ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب يەنىلا ئۇلاردا پاك، ئىنتىزامچان بولۇش ئىقتىدارىنىڭ كەملىكىدە. ئەمەلىيەتتىن قارىغاندا، ئەگەر مەكتەپ مەسئۇللىرىدا پاك، ئىنتىزامچانلىق ئىقتىدارى ھازىرلانغان بولسا، ئۇلار ھەر ۋاقىت ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدۇ، ئۆزىنى باشقۇرالايدۇ، ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە ئەتراپىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى باشقۇرالايدۇ. بۇنداق ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشتە ئاچقۇچ تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ:

   بىرىنچى، ئىستىلنى ياخشى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئىستىلى پاك-دىيانەتلىك ھالدا مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بۇنىڭدا، بىر جەھەتتىن ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە قىيىنچىلىقتىن قورقمايدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. يەنى پاكلىق مەسىلىسىنى دائىم ئويلاش، خىزمەت جەريانىدا قىلىۋاتقان بەزى ئىشلىرىمىز ئادىلمۇ ئەمەسمۇ، توغرىمۇ-خاتامۇ، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇنمۇ ئۇيغۇن ئەمەسمۇ قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۆپ ئويلاش كېرەك.

   ئىككىنچى، مەكتەپ مەسئۇللرى ھەر قايسى سىنىپ، ئىشخانىلارغا كۆپ چۈشۈشى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىللىرى بىلەن كۆپ ئارىلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئالاقە ئورنىتىپ، جاپا-مۇشەققەتنى كۆپرەك ھېس قىلىپ، جاپالىق مۇھىتقا ماسلىشىشى كېرەك. يەنە بىر جەھەتتىن پوچىلىق، شۆھرەتپەرەسلىكنى تەرك ئېتىپ، ھەقىقىي ئادەم بولۇپ، ئەمەلىي ئىش قىلىش كېرەك. ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈش كېرەك. بولۇپمۇ ياخشى تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈپ، ئۆزىنى دوستلار توپى ۋە باشقا ئىجتىمائىي توپلاردىن قاتتىق تىزگىنلەپ، بېرىشقا تېگىشلىك بولمىغان سورۇنلارغا بارماسلىق، ئارىلاشماسلققا تېگىشلىك دوستلار بىلەن ئارىلاشماسلىق، يېيىشكە تېگىشلىك بولمىغان تاماقلارنى يېمەسلىك، ئارىلىشىشقا تېگىشلىك بولمىغان كىشىلەر بىلەن ئارىلاشماسلىق، ئادەتتىكى پۇقرالار بىلەن كۆپ ئارىلىشىش، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممنىڭ ھال-دەردىنى كۆپ ئاڭلاش، ئاممنىڭ مەنپەئەتىنى كۆپ ئويلاش كېرەك.

   ئۈچىنچى، ياخشى خاراكتېر يېتىلدۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدا جۈرئەت قىلىشتىن ئىبارەت قەتئىي خاراكتېرنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. رەت قىلىشنى، خىجىل بولماسلىقىنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك. باشقىلارنى رەنجىتىپ قويۇشتىن قورقماسلىق، ئۆز پاكلىقى ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە جۈرئەت قىلىش، باشقىلارنىڭ كۆزگە ئىلماسلىقىدىن قورقماسلىق، ئاددىي-ساددا ياشاش، ئۆرپئادەتلەرگە بېرىلىپ كەتمەسلىك، ھەر قاچان «مەن خەلقنىڭ چاكىرى» دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك.

   3. ئۆز مەكتىپىنىڭ پاك، ئىنتىزامچان بولۇش خىزمىتىدە چوقۇم «ئۈچ جەھەتتىن باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» كېرەك.

   بىرىنچىدىن، پاكلىق تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. تەربىيە ئادەتتىكىچە، ئۇقۇم خاراكتېرلىكلا بولۇپ قالسا بولمايدۇ، چوقۇم ئىستېرېئولۇق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىپ، تەربىيەنىڭ ئاساسلىق رولى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇلۇشى كېرەك. تەربىيە ئارقىلىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ مەسئۇللىرى پاك، ئىنتىزامچان بولۇش توغرىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى پىششىق بىلدۈرۈپ، دائىم ئەھۋال ئىگىلەپ تۇرۇش، دائىم ئاگاھلاندۇرۇش، «سۇ كەلمەستە توغان تۇتۇش» كېرەك.

   ئىككىنچىدىن، پاكلىق بىلەن مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنى باشقۇرۇشنىڭ ئۇسسۇل ۋە تەدبىرلىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك. خىزمەتلەرنى پۇختا، ئىنچىكە تۇتۇش، تۈزۈم، تەرتىپ، ئۇسسۇلچارىلەرنى بەلگىلەش كېرەك. چوقۇم قوللىنىلىدىغان تۈزۈم بولۇش، تۈزۈمنىڭ يادروسى ئوچۇقئاشكارا، دېمۇكراتىك بولۇش كېرەك. چىرىكلىشىش ئېھتىمالى چوڭ بولغان تارماقلارنى چۆرىدەپ، ھالقىلىق كىشىلەرنى چىڭ تۇتۇپ باشقۇرۇش،ھالقىلىق ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، ھوقۇقنى ئوچۇقئاشكارا ئىشلىتىش كېرەك.

   ئۈچىنچىدىن، يېتەكلەشكە تايىنىش كېرەك. يېتەكچىلىك كۈچىنىڭ پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى ئىجابىي رولىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ مەسئۇللىرى ئۆزىدىكى پاك، ئىنتىزامچان تارماقلار، ئورۇنلار، شەخسلەرنىڭ تىپىك ئىشئىزلىرى ئارقىلىق ئورۇن، تارماقلىرىنىڭ پاكلىق قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

   ئاپتور: يېڭىسار ناھىيە خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[تارىخى بىلىملەر] جۇڭگونىڭ قەغەز پۇللىرىدىكى «ئەڭ»لەر [ 2012-02-27 17:02:34 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بوۋاققا تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز بېرىش كېرەك [ 2012-02-27 17:00:31 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] پاك-دىيانەتلىك بولۇش پۈتۈن ئائىلىنىڭ بەختى [ 2012-02-27 16:56:48 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پاكلىق قۇرۇلۇشى ت [ 2012-02-27 16:54:45 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر ئەسكەر قىزلار ھەربىي پارا [ 2012-02-27 16:52:35 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] مەكتەپ تاللاشتا قالايمىقان ھەق ئېلىشنى نازارەت قى [ 2012-02-27 16:43:12 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] ئاي شارىدا قېزىۋالغىدەك قانچىلىك بايلىق بار [ 2012-02-27 16:40:12 ]
[قانۇن تۇزۇم] خەن خەن بىلەن فاڭ جۇزى ئوتتۇرىسىدىكى تور ئۇرۇشى [ 2012-02-27 16:37:21 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] ئاتا-ئانىلارنىڭ مائارىپ سەۋىيەسى بالىلارنىڭ پىسخى [ 2012-02-27 16:34:03 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] كۆپ يېيىش دېۋەڭلىك كېسىلىنى پەيدا قىلىدىكەن [ 2012-02-27 16:32:50 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر