![]() |
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن دۆلەت پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنىنى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزدى خۇ جىنتاۋ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرگە مۇكاپات تارقاتتى، لى چاڭچۇن يىغىنغا قاتناشتى، ۋېن جياباۋ سۆز قىلدى، لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
![]() 2-ئاينىڭ 14-كۈنى، 2011-يىللىق دۆلەت پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ 2011-يىللىق دۆلەت پەن-تېخنىكا ئالىي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى شيې جيالىن (ئوڭدا) ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ۋۇ لياڭيۇڭ (سولدا)غا مۇكاپات تارقاتتى. خەلق گېزىتى 14-فېۋرال بېيجىڭ تېلېگراممىسى: (جاڭ يى خەۋىرى) ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 14-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا دۆلەت پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنىنى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ، لى چاڭچۇن، لى كېچياڭلار يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقاتتى. ۋېن جياباۋ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىندا سۆز قىلدى. لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
![]() 2-ئاينىڭ 14-كۈنى، 2011-يىللىق دۆلەت پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندىن ئىلگىرى، خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ، لى چاڭچۇن، لى كېچياڭ، قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
|