باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرىتارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

تۇنجى ئۇيغۇر ئۇچقۇچىسى-- ئەخمەت

يوللانغان ۋاقتى: 2012-03-22 16:24 مەنبەسى: ئاپتورى: سەمەندەر38 كۆرۈلۈشى: قېتىم
ياڭ زېڭشىن شىنجاڭدا ھۆكۈمرانلىىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە،شىنجاڭ بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەر ئوتتۇرىسىدا ھاۋا يولى ئېچىش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغ
تەلەي +1

 

تۇنجى ئۇيغۇر ئۇچقۇچىسى-- ئەخمەت

   ياڭ زېڭشىن شىنجاڭدا ھۆكۈمرانلىىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە،شىنجاڭ بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەر ئوتتۇرىسىدا ھاۋا يولى ئېچىش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كېيىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى گېرمانىيىدىكى مەشھۇر رونكى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بىلەن ياۋروپا -ئاسىيا ھاۋا يولى ئېچىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان .1929-يىلى بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن،قۇمۇل،ئۈرۈمچى،چۆچەكلەردە ئايرودرۇم ياسالغان.1932-يىلى (مىنگونىڭ 21-يىلى)11-ئاينىڭ 14-كۈنى ،لىۇ سى دېگەن ئۇچقۇچى ھەيدىگەن <يونكىر>ماركىلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى سىناق تەرىقىسىدە ئۈرۈمچىگە تۇنجى قېتىم قونغان.
       شۇنىڭدىن كېيىن جىن شۇرېن ئۇچقۇچى تەربىيىلەش مەقسىتىدە شۇ يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۇچقۇچى تەكلىپ قىلىپ،ئاۋىئاتسىيە مەكتىپى قۇرغان. بۇ مەكتەپكە ئۇيغۇرلاردىن خەنزۇچىنى پۇختا بىلىدىغان ئەخمەت(خەنزۇچە ئىسمى يۇئەنجاڭ) ئىسىملىك بىر بالا  قوبۇل قىلىنغان. ئەخمەت ئەسلىدە خوتەنلىك بولۇپ،20-يىللارنىڭ باشلىرىدا دادىسى بىلەن تىجارەت قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەن ۋە ياڭزېڭشىن ئاچقان شۆتاڭدا ئوقۇغان .ئۇ شۇ جەرياندا خەنزۇچە تىل -يېزىقلارنى پۇختا ئىگەللەپلا قالماستىن ،بەلكى شۇ زاماندىكى خەنزۇ ىەتتاتلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئەخمەت ئۇچقۇچىلىققا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن ،تېخنىكىنى تىرىشىپ ئۆگەنگەن ۋە 1936-يىلى شىنجاڭ خەلقىنىڭ سۇييۇئەن ئالدىنقى سېپىگە قىلغان ئىئانە -ياردەملىرىنى ئايروپىلان بىلەن لەنجۇغا يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن .
       1938-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى شىنجاڭ ئۇچقۇچىلار ئەترىتىگەئەۋەتكەن 43 كۇرسانتتىن لۇيلىپىڭ (ئەسلى ئىسمى لى ۋەنشەن )باشلىق 25 كىشى ئۇچقۇچىلار سىنىپىغا كىرگەن .لۇي لىپىڭ سىنىپ مۇدىرى بولغان .ئۇيغۇر ئۇچقۇچى ئەخمەت بۇ كۇرسانتلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغان،ئۇلارغا ئۇچقۇچىلىق تېخنىكىسى ۋە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن ھەمدە بۇ ھەقتە دەرس ئۆتكەن .ئۇ يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن (ئاۋىئاتسىيە تېىخنىكىسىدىن دەرس بېرىدىغان ) ئۇچقۇچىلارنىڭ ياردەمچىسى بولغان.1939-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى شىنجاڭ خەلقى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشىئۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە ئىئانە قىلغان <شىنجاڭ> ماركىلىق ئايروپىلان (10دانە) لارنى ئالدىنقى سەپكە ئېلىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە قاتناشقان.
     ئەخمەتنىڭ ئىقتىدارى ۋە جامائەەت ئىچىدىكى شۆھرىتى شىڭ شىسەينى ئۇنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە مەجبۇر قىلغان .شۇنىڭ بىلەن ئەخمەت توققۇز ئايروپىلان باشقۇرىدىغان ئۇچقۇچىلار  ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان .ھايات شاھىتلارنىڭ ئېيتىشىچە،ئۇ ھەر قېتىم ھاۋاغا  كۆتۈرۈلگەندە ،ئۈرۈمچى ئاسمىنىدا بىر قانچە مىنۇت ماھارەت كۆرسىتتىپ، ئاندىن يولغا راۋان بولىدىكەن .
      1939-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنقى قېتىملىق ھەربىي مانېۋىردا ئەخمەت ناھايىتى يۇقىرى ماھارەت كۆرسەتكەن ،ئۇ، لاچىندەك ئاسمانغا تىك ئۆرلەپ، يەرگە قاراپ شۇڭغۇپ ،يەنە ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەندە،يەردىكى توپىلار قۇيۇن ئۇچقاندەك يەردىن كۆتۈرۈلگەن .بىر دەم جىمجىتلىق باسقان مەيدان ئەخمەتنىڭ ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ ھۇررا ساداسىغا تولغان .  ئەخمەتنىڭ ماھارىتى ،خەلقنىڭ ھۇررا ئالقىشىدىن شىڭ شىسەي قاتتىق چۆچۈگەن ،شۇنىڭ ئەتىسىلا ئەخمەت قاتارلىق بىر قانچە ئىلغار ئۇچقۇچى;زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتى بار دېگەن باھانە بىلەن قولغا ئېلىنغان .
      ئەخمەت جۇڭگو  كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ،ئۇچقۇچىلىرى بىلەن بىللە 1942-يىلى شىڭشىسەي تۈرمىسىدە يېتىپ ئاخىر پۇت-قولى كىشەنلەنگەن ھالدا ئېغىر ئازاب ئىچىدە ئۆلتۈرۈلگەن.ھازىر ئەخمەتنىڭ رەپىقىسى ۋە پەرزەنتلىرى بار.
تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

سەمەندەر38نىڭ باشقا تېمىلىرى:


[تارىخى بىلىملەر] تۇنجى ئۇيغۇر ئۇچقۇچىسى-- ئەخمەت [ 2012-03-22 16:24:08 ]
[تارىخى بىلىملەر] مۇسابايوۋ ۋە ئۇنىڭ سودا كارخانىسى [ 2012-03-22 16:22:13 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] نەۋرۇز بايرىمى توغرىسىدا [ 2012-03-22 16:19:16 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئەرلەر نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر [ 2012-03-22 16:09:21 ]
[پەنلەر ئوقۇتۇشى] مۇزىكا ئوقۇتۇشى ھەققىدە [ 2012-03-14 11:15:09 ]
[پەنلەر ئوقۇتۇشى] ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە [ 2012-03-14 11:12:06 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئامرىكىلىق مۇنەۋەر ئوقوتقۇچىنىڭ جۇڭگولۇق ئاتا-ئا [ 2012-03-13 15:18:42 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] « سۇ بويىدا» دىكى ئەڭ مەشھۇر «ئالدىن بېيىش» ماھىرى [ 2012-03-11 17:33:06 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] مەكتەپ مۇدىرى بولۇش شۇنچە ئاسانمۇ؟ [ 2012-03-11 16:52:55 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
سەمەندەر38 تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2012-02-28 11:02 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2012-03-28 10:03
تەۋسىيەلەر