![]() |
ئاي شارىدا قېزىۋالغىدەك قانچىلىك بايلىق بار جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى زۇڭتۇڭ سايلىمىدىكى قىزىق نۇقتىلىق نامزات نېۋت گىڭگرىچ (Newt Gingrich) تۈنۈگۈن ئالەم بوشلۇقى سىياسىتى توغرىسىدا نوتۇق سۆزلەپ كۈلكىگە قالدى . ئۇ نۇتۇق سۆزلىگەندە ئۆزىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلى ئاياغلىشىشتىن ئىلگىرى ئاي شارىدا مەڭگۈلۈك ئامېرىكا بازىسىنى قۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن ئىدى . نۆۋەتتىكى سايلام جېڭىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نۇقتا ئامېرىكا ئىقتىسادىنى جانلاندۇرشتىن ئىبارەت بۇ خىل قۇرۇقلۇقتىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىسى ، شۇڭا ئاي شارى بازىسىنى قۇرۇش ئويىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ، بەلكىم سەل ۋاقتى ئەمەستەك تۇرىدۇ . ھالبۇكى بۇ ئەمەلىيەتتە ھىچقانچە يېڭى تەدبىر ئەمەس . ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى كىچىك بوش ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا بىر ئاي شارى بازىسىنى قۇرۇشنى پىلانلىغان بولسىمۇ ، ئەمما كېيىن ۋاز كەچكەنىدى . جۇڭگو ، ياپونىيە ۋە رۇسىيەنىڭ ئاي شارى بازىسى پىلانىمۇ ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ . مىللەتچىلىكنىڭ ئابرويپەرەسلىكى ، ساپ پەن تەتقىقاتى ۋە ئالەم بوشلۇقى ساياھىتىگە ھەۋەس قىلىشتىن باشقا ، كىشىلەرنىڭ ئاي شارىغا بېرىشىغا راستىنلا قانداق باھانىسى بار ؟ ئۇ يەردە بىز ئالماقچى بولغان قانداق نەرسىلەر بار؟ ئاي شارىدا راستىنلا بىزنىڭ قېزىشىمىزنى ساقلاۋاتقان قانداق بايلىقلار بار؟ بەلكىم باردۇر . ئەمما سىلەر پەرەس قىلغاندەك كۆپ بولمىسا كېرەك . ئاپوللو 12 نىڭ ئاي شارىغا قونۇش ۋەزىپىسىدە ، يەر شارىغا بىر خىل«كرىپ«(KREEP) دەپ ئاتىلىدىغان تاغ جىنىسىنى ئېلىپ كەلگەنلىكى بىلەن ، ئاي شارىدا كان قېزىش ئىستىقبالى ئىزچىل تۈردە كىشىلەرنى جەلىپ قىلىپ كەلدى . KREEP كالىي، فوسفور ۋە سىرەك يەر ئېلېمنتىدىن ئىبارەت خىمىيەلىك تەركىبلەردىن تۈزۈلگەن . ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىلىرىدا ئوخشاشلا سىرەك توپا ئىشلىتىلىدۇ . يېقىندا ، كىشىلەر سىرەك يەر مېتاللىرى بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىدىن ئەندىشە قىلىپ قالدى — بولۇپمۇ جۇڭگو يېقىندا تەمىنلەشنى مونوپول قىلىۋالدى ، بەزى كىشىلەر بۇنىڭدىن كېيىن ئاي شارىنى بۇ خىل مېنېرالنىڭ ئورنىغا دەسسىتىدىغان مەنبە قىلىشقا بولامدۇ-بولمامدۇ دېگەننى ئوتتۇرىغا قويدى . ھالبۇكى ، ئاپوللو ئالەم كېمىسى ئۇچقۇچىسى ئېلىپ كەلگەن ئەۋرىشكىنىڭ تەركىبىدە KREEP كۆپ بولسىمۇ ، تەتقىقاتچىلار ئاي شارىدا سىرەك يەر مېتاللىرى مول ئىكەن دەپ قارىغان بولسىمۇ ، يېقىنقى گامما نۇرىسپېكترومېتىرىنىڭ ئانالىزىنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىچە ، ئاي شارىدا سىرەك توپىنىڭ زاپاس مىقدارى ئىلگىرى پەرەز قىلغاندەك ئۇنچىۋلا كۆپ ئەمەسكەن ، ھەمدە ئۇلار ئالاھىدە رايونغا مەركەزلەشكەن . مۇنداقچە ئېيتقاندا ، كەلگۈسىدىكى ئاي شارىدا كان قازغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ قونۇش نۇقتىسىنى ئىنچىكە تاللىشى كېرەك . باشقا ئادەملەر ئاي شارىدا گېلى-3 نى قېزىش تەكلىپىنى بەردى . بۇ خىل گېلىنىڭ ئىزوتوپى ئاي شارى يۈزىدە نىسبەتەن كۆپ بولسىمۇ ، ئەمما يەر شارىدا ئىنتايىن كەمچىل . نۆۋەتتە ، گېلى رادىيوئاكتىپلىق تەكشۈرۈش ۋە يادرو ماگنىتلىق رېزونانس ئارقىلىق سۈرەت ھاسىل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل ئىشلىتىلىش يوللىرىغا ئىگە بولسىمۇ ، ئەمما بىر مۇنچە كىشىلەر ئۇ يەنە يادرونىڭ يىغىلىشى ئارقىلىق توك تارقىتىشقا ئىشلىتىلىشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا .ھىندىستان ۋە رۇسىيە ئىلگىرى ئاي شارىغا چىقىپ گېلى-3 نى قېزىش پىلانىنى مۇھاكىمە قىلىپ باققان . بەختكە قارشى ، گېلى-3 نى قېزىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس ، بەزى تەھلىلكلەرنىڭ قارىشىچە ، ئاي شارى يۈزىدىن بىر گرام گېلى-3 كە ئېرىشىش ئۈچۈن 150 توننا ئاي شارى يېپىنچا توپىسىنى قېزىشقا توغرا كېلىدىكەن . ئاي شارىدا مول بولغان تىتان يوشۇرۇلغان بولسىمۇ ، ئەمما ئاي شارىدىكى تىتاننى تەركىبىدە تۆمۈر ۋە ئوكسىگىن بولغان بىر خىل خىمىيەلىك بېرىكمىدىن ئايرىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. دېمەك، ئاي شارىدا كان قېزىشنىڭ ئالدىنقى قارارلىق تەننەرخى ئىنتايىن زور ، ھەمدە ، پەقەت گېلى-3تىن پايدىلىنىپ يادرولۇق يىمىرىلىشنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن قىممەتكە ئىگە بولىدۇ . ھالبۇكى نۆۋەتتە ئىنسانلارنىڭ گېلى-3 تىن پايدىلىنىپ يادرو يىمىرىلىشنى ئېلىپ بېرىشتا ئىشەنچىسى تولۇق ئەمەس . ھەتتا يەنە قانۇنىي قېيىن مەسىلىلەر مەۋجۇت . ‹‹تاشقى قاتلام ئالەم بوشلۇقى شەرتنامىسى ›› دا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاي شارىدا زىمىن ئايرىشى مەنئىي قىلىنغان، ھەمدە تېخىچە ئاي شارى يەر خېتى ياكى مۇھىت مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان مېخانىزممۇ يوق . شۇڭا، گەرچە مەلۇم خىل ئادەم توشۇغۇچى ئاي شارى ئەسلىھەسىنى تۇرغۇزۇش مۇمكىنچىلىكى بولسىمۇ، ھەمدە يېقىندا ئاي شارىدا سۇنىڭ بايقىلىشى ئۇزۇن مەزگىللىك بازا قۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بولسىمۇ ، ئەمما، ئاي شارىغا تايىنىپ پۇل تېپىش ئۈچۈن يەنىلا ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن .
|