![]() |
پاك-دىيانەتلىك بولۇش پۈتۈن ئائىلىنىڭ بەختى ئەكرەم خۇنەن ئۆلكىلىك دېھقانچىلق نازارىتىنىڭ سابىق باش نازىرى چېڭ خەيبو پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنىش، سىياسى ھوقوقىدىن ئۆمۈرلۈك مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلدى ھەمدە بارلىق مال-مۈلكى مۇسادىر قىلىندى. ئوخشاشلا ئوغلى چېڭ گاۋ ۋە ئىنىسى چېڭ خەيلياڭمۇ پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 9 يىللىق ۋە 10 يىللىق قارماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئىككى يۈز مىڭ يۈەن ۋە 5 مىليون 500 مىڭ يۈەن پۇلنى مۇسادىر قىلدى، دېلوغا چېتىشلىق توڭلىتىلغان، تۇتۇپ قېلىنغان مال-مۈلۈك ۋە باشقا بۇيۇملار دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلدى. كونىلاردا «يولۋاسنى قېرىنداشلار بىرلىشىپ، ئاتا-بالا سەپ تۈزۈپ تۇت» دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بار. بىراق بۇ يەردە بۇ قېرىنداشلارنىڭ، ئاتا-بالىلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى پەقەت سەلىبىي تەرەپتىنلا تەدبىقلاشقا بولىدۇ. «بىر ئادەم مەنسەپ تۇتسا، ئىت-مۈشۈكلىرىمۇ ئەتىۋار بولۇر» دېگەن فېئودال ناچار ئىدىيەلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بىر قىسىم كىشىلەر پەقەت ئائىلىسىدە بىرەرسىنىڭ ھوقۇقى بولسىلا باشقىلىرى شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ پۇل-مال يىغىدىغان، يەنە بەزىلەر بىرەر ھوقۇققا ئېرىشسىلا ئائىلىسىنىڭ، جەمەتىنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ھوقوق ۋە تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ تۇغقانلىرىغا توغرا بولمىغان يول ئارقىلىق پايدا يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. بۇنىڭغا قارىتا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار پاكلىق بىلەن مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش نىزامنامىسى»دا ئېنىق قىلىپ: «رەھبىرىي كادىرلار ئۆز خىزمەت تەۋەلىكى، خىزمەت دائىرىسى ئىچىدە ئايالى، بالىسى ۋە باشقا تۇغقانلىرىنىڭ كوللېكتىپ مەنپەئەتى بىلەن توقونۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان سودا-سېتىق، كارخانا قۇرۇش، جامائەت ۋاستىچىلىك مۇلازىمىتى قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىشىغا خالىغانچە يول قويۇش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ»، دەپ بەلگىلەنگەن. ئائىلە جەمئىيەتنىڭ بىر ھۈجەيرىسى، ھەممە كىشى ئۆزىنىڭ شادلىققا تولغان بىر ئائىلىسىنىڭ بولۇشىنىئارزۇ قىلىدۇ. ھالبۇكى ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان چېڭ خەيبوغا ئوخشاش پايدا-مەنپەئەتنى قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت بىلەن باغلىغاندا، بەلكىم پۈتۈن ئائىلە بالايى-ئاپەت ئوچىقىغا ئايلىنىشى مۇمكىن. ئېنىقلانغان تىپىك دېلولارغا قارىغاندا، چىرىكلەشكەن ئۇنسۇرلار كۆپ ھاللاردا ‹‹يالغۇز›› ئەمەسكەن. تۇغقانلىرى ئۇلارنى ئەسكەرتىپ، ئاگاھلاندۇرمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، پايدا-مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىدىكەن. بۇخىل ئەھۋالنىڭ خەۋپى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، بەزى كادىرلارنىڭ تۇغقانلىرى پارا بەرگۈچىلەرنىڭ ئالدىنقى بۆسۈش ئېغىزى قىلىنىدۇ. چۈنكى تۇغقانلارنى رەت قىلماق قىيىن، ئۆز ئىچىدىن ماجرا چىقسا كادىرنىڭ ئۆزىگىمۇ زىيان يېتىدۇ. يەنە بەزى چىرىكلەشكەن ئۇنسۇرلار باشقىلارنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۇغقانلىرىنى «ئىككىنچى قول يەتكۈزگۈچى» قىلىپ، ئەگرى سىزىقلىق چىرىكلىشىش ئېلىپ بارىدۇ. گەرچە چىرىكلىشىش ئەنزىلىرىدە توققانلار ئاسانلا دەۋالاشقۇچىلار بىلەن بىرلىشىپ يالغان پاكىت ياساش، تىل بىرىكتۈرۈۋېلىش، زاڭ ماللارنى يۆتكەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق دېلو بېجىرىشكە بەلگىلىك قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. لېكىن دۇنيادا ئاشكارىلانمايدىغان ئىش يوق، دېلو ھامىنى بىر كۈنى پاش بولىدۇ، شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ۋەيران قىلغىنى پۈتۈن ئائىلىنىڭ بەختى بولىدۇ. يەنتەي شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى جياۋ جېرېن پارا ئالغان 1 مىليون 600 مىڭ يۈەن ئىچىدە ئايالى جۇڭ فۇچىڭ بىۋاستە ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرۇۋالغان پۇل تۆت يۈز 30 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. جياۋ جېرېن سوت قىلىنغاندا كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان بىر جۈملە سۆز قىلىپ: «قولۇمغا سېلىنغان بۇ ئىشكەلنىڭ بىر تەرىپى ماڭا، يەنە بىر تەرىپى ئايالىمغا سېلىنىشى كېرەك» دەيدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئازدۇرۇش سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىش-بېرەلمەسلىكىنى سىناشتا، ئۆزلىرىدە مۇستەھكەم بولغان پاكلىق كۆز قارىشىنى تىكلەش مۇھىم بولۇپلا قالماي، ئائىلە قوغدىنىش لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەشمۇ زۆرۆر. شۇڭا ئۆز ئىشىكىگە ياخشى قاراپ، ئۆز ئادەملىرىنى ياخشى باشقۇرۇپ، پاكلىق بىرلەشمە كۈچىنى ھاسىل قىلىش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورونلىرىدا «پاكلىقتا ئىچكى قىسىمدا ياردەم» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى. بۇ چۆرىسىگە قارىتا پاكلىق نازارىتى رولىنى ئوينىدى. ئەلۋەتتە تەربىيەدىنمۇ باشقا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ھەرخىل قائىدە-تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۇش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش لازىم. رەھبىرىي كادىرنىڭ ئائىلىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەيلى ئەر-ئايال، ئاتا-بالا، ئاكا-ئۇكا ۋە ياكى باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارىسىدا بولسۇن، چوقۇم ساغلام، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئائىلە كەيپىياتىنى يارىتىش كېرەك. تىنىچ-ئامان، بەختلىك تۇرمۇشنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئاچكۆزلۈكنى بالايى-ئاپەت، چىرىكلىكنى تېگى يوق ھاڭ دەپ قاراپ، چىرىكلىككە قارشى بۇ تارىنى مەھكەم چىڭىتىشىمىز لازىم. بىلىشىمىز كېرەككى، پاك-دىيانەتلىك بولۇش رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بەختى، شۇنداقلا ئائىلىسىنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختى. ئاپتور: لوپنۇر ناھىيەلىك پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدا
|