پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىققانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

خەن خەن بىلەن فاڭ جۇزى ئوتتۇرىسىدىكى تور ئۇرۇشى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-27 16:37 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئۆزى ۋە باشقا تورداشلارنىڭ ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، پەن-تېخنىكا ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى ئېلىم چىرىكلىكىگە جەڭ ئېلان قىلغان
تەلەي +1

 

خەن خەن بىلەن فاڭ جۇزى ئوتتۇرىسىدىكى تور ئۇرۇشى

 

خەن خەن بىلەن فاڭ جۇزى ئوتتۇرىسىدىكى تور ئۇرۇشى
 

 

يېقىندا ياش يازغۇچى خەن خەن بىلەن ئىلىم ساھەسىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش نامى بىلەن نۇرغۇن ماقالىلەرنى يېزىپ جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان يازغۇچى فاڭ جۇزى ئوتتۇرىسىدىكى نام-ئابرۇي تالاش-تارتىشى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئۇنداقتا تور دۇنياسىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ خىل بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىدىغان ئەھۋاللار جەمئىيىتىمىزدە قانداق تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ؟ توردا پىكىر بايان قىلىشنىڭ چەك-چېگرىسى زادى نەدە؟

خەن خەن 80-يىلىدىن كىيىن تۇغۇلغان ياش يازغۇچىلار ئىچىدە جەمئىيەتتە تەسىر دائىرىسى بىر قەدەر چوڭ يازغۇچى. ئۇ 1999-يىلى 1-قېتىملىق «يېڭى ئۇقۇم يېزىقچىلىقى مۇسابىقىسى»دە چېمپىيون بولغان، شۇنداقلا ياشلارنىڭ رېئاللىق ئالدىدىكى ئويلىنىشلىرى ۋە گۇمانى توغرىسىدا يازغان «ئۈچ قات ئىشىك» دېگەن رومانى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بلوگىدا ئېلان قىلغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۆتكۈر ماقالىلىرى بىلەن جەمئىيەتكە تونۇلغان، ئۇنىڭ سىنا تورىدا ئاچقان بىلوگىنى زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ سانى 550 مىليونغا يېقىنلاشقان.

فاڭ جۇزىنىڭ ئەسلى ئىسمى فاڭ شىمىن، ئىلگىرى ئامېرىكىدا بىر مەزگىل ئوقۇپ خىزمەت قىلغان، 1999-يىلىدىن باشلاپ، ئۇ ئۆزى قۇرغان تور بېكىتىدە ئۆزى ۋە باشقا تورداشلارنىڭ ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، پەن-تېخنىكا ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى ئېلىم چىرىكلىكىگە جەڭ ئېلان قىلغان. ئۇ باشقىلار ئۈستىدىن ئوچۇق ئاشكارا شىكايەت قىلغاچقا، جەمئىيەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلغان.

يىل بېشىدا فاڭ جۇزى توردا خەنخەنگە جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ 17 يېشىدا يازغان ئەسەرلىرىنىڭ شۇ ياشتىكى ياشلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە توغرا كەلمەيدىغانلىقى، شۇڭلاشقا ئەسەرلىرىنىڭ دادىسىنىڭ يېزىپ بەرگەنلىكىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئارقىدىن خەن خەنمۇ ماقالە ئېلان قىلىپ، فاڭ جۇزىغا رەددىيە بەرگەن شۇنداقلا ئۆزىنىڭ نام-ئابرۇيىنى قوغداش ئۈچۈن قانۇنغا تايىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن، بۇنىڭ بىلەن 2012-يىلىدىكى تۇنجى تور ماجىراسى رەسمىي باشلىنىپ كەتكەن. ئەمەلىيەتتە، بۇ قېتىمقى تالاش-تارتىشتىن بۇرۇن، مەي تيەن ئىسىملىك بىر تورداش يالغان خەن خەن نامىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خەن خەننىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئۆز قولىدىن چىققانلىقىغا گۇمانلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى، ئارقىدىن خەن خەن كەينى-كەينىدىن ئۈچ ماقالە ئېلان قىلىپ، مەي تەينگە رەددىيە بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن مەي تيەننىڭ خەن خەندىن كەچۈرۈم سورىشى بىلەن بۇ ئىشمۇ بىر مەھەل بېسىققان ئىدى. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي فاڭ جۇزى قايتىدىن خەن خەنگە جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. 29-يانۋار خەن خەن فاڭ جۇزىنى ئۆزىنىڭ نامىغا دەخلى تەرۇز قىلدى دەپ سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، ئۇنىڭدىن 100مىڭ يۈەن تۆلەم تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن خەن خەننىڭ ئەسەرلىرىنىڭ راست-يالغانلىقى توغرىسىدىكى بۇ تالاش-تارتىش قايتىدىن ئۇلغىيىپ كەتكەن.

دەل كىشىلەر بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقاندا، خەن خەن 3-مارت بىلوگىنى يېڭىلاپ، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن بۇ ئىش توغرىسىدا ھېچقانداق پىكىر بايان قىلمايدىغانلىقىنى، بارلىق ئىشلارنى سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما خەن خەننىڭ بۇ جاۋابى بىلەن فاڭ جۇزى تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ كەتتى، ئۇ ئارقىدىن خەن خەننىڭ ئۆزىنى چەتكە ئېلىشى دەل ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ ئاشكارىلىنىپ قىلىشىدىن قورققانلىقىدىن، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى باشقىلارنىڭ يېزىپ بەرگەنلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ دېدى.

ئەمەلىيەتتە، مەي تيەندىن تارتىپ فاڭ جۇزىلارغىچە ئاساسلىقى ئۆز پەرىزىگە تايىنىپ پىكىر بايان قىلغان، ئەمما ئۇلار بىرەر مەسىلىنى كۆرسىتىپ بەرگەندە، چوقۇم پاكىت بولۇشى كىرەكلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان. گەرچە ئۇلار خەن خەننىڭ ئەسەرلىرىدىكى بىر قىسىم نۇقتىلارنى پاكىت قىلىپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما كۆپىنچى ھاللاردا يەنىلا ئۆز پەرىزىگە تايىنىپ باھا بەرگەن. گەرچە بۇ قېتىمقى تالاش-تارتىش تور دۇنياسىدا يۈز بەرگەن بولسىمۇ، يەنىلا پاكىتلىق سۆزلەش كېرەك ئىدى، بولمىسا ھەممە كىشى ئۆزىنىڭ پەرىزى بويىچە سۆزلەۋەرسە، بىز كىمنىڭ گېپىگە ئىشىنىمىز. مانا ھازىر، خەن خەن بۇ ئىشنى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، بۇ ئىشنى تور دۇنياسىدىن رېئاللىققا قايتۇرۇپ كەلدى. پەقەت مۇكەممەل تۈزۈم بولغاندىلا مۇشۇنداق مەسىلىلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

باراۋەر ۋە ئەركىن دەپ تەرىپلەنگەن تور دۇنياسىدا، ھەممە كىشى پىكىر بايان قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، داڭلىق شەخسلەردىن تارتىپ ئادەتتىكى پۇقرالارغىچە ھەممە كىشى ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئەركىن ئوتتۇرىغا قويالايدىغان، ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولدى. ئەمما داڭلىق شەخسلەرنىڭ توردىكى بۇ خىل تالاش-تارتىشلىرى شۇنداقلا بىر-بىرىگە ئوچۇق-ئاشكارا ھۇجۇم قىلىشلىرى ئارقىسىدا كىشىلەر تور دۇنياسىدىكى بۇ خىل زىيادە ئەركىنلىككە گۇمان بىلەن قاراشقا باشلىدى. ئۇنداقتا تور دۇنياسىدىكى بۇ خىل تالاش-تارتىش پەقەت ۋاقىت بىلەن تەڭ توزۇپ كېتىدىغان تۇمانمۇ؟

خەن خەن بىلەن بىلەن فاڭ جۇزى ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش پەقەت شەخسلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئەمەس، تور مۇھىتىنى ياخشىلاش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشتا ھەممە كىشىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ . ئەگەر تور مەلۇم كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىدىغان سورىنىغا ئايلىنىپ قالىدىغان بولسا، كىشىلەر ھازىرقىدەك ئىنتېرنېتقا داۋاملىق مەپتۇن بولۇپ كەتمەسلىكى مۇمكىن.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[تارىخى بىلىملەر] جۇڭگونىڭ قەغەز پۇللىرىدىكى «ئەڭ»لەر [ 2012-02-27 17:02:34 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بوۋاققا تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز بېرىش كېرەك [ 2012-02-27 17:00:31 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] پاك-دىيانەتلىك بولۇش پۈتۈن ئائىلىنىڭ بەختى [ 2012-02-27 16:56:48 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پاكلىق قۇرۇلۇشى ت [ 2012-02-27 16:54:45 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر ئەسكەر قىزلار ھەربىي پارا [ 2012-02-27 16:52:35 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] مەكتەپ تاللاشتا قالايمىقان ھەق ئېلىشنى نازارەت قى [ 2012-02-27 16:43:12 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] ئاي شارىدا قېزىۋالغىدەك قانچىلىك بايلىق بار [ 2012-02-27 16:40:12 ]
[قانۇن تۇزۇم] خەن خەن بىلەن فاڭ جۇزى ئوتتۇرىسىدىكى تور ئۇرۇشى [ 2012-02-27 16:37:21 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] ئاتا-ئانىلارنىڭ مائارىپ سەۋىيەسى بالىلارنىڭ پىسخى [ 2012-02-27 16:34:03 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] كۆپ يېيىش دېۋەڭلىك كېسىلىنى پەيدا قىلىدىكەن [ 2012-02-27 16:32:50 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر