پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇمپايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

ئەرلەر نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر

يوللانغان ۋاقتى: 2012-03-22 16:09 مەنبەسى: ئاپتورى: سەمەندەر38 كۆرۈلۈشى: قېتىم
مېنىڭ ئەرلەر توغۇرلۇق ھېچنەرسە دېگۈم يوق ئىدى. ئۇلارغا تەنبىھ بەرگۈم، ئۇلارنى ئۇلۇغلاپ ئارقىدىن قامچىلىغۇممۇ يوق ئىدى. بىراق ئىچىمدىكى ئ
تەلەي +1

 

ئەرلەر نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر
مېنىڭ ئەرلەر توغۇرلۇق ھېچنەرسە دېگۈم يوق ئىدى. ئۇلارغا تەنبىھ بەرگۈم، ئۇلارنى ئۇلۇغلاپ ئارقىدىن قامچىلىغۇممۇ يوق ئىدى. بىراق ئىچىمدىكى ئاچچىق بىر سۇ يۇتقىنىمنى زەھەر قىلىۋاتىدۇ. ئەرلەردىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ ئورنىنى مەجبۇرىيەت ئېڭى ئالغان كۈنلەردە بۇنداق بىر-بىرىدىن قاقشاش تۈگەپمۇ قالار بولغىيدى، دەيمەن.

مىسال: ئۆيدە چ چ ئويناپ ئولتۇرغان ئايال ئېرىنىڭ تېخىچە سىرىتتا ئىكەنلكىنى ھېس قىلمىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس -يادى بىلەن مەۋھۇم دۇنيادا پاراڭلىشىۋاتقىنىنى كۆرگەن ئادەم بۇ ئايالنى ئەيىپلىمەي، ئۇنىڭ ئانا بولۇپ تۇرۇپ بالىسىنى ئۇخلىتىپ قويۇپ، خىيالىدا يوق تورغا قاراپ ئولتۇرغىنىنى تىللىماي تۇرالمايمىز. ئەمما ئۇ دەيدۇ: «بۇرۇن، ئىشتىن بۇرۇن يۈگۈرۈپ چۈشۈپ تاماق ئېتىپ ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتەتتىم. تولا بەك كەچ قايتاتتى، ئاساسەن ئاغىنىلىرى بىلەن بىللە، دەيدۇ، توي قىلىپ ئۈچ يىل بولغاندا بىر كۈن ئۆيگە قايتمىدى. مېنىڭ ئۆيدە ئولتۇرۇشۇمنى تەلەپ قىلىپ، ئۆيدە ئولتۇرغۇزدى-يۇ، مېنىڭ مەۋجۇدلۇقۇم ھەققىدە ئويلىنىپ باقمايدىغان بولۇپ قالدى. كىتاب ئوقۇپ، ئوقۇغانلىرىم ھەققىدە پىكىرلىشەي دېسەم ئادەم يوق، ئېرىم تېخى يوق. بىر بولسا ھېرىپ كېلىپ ئۆزىنى تاشلاپلا ياتىدۇ، گېپىم خۇشياقمايدۇ. يا بىر بولسا بەك كەچ قايتىپ كېلىدۇ. كۈنۈم شۇ بىر ئەرگە قاراپ بۇرۇقتۇرما ئۆتىۋاتاتتى. سىرتقا چىقسام تېخى رەنجىيدۇ. يا مېنى سىرتلارغا ئاچىقىپ ئايلاندۇرۇپ كەلمەيدۇ. تويدىن بۇرۇنقى بەس-مۇنازىرە، گۈزەل خىياللار ۋە ئارزۇ-ئارمانلار نەلەرگە كەتتىكىن تاڭ. ھازىر كۆڭۈل خۇشۇم بالام بىلەن مۇشۇ تور. »

قېنى ئايالىغا مۇڭداش، كېچە-كۈندۈز ئارمان قىلىپ ئۇنى ئەمرىگە ئالغان ئەرنىڭ ھەققى ئۇنى ئەمرىگە ئالغانلىق، يەيدىغىنىنى ئەكىرىپ، كىيىدىغىنىنى ئەپ بىرىش بىلەن تۈگەللەندىمۇ؟ ۋادەرىخا، قېنى ئەردىكى ئايالنى ۋە ئايالنىڭ ئۆزىگە تەۋە كۆڭلىنى، ئۆزى ئۈچۈن قىلغانلىرىنى تۇتۇپ قالىدىغان نىيەت ۋە ئەمەل؟

مىسال: قىز-ئاياللارغا نامازشامدىن كېيىن تالادا نېمە بار، دەيمىز. ئەمما ھازىرقى شارائىتتا بۇنىڭغا مۇتلەق بويسۇنۇش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ، ئۇلار خىزمەت قىلىپ كىچىكىپ قېلىشى، بىر يەرگە بېرىپ كەچ قېلىشى، كۇرسلارغا قاتنىشىشى، كۈتۈپخانىلارغا بىرىپ ھايال بولۇشى، بىر يەرلەرگە بىرىپ كەچرەك يېنىشى مۇمكىن. ئۇلارنى قوغداش شۇ قىز كېتىۋاتقان يەردە مېڭىۋاتقان ھەر بىر قېرىنداشنىڭ بۇرچى. بىراق، ئايالى ئىشتىن كىچىكىپ قالسا، ئۇنى ئالغىلى بارىدىغان
  ئەر قانچىلىك؟ كوچىدا سېنى بىرەرسى ئېلىپ قاچامتى، شۇنچە قورقۇپ كېتىدىكەنسەن، دېگەنلەرنىمۇ خىلى ئاڭلىغانمەن. ئەمما بۇ قاقشاۋاتقان قىزغا قانداق تەسەللىي بەرگۈلۈك.

«مانا، بۈگۈن مەن بەك ئۈمىدسىزلەندىم. مېنى نەچچە يىل قوغلاشقان يىگىت رىۋايەت-كىنولاردىكىدەك ساداقىتى بىلەن مېنى تەسىرلەندۈرۈپ كۆڭلۈمنى ئۆزىگە باغلىدى. ئەمدىلىكتە، ئۇ بارغانسىرى مەسئۇلىيەتسىزلىشىپ كېتىۋاتقاندەك تۇرىدۇ. بۇرۇن نامازشامدىن كېيىن سىرتقىمۇ چىقالمايتتىم بۇ شەھەردە. كېيىنچە كۇرسلارغا قاتناشتۇق، ياتاقداشلار بىلەن تاماققا باردۇق، ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى قىلىدىم... مانا مۇشۇ جەرياندا مەنمۇ بەزى كۈنلىرى كەچلىرى سىرتتا قالىمەن. بۇنداق چاغدا بەك قورقىمەن. بۇ يىگىت تۇرمۇشۇمدا پەيدا بولغاندىن تارتىپ، ئەگەر ئۇ بۇ يەردە بولسىلا مېنى قەتئىي يالغۇز قويمىدى. مەندىن ئەنسىرەپلا تۇراتتى. مەنمۇ ئۇ يوق چاغلاردا ئامالسىز توختىماي سۈرە ئوقۇپ مېڭىپ ئاران ياتىقىمغا بىرىۋالىمەن. ئۇ بار چاغدا بولسىمۇ مېنى خاتىرجەم تۇيغۇغا ئىگە قىلسىكەن دەيتتىم. بىراق بارغانسىرى ئۇنداق ئەمەستەك، ئۇ مەندىن بۇرۇنقىدەك ئەنسىرىمەيدۇ. بۈگۈنمۇ مانا ئۆزى سىرتتا كۆرۈشۈشكە كېلىشكەن تۇرۇپ، كەچ سائەت سەككىزدە مەن يالغۇز قايتىشقا مەجبۇر بولدۇم. شۇنداق قورقتۇم ئادەمسىز كوچىلاردىن. تېخى بىر مەست خېلى يەرگىچە ياندىشىپ دېگۈدەك ماڭغان ئىدى، قورقۇنچتا نەپەسمۇ ئالالماي، ئاران جايىمنى تېپىۋالدىم. بەك يىغلاپ كەتتىم. ئۇ نېمە ئۈچۈن مېنى ئامان -ئىسەن جايىمغا يەتكۈزۈپ قويۇشى كېرەكلىكىنى ئەمدىلىكتە ئۇنتۇپ قالىدۇ».
بۇنىڭغا بىر نەرسە دېمەي تۇرايلى، ھازىر ئوقۇۋاتقان قىز ئوقۇغۇچىلىرىم ناماز شامدىن كېيىن سىرتقا چىقمايمەن، دېيەلمەيدۇ. بىراق، ئۇ يىگىت ئالدامچىمۇ ياكى... دوستلىرىنىڭ كۆڭلى بۇ قىزنىڭ بىخەتەرلىكىدىنمۇ مۇھىممۇ؟ شۇ نەرسە ئەستە بولغايكى «كوزا كۈندە سۇنمايدۇ، كۈنىدە سۇنىدۇ».

بىر چاغدا بىر دوستۇم مۇنداق بىر قىززىق ھېكايىنى ئىيتىپ بەرگەن ئىدى. بىر جۈپ ئەر-ئايال چەتئەلگە چىقىپتۇ. ئۇلار بىر يەرنى ساياھەت قىلىۋېتىپ بىر تاكسىنى توسۇپتۇ. ئۇلار تاكسىغا چىقىپ ئولتۇرۇشىغا تاكسى شوپۇرى ئەرگە بىر نېمىلەرنى دەپ، ماشىنا ئوت ئالمايۋاتقانلىقىنى، ئەرنىڭ پەسكە چۈشۈپ ماشىنىنىڭ كەينىدىن ئىتتىرىپ بېقىشىنى ئىشارە قىپتۇ. ئەر ماشىنىدىن چۈشۈپ ئەمدى ئىتتىرەي دەپ تۇرۇشىغا ماشىنا ئايالنى ئېلىپ ئۇچقاندەك كېتىپ قاپتۇ. شوپۇر ئەسلى باشتىن ئاخىر ئورۇنىۋلغان ئايالنى ياش قىز دەپ ئويلاپ قالغان بولۇپ، 50كە يېقىنلىغان بۇ ئايالنى كۆرۈپ يەنە بايىقى ئەكەتكەن جايىغا ئەكىلىپ چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ. ئەر بىلەن ئايال ئۇچراشقىنىدا ئەر ھېچنېمە دېمەستىنلا ئەمدى سېنى كۆڭلۈم كۆتۈرمەيدۇ دەپلا، ئايالىنىڭ خېتىنى بېرىۋېتىپتۇ. ئايال زار-زار قاقشاپ ئۆزىنى ئاقلىيالماي يۇرتىغا قايتىپ كەپتۇ.

بەك كۈلدۈم بۇ ھىكايىنى ئاڭلاپ، ئارقىدىن كۆز يېشىم توختىماستىن يۈرىكىمگە قۇيۇلدى. ۋادەرىخ! ئۆزى كەينىدىن ئىتتىرىپ بەرگەن ماشىنىدا ئېلىپ قېچىلغان ئايالدا نېمە گۇناھ؟ مانا ماۋۇ خېلى يىللىق قەدىناسقا ئايلانغان بىر جۈپنىڭ ھېكايىسى. ئەجەبا ئەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلەرچە ئايالنى قوغلىۋېتىشى غۇرۇرمۇ؟ ئېمان جۈملىسىگە كىرەمدۇ؟
ئەمدى بايىقى قىزنىڭ ۋەقەسىگە قايتساق، قىز ئاخىرى ئۆزىنى قۇدرىتى ئۇلۇغ ئاللاھقا تاپشۇردۇم دەپ مېڭىپ ساق-سالامەت ئۆيىگە بېرىۋاپتۇ. بىراق يىگىتلىرىمىزدىكى مەسئۇلىيەت ئۇلار ئاشىقى بىقارا بولغان قىزغىلا
  ياكى ئاشىقلىق مەزگىللىرىدىلا ئەمەس، يىگتلىك ۋە ئەرلىك ھاياتىدىكى مۇھىم تۈۋرۈك.

مىسال: -ھاھاھاھا. ئاخشام مەست بولۇپ قاپتىكەنمەن، ئۆيگە قانداق بارغىنىمنى بىلمەيمەن. بالام «گەنبىيەن سومەن»گە ئامراقتى، ئالغاچ بارسام دادىسى ئىككىسى يېيىشتى. ئەر كىشى داۋخۇ بولىدىكەن. كۈندە تاماق ئېتىپ تۇرۇپ ساقلىسام تامىقىمدىن قۇسۇر ئىزدەپ ماۋۇ خوتۇنمۇ ھېرىپ كېلىپ يەنە تاماق ئېتىپتۇ دېمەستىن ئۇرۇشاتتى. ئاخشام قۇسۇقىمنى تازلىدى ھى ھى ھى ھى...
-ھە!!! ئەر كىشى دېگەننىغۇ، ۋاي دېگەنسىرى ئۆزىنى بىلمەي، خۇددى بىر مەن بولمىسام ياشىيالمايسەن دېگەندەك مۇئامىلە قىلىشىدۇ. مۇشۇنداق قىلىپ تېتىتىپ قويغۇلۇق.

تازا قىزىغان سورۇندا ئاياللارنىڭ ئىچەلمەيتتىم دېگىنىگە ئۇنىماي، ۋاي بۇ دېگەن ئانار سۈيى، ھېچنېمە بولمايدۇ، دەپ
  ئاياللارغا ھاراق زورلاۋاتقان ئەرلەر نېمە غەرەزدە شۇنداق قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇلار شۇ دەقىقىدە ياكى ھامان بىر ۋاقىتتا ئۆز ئايالىغا ئۇنىڭ باشلىقىنىڭ كۆزىنىڭ تىكىلىۋاتقىنىنى ، تىكىلدىغىنىنى بىلمەمدۇ؟ قىزىل ھاراقنى بىلىپ تۇرۇپ ئانار سۈيى دەپ ئىچىۋاتقان ئاياللارنىڭ ئەرلىرى قايسى بۇلۇڭدا قۇسۇقلارغا مېلىنىپ ياتقاندۇ؟ بالامغا ئېلىۋاي بۇ تاماقنى دەپ، ھاراققا چىلىشىپ قالغان، ئاشقان تاماقنى ئېلىپ ماڭغان ئاياللارنىڭ «سەن نەگە باردىڭ، بۇنچە ياسىنىپ نېمە ئىش قىلىسەن؟ سەن كىم؟ » دەپ ئۆز يولىغا سالالايدىغان ئەرلىرى يوقما؟ يەنە ئاياللارنى تىللايدىغىنى دەل شۇنداقلىرى...

ئەرلەر نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر؟

مىسال: «ئىككىمىز توي قىلىشقا پۈتۈشكەن. مەن ئۇنىڭغا بەك ئىشىنەتتىم، ئۇمۇ ماڭا بەك ئىشىنەتتى. ئىككىمىز بىر شەھەردە بولمىساقمۇ ھەممە قىيىنچىلىقنى يېڭىمىز، غايىلىرىمىز بىر، ئۇ مېنىڭ ھەممە كەمچىلىكمىنى قوبۇل قىلالايدۇ، دەپ قارايتتىم.
  چوڭلار قوشۇلمىدى. ئۇنىڭ ھېچنېمىسى بولمىسىمۇ بوپتۇ، ھامان بولىدۇ دەپ ئىشەنچ قىلاتتىم. بىراق، ئۇ باشتا نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەرگەن، ئاتا-ئانىلارنى ئۆزۈم قايىل قىلىمەن، خىزمىتىمنى ھەل قىلىمەن، دېگەن ئادەم بارا-بارا بەك بوشىشىپ كەتكەندەك ئىدى. بىر قېتىم ئۇرۇشۇپ قالدۇق. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ قالىمەن دەپ ئويلاپ باقمىغان، مەن ئاچچىقلانساممۇ ئۇ جىم تۇرۇۋالىدۇ، دەپ قارايتتىم. بىراق، يېقىندا، ئاتا-ئانام ئۇنىمىدى، ئاتا-ئانىڭىزمۇ ئۇنىمايدىكەن...  دېگندەك بىر قاتار گەپلەرنى دەپ مېنى بەك ئۈمىدسىزلەندۈردى. ئۇ خۇددى بۇرۇن دېگەنلىرىنى ئۇنتۇپ كەتكەندەكلا. شۇنىڭ بىلەن رەنجىدىم. ئۇ، دادام توغرا دەپتىكەن، پۇل بولمىسا ھەممە ئادەم قاچىدىكەن، دەپ غۇرۇرۇمغا تەگدى. ئۇنىڭ بۇرۇنمۇ پۇلى يوق ئىدى. مەن ئۇنىڭ پۇلى دەپ ئەمەس پەزىلىتى بار، ئىقتىدارلىق، مۇھىمى مېنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە مېنى قەدىرلەيدۇ، دەپ ئويلايتتىم. شۇڭا ئۇنىڭ بايلىقى بىلەن ھېسابلاشمىغان. ئەقىدىسىگە جاۋاب قىلىمەن، دەپ ئەقىدە قىلغان ئىدىم. ئارلىقتا پۇلدار بىر لايىق بىلەن كۆرۈشۈشكە مەجبۇر بولدۇم. شۇ ئىشتىن كىيىن ئۇ بەكلا ئۆزگىرىپ كەتتى. زەربە بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ، سىزمۇ پۇل تاپالايسىز، سىزگە ئىشىنىمەن...دېگەندەك سۆزلەرنى ئىلھام بولسۇن دەپ دېسەم، مېنى سىزگە تازا ئىشەنمەس بولۇپ قالدىم، سىز مېنى پۇل تاپالايدۇ، مېنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ پۇلى مېنىڭ بولىدۇ دەپ تاللاپسىز، دەپ ئەقىدە گۈللىرىمنى توزۇتىۋەتتى. ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئىشلىرىنى سۈرۈشتە قىلماي، ئۆيى، خىزمىتى، پۇلى ، ھېچنېمىسى بولمىسىمۇ ئەقىدىسى بار دەپ بۈگۈنگە ئۇلاشسام، ھەممىنى يوققا تەڭ قىلىپ ماڭا تۆھمەت قىلدى.  ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم، ئەمدى قەتئىي ئىرادىگە كەلدىم. بۇ يولدىن يانىمەن» دەپ يىغلاپ كەتتى قىزچاق.

ئادەمنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئىھتىياجى قانماي تۇرۇپ باشقىنى ئويلىمىقى تەس. بولۇپمۇ شەھەردە ياشىماق، چوڭ غايىلەر بىلەن بۇنداق ئەھۋالدا ياشىماق ئاسان ئەمەس. قېنى يىگىتلەر قىزلارغا قانداق ئىشەنچ بىرىدۇ؟ ئۇلاردىكى ئىشەنچ، كەڭ قورساقلىق نېمە ئۈچۈن توشقان تېرىسىچىلىكمۇ بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ. يۇقاردىكى مىساللار سۇنىڭ بىر تامچىسى خالاس.

ئەرلەر! قىز-ئاياللىرىڭلارغا ئىگە بولماي نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر؟
ئەرلەر، ئۇلار ئۈچۈن تېرىشماي، ئۇلارنىڭ بەختى ئۈچۈن كۆرەشمەي نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر؟
ئۆزۈڭلارنىڭ ئەرلىك ئورنى ۋە ئاياللار يۆلەنگۈدەك گەۋدەڭلەرنى پۈكلەندۈرۈپ نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر؟
ئەرلەر، دۇنيانى كۈلدۈرۈشنى ئويلاشماي، ۋەتىنىڭلار، ئائىلەڭلا، ناتىۋانلىرىڭلار ئۈچۈن تېرىشماي، نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر؟!
تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

سەمەندەر38نىڭ باشقا تېمىلىرى:


[تارىخى بىلىملەر] تۇنجى ئۇيغۇر ئۇچقۇچىسى-- ئەخمەت [ 2012-03-22 16:24:08 ]
[تارىخى بىلىملەر] مۇسابايوۋ ۋە ئۇنىڭ سودا كارخانىسى [ 2012-03-22 16:22:13 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] نەۋرۇز بايرىمى توغرىسىدا [ 2012-03-22 16:19:16 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئەرلەر نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر [ 2012-03-22 16:09:21 ]
[پەنلەر ئوقۇتۇشى] مۇزىكا ئوقۇتۇشى ھەققىدە [ 2012-03-14 11:15:09 ]
[پەنلەر ئوقۇتۇشى] ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە [ 2012-03-14 11:12:06 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئامرىكىلىق مۇنەۋەر ئوقوتقۇچىنىڭ جۇڭگولۇق ئاتا-ئا [ 2012-03-13 15:18:42 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] « سۇ بويىدا» دىكى ئەڭ مەشھۇر «ئالدىن بېيىش» ماھىرى [ 2012-03-11 17:33:06 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] مەكتەپ مۇدىرى بولۇش شۇنچە ئاسانمۇ؟ [ 2012-03-11 16:52:55 ]



ياخشىكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
سەمەندەر38 تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2012-02-28 11:02 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2012-03-28 10:03
تەۋسىيەلەر