![]() |
بۇ ماقالىنىڭ مەنبەسى "شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى" ژۇرنىلى 2001-يىللىق 4-سان.
چارروسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمرانلىقىدىكى تۈركىي خەلقلەر 1. روسىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئالتۇن ئوردا ئەۋلادلىرى روسىيە تېررىتورىيىسىدىكى ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ ۋارىسى بولغان دۆلەتلەردىن قازان خانلىقى، ئاستراخان خانلىقى ۋە قىرىم خانلىقلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1552 -، 1554 - ۋە 1783 - يىللىرى بويسۇندۇرۇلۇپ روسىيىگە قوشۇۋېلىندى. روسىيە ئاستراخان خانلىقىنى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن سابىق ئاستراخان خانلىقىدىكى خان ئەۋلادلىرى تۈركىستانغا پاناھلىق تىلەپ كەلدى. كېيىنچە ھەتتا تۈركىستاندا يەنە بىر ئاستراخان خانلىقىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ دۆلەت ⅩⅦ ئەسىرگە كەلگەندە بۇخاراغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى. بىراق بۇ دۆلەتنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ ئاستراخان خانلىقىنىڭ خان ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ خانلىقنىڭ سابىق ئاستراخان خانلىقى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى رايونلارغىمۇ ئاندا -مۇندا مۇسۇلمانلار تارقالغان بولسىمۇ، ئۇلارمۇ تېزلا زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپ تىلغا ئالغۇچىلىكى قالمىدى. ئۇلار ھەتتا ئۆز تارىخىنىمۇ قالدۇرالمىدى. بىراق ئاستراخان شەھىرى مۇسۇلمانچە ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، 1905 - يىلدىن كېيىن ھەتتا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم مەركىزى سۈپىتىدە قايتا گۈللەندى. يەنە بىر ياقتىن، قازان ۋە قىرىمدىكى تاتارلار روسىيە ئىستىلاسىدىن كېيىن بىر مەيدان ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈردى، بۇ ئۆزگىرىش بولسا پۈتكۈل مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ تارىخىغا تەسىر كۆرسەتتى. A. روسىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى قازان تاتارلىرى 1552 - يىل 10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى قورقۇنچلۇق ئىۋاننىڭ قوشۇنى قازانغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلدى. قازان - قازان خانلىقىنىڭ پايتەختى ۋە ئىلگىرىكى بۈيۈك بۇلغار پادىشاھلىقى بىلەن ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ مىراس يېرى ئىدى. ئەمدىلىكتە موڭغۇللارغا بېقىندى بولۇشتىن قۇتۇلغان رۇسلار ئۆزلىرىنىڭ سابىق خوجايىنلىرىنىڭ بۇ ئەۋلادلىرىدىن قەبىھلىك بىلەن قىساس ئېلىشقا باشلىدى. روسىيىنىڭ شەرقىدىكى بۇ مۇسۇلمانلار بۇ «دىنسىز» ھۆكۈمراننىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تۆت ئەسىردىن كۆپرەك ياشىدى. قانلىق قىرغىنچىلىق بىلەن تولغان بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشلىرىدىن كېيىن رۇسلار قەدەم باسقۇچلار بويىچە قازان خانلىقىنىڭ زېمىنلىرىنى ئىگىلەشكە باشلىدى. قازان خانلىقىنىڭ زېمىنى «قازان خانلىقى» دېگەن نام ئاستىدا رۇسلار تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىندى. قازان رايونىدا رۇسلار ئەسلىدىكى قازان خانلىقىنى ئۈزۈل - كېسىل رۇسلاشتۇرۇۋېتىش ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ توپىنى ئۆز جەمئىيىتىگە قوشۇۋېلىش مەقسىتىدە نادانلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزدى. ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىدىكى رايونلاردا رۇسلار «تاتارسىزلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ 1 - قەدىمىنى ئىجرا قىلىپ، تاتارلارنى بارلىق ئاساسىي شەھەرلەردىن، بولۇپمۇ قازان شەھىرىدىن قوغلاپ چىقاردى. ھازىرغا قەدەر قازان شەھىرىنىڭ نوپۇسىدا رۇسلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدۇ. رۇسلار يەنە چوڭ دەريا ياقىلىرىدىكى مۇنبەت يەرلەرنى يېڭىۋاشتىن رۇس ئاقسۆڭەكلىرى ۋە چېركاۋلارغا تەقسىم قىلىپ بەردى ھەمدە ئىستراتېگىيىلىك جايلارغا قورغان سېلىپ چىقتى. بۇنىڭ بىلەن روسىيە دېھقانلىرى ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىدىكى رايونلارغا كەلكۈندەك يامراپ كەلدى. بۇ يەردىكى يەرلىك مۇسۇلمانلار ۋە باشقا خەلقلەر ناھايىتى تېزلا ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ قالدى. بۇ خىل يەر سىياسىتىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى ئەمەلىيەتتە يەرلىك ئاھالىلەرنى خىرىستيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇرلاش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئىدى. ئارقىدىنلا ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ تۈرلۈك ئىمتىيازلىرى بىكار قىلىندى، ۋەخپە يەرلەر تارتىۋېلىندى، مەسچىت - مەدرىسىلەر بۇزۇپ تاشلاندى ياكى تاقىۋېتىلدى. يەرلىك ئاھالىنى خىرىستيان دىنىغا چوقۇندۇرۇشنى 1555 - يىلى قازاندىكى تۇنجى نۆۋەتلىك ئېپىسكوپ گۇرى باشلاپ بەردى. يەرلىك ئاھالىنىڭ خىرىستيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىشى روسىيىدىكى پراۋىسلاۋىيە دىنى مۇرتلىرىغا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان تاتارلار ۋە تۈرلۈك روھ -ئەرۋاھلارغا چوقۇنىدىغان فېنلاندلارنى يېڭى بىر مۇھىم تەركىپ سۈپىتىدە ئېلىپ كىردى. ئەڭ ئاخىرىدا رۇسلار ئۆز نەزەرىدە خەتەرلىك دەپ قارالغان تاتار فېئوداللار قاتلىمىنى يوقىتىشقا كىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن تاتار فېئودال ئاقسۆڭەكلىرى ئۈچۈن يا خىرىستيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىش، يا پەۋقۇلئاددە ئىمتىيازدىن ئايرىلىشتىن بىرنى تاللاشقا توغرا كەلدى. تاتارلار ئۇزۇن مەزگىللەرگىچە قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى. بۇ خىل قارشىلىق 1552 - يىلى 11 - ئايدىكى قانلىق قوزغىلاڭدىلا نامايەن بولدى. فېئودال ئاقسۆڭەكلەر رەھبەرلىك قىلغان بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ 1610 - يىلىغا قەدەر داۋاملاشتى. بۇ ۋاقىتتا قىرىم خانلىقى قۇدرەت تېپىۋاتقان بولغاچقا تاتار ئاقسۆڭەكلىرى قىرىم خانلىقىنىڭ ياردىمى بىلەن ئەسلىدىكى قازان خانلىقىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقماقچى بولدى. مۇشۇ 50 يىل مابەينىدە بىز ئاز دېگەندە 10 قېتىمىلق قوزغىلاڭنى ساناپ بېرەلەيمىز. بۇ قوزغىلاڭلاردىن ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى 1552 -يىلدىكى خۇسەيىن سېيىت قوزغىلىڭى، 1556 - 1557- يىللاردىكى مامىش بېردى قوزغىلىڭى، قىرىم خانى دەۋلەت گېرەينىڭ موسكۋاغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن بىرگە ئۆزى شەخسەن رەھبەرلىك قىلغان 1572 - 1574 - يىللاردىكى چوڭ قوزغىلىڭى، يەنە 1608 - يىلدىكى ۋە 1610 - يىلدىكى قوزغىلاڭلار بولدى. بۇ قوزغىلاڭلارنىڭ ھەممىسى بەكمۇ ۋەھشىيانە رەۋىشتە باستۇرۇۋېتىلدى. مانا مۇشۇ جەرياندا تاتار ئاقسۆڭەكلەر قاتلىمى ئاساسەن دېگۈدەك يوقىتىلدى. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ باشلىرى دېھقانلار قوزغىلىڭى دەۋرىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى. 1608 - يىلدىن تارتىپ ئارقا - ئارقىدىن دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلاپ 1615 - يىلغىچە داۋاملاشتى. ئۈزلۈكسىز كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭلار يېڭى - يېڭى چوڭ قىرغىنچىلىقلارغا سەۋەب بولدى. تاتارلار يەنە 1670 - 1671 - يىللىرىدىكى سىتېفان رازىن باشچىلىقىدىكى كازاكلارنىڭ موسكۋا ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىچكى ئۇرۇشىغا قاتناشتى. رومانوف خانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت سورىشى ۋولگا ۋادىسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتەلمىدى. 1731 - يىلى قازان ئېپىسكوپى لۇكاكوناشېۋىچ يېڭىۋاشتىن مەجبۇرىي خاراكتېردىكى دىنىي ئېتىقادنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى قوزغىدى، بۇقېتىمقى ھەرىكەت ئىلگىرىكى چاغلاردىكى ھەرقانداق بىرىدىن قاتتىق بولدى. تاتاردېھقانلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق مۇھىتى ئۇلارنى يېڭىدىن قوزغىلاڭ كۆتىرىشكە مەجبۇر قىلدى. بۇقېتىمقى قوزغىلاڭدا داغدۇغىسى ئەڭ چوڭ بولغىنى باتۇرشاھنىڭ 1775 - يىلدىكى «دىنسىزلار»غا قارشى «غازات» بايراق قىلىنغان قوزغىلىڭى بولسا، ئەڭ ئاساسلىقى 1773 − 1774 - يىللاردىكى پۇگاچېف رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭ بولدى. پۇگاچېفنىڭ قوزغىلاڭچى قوشۇنىدا تاتارلار، باشقىرتلار، ۋولگا بويىدىكى فېنلاندلار ۋە قازاقلار قاتارلىق زورتۈركۈمدىكى يات مىللەتلەر بارئىدى. تاتارلارنىڭ ئۈمىدسىز قارشىلىقىنىڭ تولۇقلىمىسى سۈپىتىدە تاتار مىللىتىمۇ چوڭقۇر ئىجتىمائىي قۇرۇلما ئۆزگىرىشىنى باشتىن كەچۈردى. شەھەرلەردىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئاقسۆڭەكلەرۋە قول ھۈنەرۋەنلەر يېزا - قىشلاقلارغا بېرىپ، ئەڭ ئاخىرى يېڭى بىر سودا قاتلىمى بولۇپ شەكىللەندى. بۇ قاتلام پۇختا قەدەملەر بىلەن شەرققە سىلجىپ، ھەرقايسى جايلاردا ئاۋات سودا نۇقتىلىرىنى قۇرۇپ چىقتى. تاتارلارنىڭ ئۆز يۇرتىدىكى مۇھىم ئورنىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلار تەدرىجىي يوسۇندا يېڭى سودا ئوتتۇرا قاتلىمىدىكى بۇرژۇئازىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى سەرگەردان قەۋم بولۇپ قالدى. يېكاتېرىناⅡ نىڭ تەختكە چىقىشى بىلەن روسىيىنىڭ تاتارلارغا قاراتقان سىياسىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولدى. يېكاتېرىنا بىر تەرەپتىن پۇگاچېف قوزغىلىڭىغا ئوخشاش ئاۋارىچىلىقنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشقا تىرىشقانىدى، يەنە كېلىپ ئۇ تاتار سودىگەرلەر توپىنىڭ روسىيە چېگرىسىدىكى پايدىلىق ئورنىنى تولۇق تونۇپ يەتكەنىدى. شۇڭا بۇ ئايال پادىشاھ تاتارلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللاندى. ئۇ دىنىي زىيانكەشلىككە خاتىمە بېرىپ، روسىيە ۋە سىبىرىيىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئورېنبۇرگدا «دىنىي ئۇيۇشما» تەسىس قىلدى. يېكاتېرىناⅡ يەنە قالدۇق تاتار ئاقسۆڭەكلىرى ۋە روسىيە ئاقسۆڭەكلىرىگە باراۋەر ئىمتىياز بېرىپ، تاتار سودىگەرلىرىنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولۇشىغا، ئۇلارنىڭ تېزدىن راۋاجلىنىۋاتقان روسىيە سانائىتى بىلەن تۈركىستان بازىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودىغا ۋاسىتىچى بولۇپ بېرىشىگە ئىجازەت بەردى(بۇ ۋاقىتتتىكى تۈركىستان بازىرى مۇسۇلمان بولمىغانلار ئۈچۈن يەنىلا تاقاق ئىدى). مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە ئوتتۇرا قاتلام تاتار تەبىقىسى ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىقتىسادىي گۈللىنىش ۋەزىيىتىگە قەدەم قويدى ھەمدە بۇ ھالەت بىر ئەسىردىن ئۇزاقراق داۋاملاشتى. تاتارلار چارروسىيە ئىمپېرىيىسى سىياسىتىنىڭ «ھەمكارلاشقۇچىلىرى» بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆڭۈل رىشتىسى يەنىلا ئىسلامغا چىڭ باغلانغانىدى. ئۇلار ئاڭلىق رەۋىشتە ئۆز مىللىتىگە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ساقلاپ كەلگەنىدى. پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ سودىگەرلەر بىر تەرەپلىمە ھالدىكى مۇسۇلمانلارنى قوغداش ئىشىنى ئاللىقاياقلارغا چۆرۈۋەتكەنىدى. ئەگەر ئاشۇ سودىگەرلەر بولمىغان بولسا ئىسلاھات ھەرىكىتى ۋە ⅩⅨ ئەسىردىكى «تاتار ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ ئويغىنىش دەۋرى» يۈز بەرمىگەن بولاتتى. روسىيە قوشۇنلىرىنىڭ 1806 -يىلى ئوتتۇرا ئاسىيانى مەڭگۈلۈك ئىستىلا قىلىشى بىلەن روسىيە ۋە تاتار كاپىتالىزمى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقمۇ ئاخىرىقى پەللىگە يېقىنلىشىشقا باشلىدى. روسىيىنىڭ ئىستىلاسى نەتىجىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا روسىيە سانائىتىگە ئىشىكىنى داغدام ئېچىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن تەڭلا تاتارلارنىڭ ۋاسىتىچىلىقىمۇ ئاخىرلاشتى. ئالىكساندىرⅡ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە روسىيە ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېغىر بېسىمنى ئەسلىگە كەلتۈردى. يېكاتېرىناⅡ ئەمەلدىن قالدۇرغان خىرىستيان دىنىغا ئېتىقاد قىلدۇرۇش سىياسىتى تېخىمۇ چىۋەرلىك بىلەن ئۈنۈملۈك ھالدا ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ئىستاتىستىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ⅩⅨ ئەسىردە 200مىڭغا يېقىن تاتار خىرىستيان بولۇپ كەتكەن. بۇ ۋاقىتلاردا ئۇرال، قازاق يايلىقى ۋە تۈركىستاندىكى تاتارلارغا ئوخشاشلا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان خەلقلەر ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە تاتارلارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇراتتى. تاتارلارنىڭ بۇ خىل رولىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن روسىيە ھۆكۈمىتى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ناھايىتى قاتتىق قانۇن تۇرغۇزۇش ۋاسىتىلىرىنى قوللاندى. تاتار مىللىتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ۋە ئۇلارنىڭ ماددىي مەنپەئەتىگە قوشلاپ زەربە بېرىدىغان تەھدىت تاتارلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغىدى. بۇ ئىنكاسنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى تاتارلاردىكى ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتى بولدى. مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ قالاق مەدەنىيىتىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئىسلام دىنى بىلەن مائارىپنى ماسلاشتۇرۇشقا ئىنتىلدى. مەدەنىيەت جەھەتتىكى بۇ ئويغىنىش ھەرىكىتىنى بىر تۈركۈم تالانتلىق دىنىي مۇتەپەككۈرلەر ئورۇنلىدى. بۇلار ئەبۇ ناسىر كۇرساۋى (1783 - 1814)،شىھابىددىن مارجانى(1818 - 1889)، رىزائىددىن پەخرىددىن (1859 - 1936) ۋە مۇسا جارۇللابەگ (1875 - ؟19) قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ قەيسەر كىشىلىرى ئىدى، شۇنداقلا ئۇلار بىلىمدە ئەڭ كامىل ئۆلىمالار ئىدى. تاتارلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، قالاق مائارىپ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشمۇ ناھايىتى زۆرۈر ئىدى. شۇڭا مائارىپ تۈزۈمى مەسىلىسىگە ئەڭ دەسلەپ تىل ئىسلاھاتچىسى ئابدۇقەييۇم ناسىرى قول سالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن زور بىر تۈركۈم يازغۇچىلار مۇشۇ خىزمەت بىلەن مەشغۇل بولدى. كىشىلەر ھېلىھەم ئۇلارنى ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىردىكى «تاتار ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ قايتا گۈللىنىشى» نى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتۈرگۈچىلەر دەپ قاراپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسمائىل بەي گاسپىرىنىسكى («روسىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى قىرىم» دېگەن ماۋزۇغا قاراڭ) نىڭ بەزى مۇخلىسلىرىمۇ يېڭىچە مائارىپنى تاتارلار ئارىسىغا ئېلىپ كېلىپ تونۇشتۇردى. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قازان ۋە باشقا تاتار شەھەرلىرى (ئورېنبۇرگ، ترويىسكى، ئاستراخان قاتارلىقلار) مەدرىسە، نەشىر بۇيۇملىرى ۋە تاتار تىلىدىكى نەشىر بۇيۇملىرى ئارقىلىق بۇ شەھەرلەرنىڭ پارلاق مەدەنىيەت مەركەزلىرى بولۇشتەك ئورنىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈردى. بۇ شەھەرلەرنىڭ داڭقى تاتارلار رايونىدا ئەمەس، ھەتتا روسىيە چېگرىسىدىنمۇ ھالقىپ كەتتى. بىراق، تاتارلار باشقا بىر ئەۋزەللىككە تايىنىپ روسىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالمىدى. ئۇ بولسىمۇ تاتارلارنىڭ روسىيە تەۋەلىكىدىكى باشقا تۈركىي خەلقلەر بىلەن بولغان تىل جەھەتتىكى تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى ۋە دىنىي جەھەتتىكى ئالاقىسى ئىدى. بۇ مۇناسىۋەتلەر ئاساسىدا تاتارلار ئۆز تەسىرىنى ھەر تەرەپكە كېڭەيتىپ، پانتۈركىزىم ۋە پانئىسلامىزىملىق ئىدىيىلەرنى تارقىتىشقا مۇۋەپپەق بولالىدى. دەل مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تاتارلار رۇسلار بىلەن بىۋاسىتە تىركىشىدىغان ئورۇنغا ئۆتتى. بۇ مىللەتچىلىك ھەرىكىتىگە روسىيىدىكى بارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەر ئىشتىراك قىلغانىدى. بىرىنچى قېتىملىق روسىيە ئىنقىلابى تاتار مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرى ئۈچۈن بىر قېتىملىق پۇرسەت بولدى. ئۇلار 1905 - ۋە 1906 - يىللىرى ئاستىن نوۋىگورود ۋە سانكىت پېتىربورگدا ئۈچ قېتىم ئىسلام قۇرۇلتىيى چاقىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەلىپىنى ئاشكارا جاكارلىدى. ئەمما بۇ كىشىلەرنىڭ تەلىپى ناھايىتى چەكلىمىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇلار پەقەت سىياسىي جەھەتتىكى باراۋەرلىك، دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى ئەركىنلىك قاتارلىقلارنىلا تەلەپ قىلغان بولۇپ، ھەتتا مۇستەقىللىق تەلىپىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويمىغانىدى. ئەمدىلىكتە ھېچقانداق كۈچ رۇسلارنىڭ تۈركىستانغا بېسىپ كىرىشىنى توسۇپ قالالمايدىغاندەك قىلاتتى. بۇ ۋاقىتتىكى تۈركىستان رايونى خىۋا، بۇخارا ۋە قوقان قاتارلىق ئۈچ خانلىققا بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئىچكى ئۇرۇش ۋە چارۋىچىلار قوزغىلىڭى نەتىجىسىدە ھالىدىن كەتكەنىدى. تېخىمۇ يامىنى تۈركىستان ئىقتىسادىنىڭ قالاقلىقى ۋە زامانىۋى قوشۇننىڭ كەملىكى تۈپەيلىدىن رۇسلارنىڭ ئىستىلاسىغا قارشى تەشكىللىك قارشىلىق كۆرسىتىش مۈمكىن بولماي قالدى. ئەمما، قىرىم ئۇرۇشى، قازاق قەبىلىلىرىنىڭ ئىسيانى ۋە كاۋكاز ئۇرۇشى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن، رۇسلارنىڭ بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشى جىق سوزۇلۇپ كەتتى. تاكى ئىمام شامىل قوشۇنلىرىنى ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇبقىلىپ، داغىستاندىكى قوشۇنلارنىڭ قولىنى بىكار قىلغاندىن كېيىنلا رۇسلارنىڭ تۈركىستاننى يۇتۇۋېلىشى قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا داۋاملاشتى. 1864 - يىلى گېنېرال چېرنيايېف قوماندانلىقىدىكى قوشۇن ۋېرنىدىن يولغا چىقىپ، تۈركىستان شەھەرلىرىدىن يەسسىنى ھۇجۇم بىلەن ئالدى، ئاندىن چىمكەنتنى ئىشغال قىلدى. 1865 - يىلى قوقان خانلىقىغا تەۋە تاشكەنتنى ئىگىلىدى. ئىككى يىلدىن كېيىن رۇسلار بۇخاراغا ھۇجۇم قىلدى. 1868 - يىل 5 - ئايدا سەمەرقەنتنى ئالدى. شۇ يىلى 6 - ئايدا زېرابۇلاقتىكى جەڭدە بۇخارا قوشۇنلىرى يېڭىلدى. 1868 - يىلى 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى بۇخارا ئەمىرى رۇسلار بىلەن سۈلھى تۈزۈپ، رۇسلارنىڭ ھامىيلىقىنى قوبۇل قىلدى. 1873 - يىلى تاجاۋۇزچىلىقنىڭ تىغ ئۇچى خىۋاغا قارىتىلدى ھەمدە خىۋا خانلىقىنىڭ پايتەختى ئىشغال قىلىندى. 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىكى بىر شەرتنامە بىلەن خىۋا خانلىقىنىڭ مۇستەقىللىق ئورنىغا خاتىمە بېرىلدى. 1875 - يىلى رۇسلار ئاخىرى قوقان خانلىقىغا بېسىپ كىردى، 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى پايتەخت قولدىن كەتتى. 1876 - يىلى 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى رۇسلار ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ خەتەرلىك رەقىبى بولغان قوقان خانلىقىنى يوقاتتى، ئارقىدىنلا قوقان تۈركىستان گوبېرناتورلىقىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. 1873 - 1874 - يىللىرى رۇسلار تۈركمەنىستاننى ئىگىلەپ تاجاۋۇزچىلىق پىلانىنى ئاخىرلاشتۇردى. گېنېرال سىكوبېلېفنىڭ كۆكتۆپە ۋادىسىنى ئىشغال قىلىشى (1879 - يىلى) ۋە 1884 - يىلى تۈركمەنىستاننى بويسۇندۇرۇشى بىلەن رۇسلارنىڭ تۈركمەنىستاننى بويسۇندۇرۇش پائالىيىتى ئاخىرلاشتى. بۇخارا ۋە خىۋادىن ئىبارەت بۇ ئىككى ھامىيلىقتىكى دۆلەتنى ھېسابقا ئالمىغاندا، رۇسلار تۈركىستاننى ھەربىي ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى بويىچە گوبىرناتورنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. گوبىرناتور بولسا قۇرۇقلۇق ئارمىيە شىتابىغا بويسۇناتتى. رۇسلار مۇسۇلمانلارغا مۇستەملىكە پوزىتسىيىسىدە بولدى. رۇسلار ئىستىلا قىلغان باشقا مۇسۇلمانلار رايونىغا سېلىشتۇرغاندا، رۇسلارنىڭ تۈركىي خەلقلەرگە قاراتقان تەدبىر - سىياسەتلىرى سەل باشقىچە بولدى: ئۇلار تۈركىستان يەرلىك ئاھالىسىنىڭ رۇسلىشىشىنى ياكى يەرلىك ئاھالىنىڭ ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىنى قەتئىي خالىمىدى. تۈركىستان خەلقى روسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پۇقراسى دەپ قارالمىدى. شۇنداقلا ھەربىي مەجبۇرىيەتمۇ ئۆتىمىدى. تۈركىستان خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئىسلام شەرىئىتى ئاساسىدىكى قانۇن - تۈزۈمىنى ساقلاپ قالدى، يەنە ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىمۇ ساقلاپ قالدى. روسىيە دائىرىلىرى تۈركىستاندا ئەنئەنە ئەڭ كۈچلۈك ساقلىنىپ قالغان بىر جەمئىيەت فورماتسىيىسىنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى. بۇ جەمئىيەت ئۇچىغا چىققان ئىسلام مۇتەئەسسىپلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا، تاشقى دۇنيانىڭ ھەرقانداق تەسىرىنى چەتكە قاقاتتى، بولۇپمۇ بۇ يەرلىك ھۆكۈمرانلار ۋولگا دەريا ۋادىسىدىكى تۈركىستان خەلقى بىلەن ئورتاق دىنىي ئېتىقادقا ئىگە، شۇنداقلا يۈكسەك مەدەنىيەتلىك كىشىلەرنىڭ تۈركىستان خەلقى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشىغا قارشى تۇراتتى. ئۇلار يەنە تاتارلارنىڭ ئورېنبۇرگدىكى ئىسلام ئۇيۇشمىسىنىڭ تەسىرىنى تۈركىستانغا كېڭەيتىش تەلەپلىرىگىمۇ قارشى ئىدى. مانا مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى روسىيىدىكى باشقا تۈركىي خەلقلەردىن جىق ئاستا بولدى. تۈركىستان بوستانلىق رايونلارغا تەۋە بولۇپ، قازاق يايلىقى ۋە قىرغىز دالىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا كۆچمەنلەرنىڭ كۆچۈپ كېلىشىگە مۇۋاپىق كەلمەيتتى. ئەقەللىسى بۇ يەردىكى دېھقانچىلىق قىلغىلى بولىدىغان تېرىلغۇ يەرلەر تولىمۇ ئاز ئىدى، ھەتتا ئاشۇ ئازغىنە ئولتۇراق ئاھالىنىڭ كىرىپ كېلىشىمۇ ئاللىقاچان رۇسلار بىلەن تۈركىستان دېھقانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا سەۋەب بولالايتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا روسىيە ئىشچىلىرى تۈركىستانغا كېلىپ تۆمۈريول ۋە توقۇمىچىلىق زاۋۇتلىرى قۇرۇشقا ياردەملەشتى. كېيىنچە، تۈركىستان شەھەرلىرى ناھايىتى تېزلا مۇستەملىكە شەھەرلىرىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولدى. يەرلىكلەرنىڭ كونا شەھەرلىرىگە يانداشتۇرۇلۇپ، «ياۋروپاچە» ئولتۇراق رايونلار ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلدى. روسىيە مۇستەملىكىچىلىكىگە قارشى كۈرەش ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرى دىنىي ئالاھىدىلىك ئاساسىدا كۆتۈرۈلدى. «كاپىر»لارغا قارشى بۇ خىل «غازات» ئۇرۇشى بەزىدە سابىق قوقان خانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلدى. «غازات» ئۇرۇشىنىڭ قوماندانلىرى ئاساسەن دېگۈدەك دىنىي ساھەدىكىلەر بولۇپ، دېھقانلار ۋە شەھەر قول - ھۈنەرۋەنلىرى ئۇلارنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىدى. بۇ كۈرەشلەر ئىستىخىيىلىك ۋە ھۆكۈمەتسىزلىك ھالىتىدە بولغانلىقى، يەنە كېلىپ تاشقى دۇنيانىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ھەمىشە ئوڭايلا باستۇرۇلۇپ كېتەتتى. ئەڭ دەسلەپكى قوزغىلاڭ 1885 - يىلى پەرغانىدىكى سوپىلارنىڭ داھىسى خانتۆرە باشچىلىقىدا كۆتۈرۈلدى، بۇنىڭغا ئۇلىشىپلا 1891 - يىلى نەمەنگان رايونىدا ۋە 1892 - يىلى تاشكەنت ۋە قوقان رايونلىرىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى. 1898 - يىلى كۈنسېرى ئۇلغىيىۋاتقان نارازىلىق ئارقىسىدا نەقشىبەندىيە تەرىقىتىدىكى سوپىلار ئىشان مەدەلىخان باشچىلىقىدا تېخىمۇ زور كۆلەملىك قوزغىلاڭنى تەشكىللىدى. مەدەلىخان 2000دىن ئارتۇق كىشىنى توپلاپ، غازاتقا ئاتلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. قوزغىلاڭچىلار ئەنجاندىكى رۇس قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ ئانچە - مۇنچە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئاخىرى يەنىلا مەغلۇببولدى ۋە ئېچىنىشلىق تۈردە باستۇرۇپ تاشلاندى. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى روسىيە دائىرىلىرى تەدبىر قوللىنىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈشتىن قاتتىق ساقلاندى. شۇنىڭدىن كېيىن رۇسلارنىڭ زۇلۇمىغا قارشى كۈرەش پەقەت جەدىتچىلىك نامى ئاستىدىلا ئېلىپ بېرىلدى. قاتتىق تەقىپ مەۋجۇت بولسىمۇ، جەدىتىزم ۋە پانتۈركىزملىق ئىدىيىلەر ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىغا كەلگەندە يەنىلا تۈركىستانغا كىرىپ كەلدى. دەسلەپ ئىسمائىل بەي گاسپىرالى ۋە ئۇنىڭ قىرىمدىكى شاگىرتلىرى بۇ ئىدىيىلەرنى كۈچەپ تەرغىپ قىلىشتى. 1905 - يىلدىن كېيىن ۋولگا تاتارلىرىنىڭ ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى تازا جانلىنىشقا باشلىدى. 1908 - يىلدىن كېيىن بولسا ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتى «ياش تۈركچىلەر» پارتىيىسىنىڭ تەسىر ئاستىغا ئۆتۈشكە باشلىدى. ياپونىيىنىڭ روسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشى رۇسلار بىلەن تۈركىستان خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە يېڭى بىر ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. رۇسلارنىڭ يېڭىلمەسلىكى ھەققىدىكى ئەپسانە مەۋجۇتلۇقتىن قالدى. تۈركىستاندىكى كۈرەش بولسا تەدرىجىي سىياسىي تەلەپ قويۇش يۆنىلىشىگە قاراپ يۈزلەندى. تۈركىستاندا مەخپىي ياكى يېرىم ئاشكارا جەمئىيەتلەر قۇرۇلۇپ، مىللەتچىلىك مەزمۇنىغا ياتىدىغان ئەسەرلەر نەشىر قىلىپ تارقىتىلدى. «ياش بۇخارا» پارتىيىسى ۋە «ياش خىۋا» پارتىيىسى قاتارلىق بىر قىسىم سىياسىي تەشكىلاتلار بولسا ئاشكارا ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە ئاتلاندى. 1917 - يىلىدىكى فېۋرال ئىنقىلابى تۈركىستان خەلقىگە ئۆز تەلەپلىرىنى ئاشكارا بايان قىلىش پۇرسىتىنى ئاتا قىلدى. 1917 - يىلى 5 - ئايدا ئۇلار تۈركىستاندا ئىسلام قۇرۇلتىيى چاقىرىپ، تۇنجى قارارلىق مىللىي ھۆكۈمەت − مىللىي ھەيئەتنى تەسىس قىلىپ چىقتى. ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتلىغان مەزگىلدە مىللىي ھەيئەت ھاكىمىيەتنى ئىگىلەش ئۈچۈن قوقاندا تۈركىستان مۇسۇلمانلار ھۆكۈمىتىنى قۇردى. ئەمما بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆمرى بەكمۇ كالتە بولۇپ قالدى. قوقان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغۇدەك بىر غول مەمۇرىي ئەمەلدارلار قاتلىمى ياكى قوقان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلايدىغان ھەمدە ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداپ قالالايدىغان قوشۇنىيوق ئىدى. 1918 - يىلى 1 - ئايدا تاشكەنتتىكى روسىيە سوۋېتى روسىيە ئىشچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن قوشۇننى قوقانغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى قوقان شەھىرى ئىشغال قىلىنىپ، قاتتىق بۇلاڭ - تالاڭ قىلىندى. تۈركىستاندا تاشكەنتتىكى سوۋېت كوممۇنىستلىرى يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا مەھكەم دەسسەپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، كونتروللۇق ھوقۇقى تامامەن شۇلارنىڭ قولىدا ئىدى. بۇ بولسا سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ دەسلەپكى ئىككى يىلىدىكى بىر ئالاھىدىلىك ئىدى. بۇ ۋاقىتتا «ئاقلار ئارمىيىسى» تۈركىستاننى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باشقا جايلىرىدىن ئايرىپ تاشلىغانلىقتىن ئەكسىلئىنقىلابچىلارغا قارىتا سوۋېت ھۆكۈمىتى قاتتىق قوللۇق سىياسەتنى يۈرگۈزدى. ئەمما، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقىنى يالغۇز ئەكسىلئىنقىلابچىلار بىلەن كۈرەش قىلىشلا ئەمەس ئىدى، ئۇلار يەنە مۇسۇلمان ئىنقىلابچىلىرى بىلەن چەك - چېگرىنى ئېنىق ئاجرىتىشى كېرەك ئىدى. خۇددى تاشكەنت سوۋېتىنىڭ بىر رەھبىرى ئېيتقاندەك: «ئىنقىلابنى رۇسلار قوزغىغانىكەن، ئىنقىلابتىن مەنپەئەت ئالىدىغانلارمۇ شۇلار» بولاتتى. 1919 - يىلنىڭ ئاخىرى ۋولگا ۋادىسىدىن كەلگەن بىر تارماق قىزىل ئارمىيە ئوتتۇرا ئاسىياغا يېتىپ كېلىپ، خىۋا خانلىقى(1919 - يىلى 11 - ئاي) ۋە بۇخارا خانلىقى(1920 - يىلى 2 - ئاي)نى يوقىتىشقا كىرىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككى خانلىق خارەزىم ۋە بۇخارا جۇمھۇرىيىتى قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. سوۋېت ھاكىمىيىتى غەلىبىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتلەردىن كېلىۋاتقان قوش بېسىمنىڭ تەھدىتىدە، تۈركىستان سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى چاتاق بولۇۋاتاتتى. بىر تەرەپتىن ئۇلار سانى 20 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ۋە شەرقىي بۇخارا تاغلىق رايونى (ھازىرقى تاجىكىستان) نى مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان «باسما»چىلار قوماندانلىقىدىكى مۇسۇلمان پارتىزانلىرى بىلەن جەڭ قىلىشقا توغرا كەلدى. بۇ دېھقانلار قوزغىغان ۋە ئومۇمىيلىق خاراكتېرىنى ئالغان، رۇسلارغا ۋە كوممۇنىزمغا ئوخشاشلا قارشى تۇرىدىغان كۈرەشنىڭ بىر قىسمى ئىدى. 1925 - يىلغا كەلگەندە خىل قوراللانغان سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ قول تىقىشى بىلەن بۇ كۈرەش تىنجىتىلىشقا باشلىدى. بىر قىسىم قوزغىلاڭچىلار ئافغانىستانغا ئۆتۈپ كەتتى، ئەمما يەككە - يىگانە قالغان قوزغىلاڭچىلارنىڭ بەزى توپلىرى تاغلىق رايونلاردا 1936 - يىلغىچە تىركەشتى. يەنە بىر ياقتىن كېلىۋاتقىنى جەدىتچىلەرنىڭ خەتىرى بولدى. 1920 - يىلدىن كېيىن ئەسلىدىكى جەدىتچىلەرنىڭ ھەممىسى كومپارتىيىگە ئەزا بولدى. بۇ كىشىلەر كوممۇنىزمچى بولغىنى بىلەن يەنىلا مىللەتچى ۋە پانتۈركىست ئىدى. بۇ كىشىلەر تۈركىستاننىڭ سىياسىي ھاياتىدا بىر مەھەل رول ئوينىدى. ئۇلار رۇسلارغا قارشى بولۇپ، مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ كوممۇنىزمىنى ۋە تۈركىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، باشقىرتىيە، تاتارىستان قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غايەت زور تۈركلەر دۆلىتىنى قۇرۇش كويىدا ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار تۇران دۆلىتى قۇرۇش نىشانىغا يېقىنلاپ قالدى. بۇ نىشاننى شۇ ۋاقىتتىكى قازان تاتارلىرىدىن سۇلتان غەلىيېف كۆڭۈل قويۇپ لايىھىلەپ چىققانىدى. 1921 - يىلدىن كېيىن رۇسلار ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇھىم ئورۇنلاردىكى يەرلىك كوممۇنىستلارنى يوقىتىشقا كىرىشتى. بۇ ئىش گەرچە يەرلىك كوممۇنىستلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، 1924 - يىلى تۈركىستان يەنىلا ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق بىر نەچچە مىللىي جۇمھۇرىيەتكە ئايرىۋېتىلدى. بۇ بىر نەچچە مىللىي جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى بىرلىككە كەلگەن تۈرك دۆلىتىنى قۇرۇش شېرىن چۈشىنى بۇزۇپ تاشلىدى. 1930 - يىلدىن تارتىپ ئاخىرى چوڭ كۆلەملىك تازىلاش باشلاندى. بۇ قېتىمقى تازىلاش 1938 - يىلغىچە ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتى. تازىلاش ھەرىكىتى جەريانىدا يەرلىك زىيالىيلارنىڭ كۆپ قىسمى يوقىتىلدى، بۇ كىشىلەر بولسا 1919 - يىلدىن كېيىن كوممۇنىزم ھاكىمىيىتىگە شىلتىڭ ئېتىپ كەلگەنلەر ئىدى. ھالبۇكى، مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرى بىت -چىت قىلىپ تاشلانغان، تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ئارمانلىرى كۆپۈككە ئايلانغان بولسىمۇ، بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيا يەنىلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى تۈرك قورغىنى بولۇپ قالدى. چۈنكى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جۇغراپىيىلىك قۇرۇلما مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن (چۆللۈكلەر ۋە بوستانلىقلار) رۇسلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەملىكىسى يەنىلا ناھايىتى ئاجىز بولدى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستاندىكى غەيرى مۇسۇلمانلار سانى 1959 - يىلى % 15 تىن تۆۋەن بولغان، تۈركمەنىستاندىكى غەيرى مۇسۇلمانلار بولسا %20 تىن تۆۋەن بولغان. بىر مەھەل موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان تۈركىستان كەلگۈسىدە يەنىلا تۈركىي خەلقلەرگە مەنسۇپ بولۇپ قالسا كېرەك. چارروسىيىنىڭ ئىستىلاچىلىق ئۇرۇشلىرى ۋە تۈركىستاننى ئىدارە قىلىشى (1917 - يىلىغا قەدەر) ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىدىكى (تۈركىستاندىكى) كۆپلىگەن دۆلەتلەر بىرىنىڭ ئارقىسىدىن - بىرى زاۋاللىققا يۈزلەنگەن ۋە پارچىلىنىۋاتقان مەزگىللەردە چارروسىيە دۆلىتى قۇدرەت تاپتى . رۇس ھاكىمىيىتىنىڭ قۇدرەت تېپىشى ⅩⅦ ئەسىردىلا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمىنىڭ تەقدىرىدىن بىشارەت بەرگەنىدى. ئەمما قازان خانلىقى، ئاستراخان خانلىقى، ۋە سىبىر خانلىقى قاتارلىقلارنىڭ قۇربانلىققا ئايلىنىشى ئەڭ دەسلەپكى ئالغا ئىلگىرىلەش دولقۇنىنى قوزغىغاندىن كېيىن، روسىيە يەنە پۈتۈن كۈچىنى باشقا جايلارغا قاراتتى. بۇنىڭ بىلەن رۇسلار ئۆزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي تەرەپتىكى رايونلىرىدا ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىش ئىستراتېگىيىسىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى. رۇسلار ئورېنبۇرگ، پېتىر پاۋلوۋسكى، ئومىسكى، سېمپالاتىنىسكى ۋە ئۈست كامېننى گورىسكى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، كاسپى دېڭىزىدىن ئالتاي تاغلىرىغىچە سوزۇلغان ئۇزۇن قازاق مۇستەملىكە لىنىيىسىنى قۇرۇپ چىقتى ھەمدە شۇ ئارقىلىق قازاقلارنىڭ ۋولگا ۋە سىبىرىيە دالاسىغا پاراكەندىچىلىك سېلىشىدىن ساقلاندى. ئەمما بۇ خىل مۇداپىئە سىياسىتىدىن رۇسلار زادىلا قانائەت ھاسىل قىلمىدى. گەرچە ⅩⅧ ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدىن تارتىپ قازاقلار نامدا روسىيىگە بېقىنغان بىلەن ئەمەلىيەتتە ھە دېسىلا مۇداپىئە لىنىيىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئولتۇراق ئاھالىلەرگە ھۇجۇم قىلىپ تۇراتتى. يەنە كېلىپ بۇ ۋاقىتتىكى خىۋا خانلىقى قازاقلارنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، قوزغىلاڭ رەھبەرلىرىگە پاناھلىق بەردى، شۇنداقلا رۇسىيە ئەسىرلىرىنى مۇقىم بازار بىلەن تەمىن ئەتتى. قازاقلار سودا كارۋانلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ تۇرغانلىقتىن رۇسىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى سودىمۇ ئەسلىدىكى سەۋىيىدە توختاپ قالدى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرى رۇسلار ئاخىرى تېخىمۇ مۇقىم بولغان چېگرىنى تاپتى. ئورتا يۈز (1822 - يىل) ۋە كىچىك يۈز (1824 - يىل) نى يوقىتىپ، روسىيىنىڭ نازارەتچىلىكىدە سۇلتان ھۆكۈمرانلىقىدىكى تېخىمۇ كىچىك قەبىلىلەرنىڭ بىرلىكىنى ئورناتقاندىن كېيىن، قازاقلارنىڭ مۇستەقىللىقى ئاستا - ئاستا يوقىلىشقا باشلىدى. رۇسلار يايلاقتا بىر قىسىم قاراۋۇلخانىلارنى تەسىس قىلدى: ئورېنبۇرگنىڭ جەنۇبىدا كۆكچىتاۋ ۋە قارقارالىنسكى ( 1824 - يىل ) سېمپالاتىنىسكىنىڭ جەنۇبىدا كۆكپېكتى (1820 - يىل) ۋە باياننۇر (1826 - يىل) ئالىكساندىر فون ھۇمبولتنىڭ ئېكسپېدىتسىيىسىدىن كېيىن، سېرگىي ئوبۇل (1831 - يىل)قاراۋۇلخانىسىنى قۇرۇپ چىقتى. مۇراۋيېف ئەلچىلەر ئۆمىكى ۋە رىگلىي ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا خىۋا ( 1820 ) ۋە بۇخارا (1820 ) غا زىيارەتكە بېرىشى ھەمدە پولكوۋنىك بېرگ بىلەن ئېدۋاردنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىشى (1825 - 1826) بىلەن روسىيىلىكلەر بۇ رايوننىڭ سىرتىدىكى جايلارغا ئائىت قىممەتلىك ئاخباراتلارغا ئىگە بولدى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى رۇسلار ماڭغىشلاق يېرىم ئارىلىدا يېڭى ئالىكساندىروۋسكى قورغىنىنى سالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سودا ئىشلىرىنى قوغداش ھەققىدىكى كۈنسېرى ئۇلغىيىۋاتقان تەلەپلەر ۋە ئەنگلىيىنىڭ ئافغانىستاندىكى تەسىرىگە قارشى تۇرۇش ئېھتىياجى قاتارلىق سەۋەبلەر ئارقىسىدا گېنېرال پېروۋسكى قوماندانلىقىدىكى خىۋاغا قارىتىلغان تېخىمۇ چوڭ كۆلەملىك ھەربىي يۈرۈش كېلىپ چىقتى. بۇ قېتىمقى قىشلىق ھەربىي يۈرۈش 1839 - يىلى باشلاندى ۋە مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، ھەربىي يۈرۈشكە كېرەكلىك قاتناش قوراللىرىنىڭ پۈتۈنلەي دېگۈدەك زىيانغا ئۇچرىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. پېروۋسكىنىڭ مەغلۇبىيىتى رۇسلارنىڭ يايلاققا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىپ بازا قۇرۇش زۆرۈرلۈكىنى كۆرسەتتى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرى روسىيە ئورېنبۇرگنىڭ جەنۇبىدا تۇرغاي ۋە يېرگىز ( 1845 - يىلى)، ئاتباسار ۋە ئۇلۇتاۋسكى ( 1846 - يىلى) قاتارلىق كىچىكرەك بىر نەچچە قورغاننى قۇرۇپ چىقتى. سىر دەرياسىنىڭ ئاغزىغا سېلىنغان رەئىم قورغىنى(1847 - يىلى) رۇسلارنىڭ بۇ رايوندىكى غەرىزىنى ئاشكارە ئىپادە قىلدى. شەرقتە ئالاتاۋ باغرىدىكى قوپال قورغىنىنىڭ قۇرۇلۇشى ( 1847 - يىلى) بىلەن رۇسلار ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى جايلارغا ئىگە بولۇپ قالدى. رۇسلار شۇنىڭ بىلەن قوقان خانلىقىغا تەۋە دېيىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى بولمىغان يەرلەرنى ئىگىلەشكە كىرىشتى. 1853 - يىلى گېنېرال پېروۋسكى روسىيە قوشۇنىنى باشلاپ ئارالىسكىدىن ئارقىغا يېنىپ سىر دەرياسى بويىغا كەلدى ۋە بىر قورغان سالدۇردى (كازالىنسكى)، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قوقان خانلىقىنىڭ ئاق مەسچىت قورغانى (ئۇنىڭغا پېروۋسكى قورغىنى دەپ نام قويۇلدى ) نى ھۇجۇم بىلەن ئالدى. شۇنداق قىلىپ پېروۋسكى ئىلگىرىكى نومۇسىنى پاك - پاكىز يۇدى. شەرقتە روسىيە قوشۇنى ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى ئىگىلەپ ھازىر ئالمائاتا دەپ ئاتىلىۋاتقان ۋېرنى شەھىرىنى سالدى ( 1845 - يىل ). روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانى جەنۇبتىكى كېڭەيمىچىلىك قىلىشتىن كەلگەن ئىككى رايوننى تۇتاشتۇرۇش ئىدى. بىراق قىرىم ئۇرۇشى (1854 - 1856) تۈپەيلىدىن بۇ پىلان بەكلا سوزۇلۇپ كەتتى، ئارقىدىنلا ئىشغال قىلىنغان رايونلارنى مۇستەھكەملەش دەۋرى باشلاندى. قازاق يايلىقىنىڭ غەربىدە 1859 - يىلى ئورېنبۇرگنى پايتەخت قىلغان ئورېنبۇرگ قىرغىز ئوبلاستى تەسىس قىلىندى. يايلاقنىڭ شەرقى بولسا ئومىسكىنى پايتەخت قىلغان سىبىرىيە قىرغىز ئوبلاستى بولۇپ تەشكىللەندى. سېمپالاتىنىسكى ئوبلاستى 1854 - يىلى قۇرۇلدى ۋە سېمپالاتىنىسكىنى پايتەخت قىلدى. ئامېرىكىدىكى جەنۇب - شىمال ئۇرۇشى مەزگىلىدە ( 1861 - 1865 ) پاختا بىلەن تەمىنلەش جىددىيلىشىپ كەتتى. پاختا بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن رۇسلار ئەسلىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى قايتا باشلىدى. پولكوۋنىك چېرنيايېف باشچىلىقىدىكى 2600 كىشىدىن تەشكىللەنگەن بىر تارماق قوشۇن ۋېرنىدىن يولغا چىقتى، پولكوۋنىك ۋېرۋكىن قوماندانلىقىدىكى 1600 كىشىلىك قوشۇن پېروۋسكىدىن ئاتلاندى. 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چېرنيايېف قوشۇنى ئەۋلىيا ئاتا (ھازىرقى جامبۇل) غا شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئۈچ ئادەم يارىلىنىشتەك ئاز بەدەل بىلەنلا شەھەرنى ئىگىلىدى. قوراللىرى بەكلا ئاددىي، قوماندانلىقى ۋە ئىنتىزامىنىڭ زادىلا تايىنى يوق 1500 كىشىلىك يەرلىك قوشۇندىن 307 ئادەم ئۆلدى، 390 ئادەم يارىلاندى. ۋېرۋكىنمۇ شۇنداق ئاز بەدەل بىلەنلا تۈركىستاندىكى يەسسى شەھىرىنى ئىگىلىدى. ئاندىن ئىككى قوشۇن قوشۇلۇپ چېرنيايېفنىڭ قوماندانلىقىدا بولدى. تۆت كۈنلۈك قورشاۋ ئۇرۇشىدىن كېيىن چىمكەنت قورغىنىمۇ 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئىشغال قىلىندى. بۇ يەردىكى يەرلىك قوشۇن 10 مىڭ كىشى بولسىمۇ، كۆپىنچىسى جەڭ باشلىنا - باشلانمايلا قۇيرۇقىنى خادا قىلىشتى، روسىيە قوشۇنىدىن پەقەت ئىككى ئادەم ئۆلدى. مۇشۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق رۇسلار پۈتۈن چۇ ۋادىسىنى ئىگىلىدى ھەمدە ئۇزۇنغا سوزۇلغان قورغان لىنىيىسى ئارقىلىق قازاق يايلىقىنى قامالغا ئالدى. بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەت توغرىسىدىكى خەۋەر ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ پايتەختلىرىدە، بولۇپمۇ بۈيۈك بىرىتانىيىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. چۈنكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھىندىستاندىكى تەسىر دائىرىسىدىن ئەندىشە قىلىپ قالغانىدى. 1864 - يىل 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى روسىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى گېرتسوگ گورچاكوف ھەرقايسى كۈچلۈك دۆلەتلەرگە يالغان - ياۋىداق گەپلەر بىلەن تولغان مەكتۇپنى يوللاپ، ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئەندىشىلىرىنى يېنىكلەتتى. گورچاكوف روسىيە رەھبەرلىرىنىڭ مەقسىتى ناھايىتى ئاددىي ئىكەنلىكىنى، ئۇلار بىر ئۈنۈملۈك چېگرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلماقچى، يەنى روسىيە قوشۇنلىرىنىڭ چېگرا بۇلاڭ - تالاڭلىرىغا قارشى كۈرەشلىرىدە قوغداش رولىنى ئوينىيالىغۇدەك بىر لىنىيىنى قوغدىماقچى ئىكەنلىكىنى، روسىيە ئىمپېرىيىسى ئولتۇراق ئاھالىلەر دۆلىتىنىڭ چېگرىسىغا يەتكەن ھامان توختايدىغانلىقىنى، بۇ جايدا توختىغاندىن كېيىن بىر قورغان لىنىيىسى قۇرۇپ ئۆز چېگرىسىنى قوغدىماقچى ئىكەنلىكىنى، شۇ ئارقىلىق بۇلاڭ - تالاڭغا ئادەتلىنىپ كەتكەن كۆچمەن خەلقلەرگە سودا - سېتىقنىڭ بۇلاڭ - تالاڭدىن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ھەمدە ئۇلارغا «غەرب مەدەنىيىتى» ئىلتىپات قىلىش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. 1865 - يىلى رۇسلار يېڭىدىن قولغا كەلتۈرگەن بۇ رايوننى تۈركىستان ۋىلايىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. تۈركىستان ۋىلايىتىنى گېنېرال گوبىرناتور باشقۇرىدىغان بولۇپ، گوبىرناتور قوشۇمچە ھەربىي ئىشلار، مەمۇرىي ئىشلارنى بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالاتتى ۋە ئورېنبۇرگ گوبىرناتورى ئالدىدا جاۋابكار بولاتتى. چېرنيايېف تۈركىستاننىڭ گېنېرال گوبىرناتورى بولۇپ تەيىنلەندى. روسىيە ھۆكۈمىتى چېرنيايېفقا ئەمدى ئالغا ئىلگىرىلىمەسلىك ھەققىدە بۇيرۇق قىلغان بولسىمۇ، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ تاشكەنت ۋە قوقانغا ھۇجۇم قىلدى. 1865 - يىلى 4 - ئايدا چېرنيايېف چىرچىق دەرياسى بويىدىكى نىيازبېگ قورغىنىنى ئىگىلىدى. چىرچىق دەرياسى تاشكەنت رايونىنىڭ سۇغىرىش ئىشلىرىدىكى ئاساسلىق مەنبە ئىدى. ئىككى - ئۈچ كۈندىن كېيىن، چېرنيايېف ناھايىتى ئاز زىيان بىلەنلا تاشكەنتنى ئىشغال قىلدى. ئەنگلىيىنى خاتىرجەم قىلىپ قويۇش ئۈچۈن، روسىيە ھۆكۈمىتى چېرنيايېفنى چاقىرتىپ كەتتى، ئەمما ئۇنىڭغا يۈكسەك شان - شەرەپ ئىنئام قىلدى. چېرنيايېفتىن كېيىن ۋەزىپە ئۆتىگەن گېنېرال رومانوۋسكى چېرنيايېفنىڭ پىلانىنى داۋاملىق ئىجرا قىلدى. ئىككىنچى يىلى ئەتىيازدا رومانوۋسكى 3600 كىشىلىك بىر تارماق قوشۇننى باشلاپ بۇخارا تەۋەسىگە بېسىپ كىردى. سەمەرقەنتكە بارىدىغان يول تۆپىسىدىكى ئورجار دېگەن جايدا بۇخارالىقلار ۋە قازاقلارنىڭ 40 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى مۇستەھكەم ئىستىھكامىنىڭ ئۆزىدىلا بىت - چىت قىلىپ تاشلىدى. ئارقىدىن رومانوۋسكى سىر دەرياسى بويىغا قايتىپ قوقان تەۋەلىكىگە كىردى ۋە بۇخارا بىلەن قوقان ئارىلىقىغا بىر شىنا قاقماقچى بولدى. ئۇ ھېچقانداق قارشىلىقسىزلا قوقاندىكى ناۋ قورغىنىنى ئىگىلىدى. 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى زەمبىرەك ئارقىلىق خوجەندنى ئىشغال قىلدى. رۇسلاردىن ئاران بەش ئادەم ئۆلدى. شەھەرنى مۇداپىئە قىلغانلاردىن بولسا 2500 ئادەم چىقىم بولدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا قوقان خانى خۇدايارخان روسىيىگە باش ئەگدى. خۇدايارخان ئۆزىنىڭ روسىيىگە بېقىندى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، رۇسلارنىڭ ئىستىلاسىغا قوشۇلدى، روسىيە سودىسىنىڭ قوقان چېگرىسىدىن ئۆتۈشىگە رازىلىق بىلدۈردى ھەمدە روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوقانغا ھۇجۇم قىلىشتا سەرپ قىلغان چىقىمىنى تۆلەش ئۈچۈن روسىيىگە تۆلەم بېرىدىغان بولدى. بەزى ئەھۋاللار بۇخارا ئەمىرلىرىنىڭمۇ سۈلھى قىلىشقا مايىللىقىنى كۆرسەتسىمۇ، ئەمما روسىيە ھۆكۈمىتى ئاللىقاچان ئۆزلىرىنى مۇشۇنداق ئورۇندا تۇتۇپ تۇرغاندا، كېيىنكى ھەرىكەتلىرىنىڭ باشقىلاردا گۇمان تۇغدۇرمايدىغانلىقىنى قارار قىلىپ بولغانىدى. ھازىر چارروسىيە دائىرلىرىنىڭ نەزەرىدە چېگرا دەپ قارىلىۋاتقان جاي سىر دەرياسى ئەمەس، بەلكى ئامۇ دەرياسى ئىدى. 1866 - يىلى 8 - ئايدا ئورېنبۇرگ گېنېرال گوبېرناتورى كىرزانوۋسكى قوماندانلىقىدىكى قوشۇن يېڭى بىر ئۇرۇش قوزغىماقچى بولدى. ئۇ باشلىغان قوشۇن ئاۋال تىغ ئۇچىنى ئۆرە تۆپىگە قاراتتى ھەمدە 10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى بۇ قورغاننى ئىشغال قىلدى. رۇسلاردىن 17 ئادەم ئۆلدى، يەرلىك قوشۇندىن ئاز دېگەندىمۇ 2000 ئادەم ئۆلدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن كىرزانوۋسكى جىززاقنى ئىشغال قىلدى ( 10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ) ، بۇ جەڭدە رۇسلاردىن ئالتە كىشى ئۆلدى، يەرلىك قوشۇندىكىلەردىن بولسا 6000 كىشى ئۆلدى. 1867 - يىلى 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىكى ئىمپېراتور پەرمانىغا بىنائەن، تۈركىستان گوبىرناتورلۇقى قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. تۈركىستان گوبىرناتورلۇقى تاشكەنتنى مەركەز قىلغان بولۇپ، روسىيىنىڭ 1847 - يىلدىن تارتىپ تۈركىستان رايونىدا قولغا كەلتۈرگەن بارلىق زېمىنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئۇلار بۇ راريوننى سىر دەريا ئوبلاستى ۋە يەتتىسۇ ئوبلاستى قىلىپ ئايرىدى. ئىلگىرى روسىيە ئىشغال قىلىۋالغان پولشا زېمىنىدا يەنى روسىيىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدە گوبېرناتور بولغان گېنېرال فون كائۇفمان تۈركىستان گوبىرناتورى بولۇپ تەيىنلەندى. كائۇفمانغا ناھايىتى كەڭ ھوقۇق جۈملىدىن ھەربىي ۋە دىپلوماتىك ھوقۇق بېرىلدى. 1867 - يىلى 11 - ئاينىڭ باشلىرىدا كائۇفمان تاشكەنتكە كېلىپ، مۇرەككەپ خىزمەتكە تۇتۇندى. كائۇفماننىڭ تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن تەشكىلىي ئۈلگىسى يېرىم ئەسىرگىچە داۋاملاشتۇرۇلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «كونا تۈركىستانلىقلار» كائۇفمان ۋەزىپە ئۆتىگەن 13 يىلنى بەكلا كۆپتۈرۈپ «ئالتۇن دەۋر» دېيىشۋاتىدۇ، ھەتتا ئەنگلىيىنىڭ تاجاۋۇزچى تۆرىلىرىمۇ ئۇنى ئىچ - ئىچىدىن «بەك ئۇلۇغ دېيىشكە بولمىسىمۇ، لېكىن شۈبھىسىزكى، ئۇنى يەنىلا ئۇلۇغ شەخس دېيىشكە بولىدۇ» دەپ تەرىپلىگەنىدى. كائۇفماننىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى تۈركىستان ياۋروپا روسىيىسىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش شەكلىدە تەشكىللەنگەنىدى. ئەڭ ئالىي ۋەزىپىدىكى ھوقۇقدارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تۈركىستان رايونى ئاساسەن دېگۈدەك قەلەمدار ۋە ئەلەمدارلار تەرىپىدىن ئىدارە قىلىندى. بىر قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئىككى ئوبلاست يەنە ناھىيە، يېزا بولۇپ بۆلۈندى، يېزىنىڭ ئاستىدا ئاۋۇل ياكى قىشلاق تەسىس قىلىندى. ھەر بىر قىشلاق ۋە ئاۋۇل ئاقساقالنى ھەمدە بىر سايلام گۇرۇپپىسىنى سايلاپ چىقاتتى. ئاندىن سايلام گۇرۇپپىسىنىڭ ياردىمىدە يېزىنىڭ باشلىقى سايلىناتتى. يېزا باشلىقلىرى روسىيە ھاكىمىغا جاۋابكار بولاتتى. ئەدلىيە جەھەتتە ئادەت ۋە شەرىئەت ساقلاپ قېلىندى. پەقەت رۇسلارغا چېتىشلىق دېلولار ۋە بىر قەدەر ئېغىر دېلولار يۈز بەرگەندىلا، ئاندىن رۇسلارنىڭ سوتىدا بىر تەرەپ قىلىناتتى. تەن جازاسى بىكار قىلىنغاندىن باشقا، رۇسلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىسلاھاتى ئەسلىدىكى خان تەرىپىدىن تەيىنلىنىدىغان قازىلارنى سايلام ئارقىلىق بېكىتىش بولدى. يەرلىكنىڭ باج تۈزۈملىرىنىمۇ ئۆزگەرتىپ رۇسلارنىڭ ئادىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇردى. رۇسلار يەنە ناھايىتى چەكلىك بولغان يەر ئىسلاھاتىنى يۈرگۈزدى. ئىسلاھاتنىڭ نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن رۇسلار تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ۋەخپە تۈزۈمى ۋە مىراپلىق تۈزۈملىرىنى مۇھاكىمىگە قويدى. ئەمما بۇ جەھەتتە ئىسلاھاتنىڭ مەقسىتى زادىلا ئىشقا ئاشمىدى. كائۇفمان غەرەزلىك ھالدا يەرلىك ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتمىدى. گەرچە بۇ جايدىكى ئاياللارنىڭ تۆۋەن ئىجتىمائىي ئورنى ۋە مۇسۇلمانچە تۇرمۇش شەكلىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىدىن ئىچى پۇشسىمۇ، يەنىلا پاك سىياسەت يۈرگۈزۈشكە رازى بولدىكى، بۇ نەرسىلەرگە چېقىلىپ قويۇپ يەرلىك كىشىلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويۇشنى خالىمىدى. ئەلۋەتتە بۇ پەقەتلا بىر تۈرلۈك ۋاقتىنچە قوللىنىلىدىغان تەدبىر ئىدى. بۇ ھەرگىزمۇ بۇ مەسىلىلەرنى بىر ياققا قايرىپ قويغانلىق ئەمەس ئىدى. بۇنداق قىلىشنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى شۇ ئىدىكى، ياخشى ئۈلگىلەرنىڭ تەسىرى ئارقىلىق بولىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش قاتتىق قول سىياسەتتىن كۆپ ياخشى ئىدى. بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن كائۇفمان ئۇفادىكى ئىسلام ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىپ تۈركىستان ئىسلام ئاپپاراتلىرىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇشتەك تىرىشچانلىققا قارشى تۇردى. مۇسۇلمانلارنىڭ قارشىلىقىنى قوزغاپ قويۇشتىن ئەنسىرىگەن كائۇفمان ھەتتا روسىيە پراۋىسلاۋىيە دىنىي جەمئىيىتىنىڭ تۈركىستان رايونىغا مىسسيونېر ئەۋەتىشىنى چەكلىدى. تاشكەنتتە بىرەر پراۋىسلاۋىيە رايونى قۇرۇشقىمۇ قارشى تۇردى. 1868 - يىلى ئەتىيازدا كائۇفمان بۇخارا ئەمىرىنىڭ روشەن دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسىدە بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە سەمەرقەنتتە قوشۇن توپلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، قوشۇن تارتىپ بۇخارا تەۋەلىكىگە بېسىپ كىردى. 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى سەمەرقەنتنى ھۇجۇم بىلەن ئالدى، ئارقىدىنلا ئورغۇت ۋە كاتتا قورغان شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلدى. بىر ئايدىن كېيىن كائۇفماننىڭ قوشۇنى كاتتا قورغىنىنىڭ يېنىدىكى زېرا بۇلاقتا بۇخارانىڭ ئاساسىي قوشۇنى بىلەن تۇتۇشتى. بۇخارالىقلار قوشۇنىدا 6000 دىن ئارتۇق پىيادە لەشكەر، 15 مىڭ ئاتلىق نەۋكەر، 14 دانە يەڭگىل زەمبىرەك بولسىمۇ، يەر شەكلى ئۆزلىرىگە شۇنچە پايدىلىق بولغان ئەھۋالدا ئېغىر چىقىمغا ئۇچراپ تېرە - پېرەن بولۇپ كەتتى. بۇ ئۇرۇش بۇخارا ئەمىرىنى رۇسىيىگە ئەل بولۇشقا مەجبۇر قىلدى. 1868 - يىلى 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىكى شەرتنامىدە بۇخارانىڭ − سەمەرقەنت، كاتتا قورغان، خۇجەند، ئۆرەتۆپە ۋە جىززاقنى ئۆتۈنۈپ بېرىدىغانلىقى بەلگىلەندى. بۇخارا 500 مىڭ رۇبلى تۆلەم تۆلەشكە رازى بولدى. قوقانغا ئوخشاشلا بۇخارادىمۇ روسىيە پۇقرالىرى ئەركىن كېلىپ - كېتىپ تۇرالايدىغان ۋە بۇخارا چېگرىسىدىكى رايونلار ئارا سودىدىن ناھايىتى ئاز مىقداردا تاموژنا بېجى ئېلىنىدىغان بولدى. كېسىپ بېرىلگەن رايون زەرەفشان رايونى (كېيىن سەمەرقەنت ئوبلاستى بولۇپ قۇرۇلدى) سۈپىتىدە تۈركىستان گوبېرناتورىنىڭ باشقۇرۇشىغا قوشۇۋېتىلدى. بۇخارا ئەمىرى ئۆزىنىڭ تەختتىن چېكىنىشىگە ئىجازەت بېرىشىنى سورىغاندا، كائۇفمان بۇخارادا روسىيىنىڭ خوجايىنلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بىر ھۆكۈمراننىڭ مەۋجۇت بولۇشىنىڭ ئۆزىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئەمىرنىڭ بۇخارا ھۆكۈمرانى ئىكەنلىكىدەك ئورنىنى مۇستەھكەملەپ قويدى، ھەتتا ئەمىرگە ياردەملىشىپ ئەمىرگە قارشى كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭلارنى باستۇرۇشۇپ بەردى. ئارقىدىنلا رۇسلار ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى چىڭ سۇلالىسى زېمىنىنى قولغا كىرگۈزۈۋالدى. 1862 - يىلى جۇڭغارىيىدە پارتلىغان قوزغىلاڭ ئىلى ۋادىسىغىچە يېيىلدى. 1864 - يىلى ئىلىدىكى يەرلىك تۇڭگانلار ۋە تارانچىلار بىرلىشىپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدى. غۇلجىدىكى روسىيە كونسۇلخانىسى ۋە چۆچەكتىكى روسىيە زاۋۇدى پاچاقلاپ تاشلاندى، سودىمۇ توختىدى، قاچقۇنلار چېگرىغا قېچىپ بېرىپ يەتتىسۇ رايونىغا كىرىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 1853 - يىلى ئاق مەسچىت قورغىنىنى قوغداپ پېروۋىسكىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن ياقۇپبەگ قەشقەردە بىر مەيدان مالىمانچىلىق پەيدا قىلدى. ئۇ جۇڭگولۇقلارنى ھەيدەپ چىقىرىپ، ئۆز ئالدىغا خانلىق قۇردى. بۇ يېڭى قۇرۇلغان يەرلىك ھاكىمىيەت ئوتتۇرا ئاسىيا كۈچلەر سېلىشتۇرمىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ۋەزىيىتىنىڭ بۇزۇپ تاشلىنىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى. ياقۇپبەگنىڭ ئەنگلىيە بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتتە بولۇشى روسىيىنى قاتتىق ساراسىمىگە سېلىپ قويدى. ناۋادا ياقۇپبەگ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى جۇڭغارىيىگىچە كېڭەيتسە، جۇڭغارىيىنىڭ يەتتىسۇ بىلەن تۇتىشىپ كېتىش خەۋپى تۇغۇلاتتى. بۇ بولسا ئەنگلىيە تەسىرىنىڭ كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. ئەنگلىيە تەسىرىنىڭ كېڭىيىشى بولسا روسىيىنىڭ ئورنىغا نىسبەتەن يان تەرەپتىن قورشاۋ ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈش، ھەتتا ئەڭ ئاخىرىدا ياۋروپا روسىيىسى بىلەن سىبىرىيىنىڭ مۇناسىۋىتىگە خەۋپ تۇغدۇرۇشى مۈمكىن ئىدى. كائۇفمان بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى چەكلەش، ئۇزاققا سوزۇلغان مالىمانچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن 1871 - يىلى 6 - ئايدا روسىيە قوشۇنىغا ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى رايونلارنى ئىگىلەش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى. ئىلى ئۆلكىسى (چىڭ سۇلالىسى بۇ رايوننى مۇشۇنداق ئاتايتتى) ياكى غۇلجا رايونى (رۇسلار شۇنداق ئاتايتتى)نى ئىشغال قىلىش ھەرىكىتىنى رۇسلار پۈتۈنلەي خەلقئارا جامائەتچىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋاقىتلىق ۋەزىيەتنى بىر تەرەپ قىلغان يوسۇندا پۈتتۈردى. ئۇلار چىڭ سۇلالىسى قەشقەرىيىدىكى مالىمانچىلىقلار ۋە جۇڭغارىيىنىڭ باشقا رايونلىرىنى يېڭىۋاشتىن كونترول قىلىشقا قادىر بولالىسىلا، ئۆزلىرى ئىشغال قىلىۋالغان جايدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا چىڭ سۇلالىسىغا ۋەدە بەردى. رۇسلار ئېھتىمال جۇڭگولۇقلار بۇنداق قىلالمايدۇ، دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك. ئەمما 1877 - يىلى چىڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ياقۇپبەگ مەغلۇب بولدى. ياقۇپبەگ خانلىقى بىت - چىت قىلىنىپ، چىڭ سۇلالىسى قەشقەرىيىگە بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالدى. بىر نەچچە ئايلىق دىپلوماتىك سۆھبەتلەردىن كېيىن رۇسلار تۆلەمگە ئېرىشىپ، ئىلى ئۆلكىسىنىڭ بىر قىسمىنى كېسىپ بەردى. 1883 - يىلغا كەلگەندە ئۇلار ئاخىرى ئىلى رايونىغا بولغان كونتروللۇق ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى. سانكىت پېتربورگتىكى ئەنگلىيە باش ئەلچىسىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، «جۇڭگولۇقلار روسىيىنى ئەزەلدىن قىلىپ باقمىغان ئىشىنى قىلىشقا مەجبۇر قىلىپ، رۇسلاردىن يۇتۇپ بولغان زېمىننى قۇستۇرۇۋالدى». ئەمما مۇشۇ ئارىلىقتا رۇسلار دىققەت نەزەرىنى تېخىمۇ چوڭ نىشانغا قاراتتى. بۇ نىشاننىڭ بىرىنچىسى خىۋا خانلىقى ئىدى. ⅩⅦ ئەسىردىكى ئۇرال كازاكلىرىنىڭ ئۈچ قېتىملىق يىراققا يۈرۈش ھەرىكىتى، 1717 - يىلى گېرتسوگ بېگوۋىچ چېركاسكى باشچىلىقىدىكى قوشۇننىڭ ھەرىكىتى ۋە گېنېرال پېروۋىسكىينىڭ 1839 - يىلدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ھەممىسىلا خىۋا خانلىقىدەك مۇشۇ كونا رەقىپنىڭ ئەجەللىك زەربىسىگە ئۇچرىغانىدى. 1837 - يىلى كائۇفمان ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ئارقىلىق خىۋا مەسىلىسىنى مەڭگۈلۈككە ھەل قىلىش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، بۇ لايىھە ناھايىتى تېزلا تەستىقلاندى. رۇسلار ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە پەقەت ئاز - تولا جازالاش خاراكتېرلىك تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. قوشۇننىڭ سانى ۋە تېخنىكىلىق قوراللىنىش ئەھۋالى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، خىۋا تەرەپتە غەلىبە قىلىشتىن زەررىچە ئۈمىد يوق ئىدى. ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىكىگە ئوخشاشلا، خىۋانىڭ ئەڭ چوڭ كىرزىسى ئۆزىنىڭ ئەپلىك جۇغراپىيىلىك ۋەزىيىتى ئىدى. ھەربىي يۈرۈشنىڭ غەلىبە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، شۇنداقلا ئوفىتسېرلارنىڭ تېخىمۇ زور شەرەپ قۇچۇشى ئۈچۈن، رۇسلار بىر نەچچە يۆنىلىش بويىچە ئىلگىرىلەش پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. ئاساسىي تارماق قوشۇنلاردىن بىرى تاشكەنتتىن، يەنە بىرى ئورېنبۇرگدىن، يەنە بىرى كراسنوۋودىسكى شەھىرىدىن، ئاخىرقىسى ماڭغىشلاق يېرىم ئارىلىدىكى ئالىكساندروۋسكى قورغىنىدىن يولغا چىقتى. پۈتكۈل قوشۇندا 13 مىڭ ئەسكەر ۋە 62 زەمبىرەك بار ئىدى. كائۇفمان باش قوماندانلىققا تەيىنلىنىپ، تاشكەنتتىن يولغا چىققان قوشۇن بىلەن بىللە ئاتلاندى. خۇددى كېيىن ئىسپاتلانغاندەك، بۇ يۈرۈشكە ئەسلىدە كىچىك بىر تارماق قوشۇن بولسىلا كۇپايە قىلاتتى. قوشۇندىكىلەر بەكلا چارچاپ كەتكەن بولغاچقا، تاشكەنت قوشۇنى ئامۇ دەرياسى ۋادىسىغا يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى (5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى) چۆلدىكى بالايى - ئاپەتتىن ئاران قۇتۇلدى. ئەمما كراسنوۋودسكىدىن يولغا چىققان قوشۇن تومۇز ئىسسىق ۋە سۇسىزلىقنىڭ دەردىدە كەلگەن جايىغا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. بۇ قوشۇندىن 60 ئادەم پىژغىرىم ئىسسىقتا ئۆلدى. زەمبىرەك قاتارلىق ئېغىر قوراللارمۇ تاشلىۋېتىلدى. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئورېنبۇرگ ۋە ماڭغىشلاقتىن يولغا چىققان ئىككى تارماق قوشۇن نىشانغا ناھايىتى ئوڭۇشلۇق يېتىپ باردى. ئۇلارنىڭ توپ ئوقلىرى قارشى تەرەپنى ناھايىتى تېزلا ۋەسۋەسىگە سېلىپ قويدى. كائۇفمان بىللە ماڭغان تارماق قوشۇن يېتىپ كەلگەندە (5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى) بۇ ئىككى تارماق قوشۇن ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىپ بولغانىدى. ئۇلار ئازغىنە بەدەل بىلەنلا خىۋانى ئىشغال قىلدى. خىۋا خانى قورققىنىدىن بەدەر تىكىۋەتتى. ئەمما، كائۇفمان ئۇنى ناھايىتى تېزلا تاپتۇرۇپ كېلىپ، رۇسلارنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا خىۋاغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا قويدى. خىۋا ئاھالىسىمۇ ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېلىندى. روسىيە قوشۇنى قاتتىق ئىنتىزام ساقلىدى. كائۇفماننىڭ بۇيرۇقى بىلەن خىۋا خانى ئۆز تەۋەلىكىدە قۇللۇق تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئىمزالانغان بىر قېتىملىق شەرتنامىگە ئاساسەن، خىۋا تەرەپ ئامۇ دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى جايلارنى كېسىپ بېرىش، تۆلەم بېرىش، چەتئەللەر بىلەن ئۆز ئالدىغا دىپلوماتىك ئالاقىدە بولۇشنى تۇختىتىش، روسىيىلىكلەرگە ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقى ۋە باجسىز سودا قىلىش ئىمتىيازى بېرىش قاتارلىق شەرتلەرنى قوبۇل قىلدى. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى دەرھاللا بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈردى، ئەمما روسىيە ئافغانىستاننىڭ ئەنگلىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىنلا، ئىنگلىزلار رۇسلارنىڭ ئىشغالىيىتىنى ئېتىراپ قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۈچ ئاساسلىق دۆلەت روسىيىنىڭ بېقىندىسى بولۇپ قالدى، بۇلاردىن قوقاندا روسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئانچە مۇستەھكەم ئەمەس ئىدى. قوقان ھۆكۈمرانى خۇدايارخاننىڭ زالىملىقى، ئالۋان - ياساقنى ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرۇۋەتكەنلىكى ۋە رۇسلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى رۇسىيىنى ئەنسىزلىككە سېلىپ قويدى. 1875 - يىلى 7 - ئايدا خۇدايارخانغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى. خۇدايارخان ئىلاجىسىز روسىيە ئارمىيىسىنىڭ قولتۇقىغا كىرىۋېلىپ پاناھلىق تىلىدى. قوزغىلاڭچىلار خۇدايارخاننىڭ ئوغلى نەسىردىننى يېڭى خانلىققا سايلىدى. 8 - ئايغا كەلگەندە قوزغىلاڭ روسىيە ئىشغالىيىتىدىكى قوقان تەۋەلىكىگە يامرىدى. غازات شۇئارىنى توۋلىغان قوزغىلاڭچىلار خوجەندكە كىرىپ، بۇ جايدىكى روسىيە قورغىنىنى قورشىۋالدى. كائوفمان تېزدىن خۇجەندكە ياردەمگە كەلدى، ئارقىدىنلا ئۇ قوقان تەۋەسىگە بېسىپ كىردى. 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى كائوفمان 30 مىڭدىن 50 مىڭغىچە ئادەمدىن تەشكىللەنگەن قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئاساسىي قوشونىغا ھۇجۇم قوزغاپ مەخرەم قورغىنىنى ئىگىلىدى ھەمدە بۇ قوزغىلاڭچىلارنى تارمار قىلدى. يەرلىكلەر قورغاندا 90 نەچچە جەسەتنى قالدۇرۇپ قېچىپ كەتتى. سكوبېلېف باشچىلىقىدىكى كازاك قوشۇنى سىر دەرياسىنى بويلاپ بۇ قاچقۇنلارنى نەچچە كىلومېتىريەرگىچە قوغلاپ باردى ۋە مىڭدىن كۆپ ئادەمنى قىرىۋەتتى. رۇسلاردىن پەقەت ئالتە ئادەم ئۆلدى. كېيىنچە كائۇفمان قوقان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنى ناھايىتى ئوڭايلا قايتىدىن ئىگىلىدى. 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى كائۇفمان مەرغىلاندا نەسىردىن خان بىلەن سۈلھى شەرتنامىسى ئىمزالىدى. نەسىردىن روسىيىگە ئۈچ مىليون رۇبلى تۆلەم بېرىش، قوقاننىڭ سىر دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى پۈتۈن زېمىنىنى كېسىپ بېرىش، دىپلوماتىك ئالاقە ئىشلىرىنى توختىتىش، گوبېرناتورنىڭ ئىجازىتىسىز ھەربىي ھەرىكەت قوللانماسلىق قاتارلىق شەرتلەرنى قوبۇل قىلدى. ئەمما قوقان خانلىقىنىڭ پۈتكۈل شەرقىي قىسمى تېخى بويسۇندۇرۇلمىغان ئىدى. ئەنە شۇنداق كۈنلەردە ئەنجاندا قوزغىلاڭ پارتلىدى. گېنېرال مايور تروتسكى قوشۇن باشلاپ ئەنجانغا ھۇجۇم قىلغاندا قاتتىق زەربىگە ئۇچراپ، 50 چە ئادىمى ئۆلدى. بۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان گېنېرال مايور بولۇپ بولغان سكوبېلېف قوماندانلىققا تەيىنلىنىپ، بىر قاتار كەسكىن جەڭلەردىن كېيىن 1876 - يىلى 1 - ئايغا كەلگەندە، قوزغىلاڭ رەھبەرلىرىنى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلدى. روسىيە ھۆكۈمىتى يەرلىك ھۆكۈمرانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالىمىدى. 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى قوقاننى ئوبلاست قىلىپ تەشكىللىدى ۋە بۇنى قەدىمىي پەرغانىنىڭ نامى بىلەن ئاتىدى. رۇسلار ئامۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبى ۋە تاشقى كاسپى رايونىدا ئەنە شۇ يوسۇندا پۇت دەسسەپ تۇرغىدەك جايغا ئىگە بولدى. 1869 - يىلنىڭ ئاخىرى پولكوۋنىك ستولېتوف كاۋكازدىن كەلگەن قوشۇننى باشلاپ كراسنوۋودسكىدا بىر قورغان سالدى. كراسنوۋودسكىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى جايلار كاۋكاز گېنېرال گوبېرناتورىغا قاراشلىق داغىستاننىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە روسىيىگە قوشۇۋېلىندى. 1873 - يىلى كراسنوۋودسكى خىۋاغا قارىتىلغان ئۇرۇشنىڭ بازىلىرىدىن بولۇپ قالغاندا، تېخىمۇ كۆپ يەرلەر روسىيىگە قوشۇۋېلىندى. بۇ قاقاس جايلار روسىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا دېڭىز بويلىرىدىكى جايلارچىلىك ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئەمەس ئىدى. چۈنكى، دېڭىز بويى نۇقتىلىرىنى ئىگىلىگەندە، روسىيىنىڭ ئىران ۋە بۈيۈك بىرىتانىيە بىلەن بولغان باردى - كەلدىسىگە بەكلا پايدىلىق بولاتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي يۈز بەرگەن تۈركمەنلەرنىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇملىرى روسىيىگە تەدبىر قوللىنىپ ئىچكى قۇرۇقلۇق قاراۋۇلخانىلىرى تەسىس قىلىشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى تونۇتتى. 1879 - يىلى كاۋكاز 1 - قوشۇنىنىڭ قوماندانى گېنېرال لازارېف قۇدرەتلىك بىر تارماق قوشۇننى باشلاپ تۈركمەنلەرنىڭ باش - باشتاق قەبىلىسىدىن ئاخال تېكە قەبىلىسىگە ھۇجۇمغا ئۆتتى. لازارېف يۈرۈش جەريانىدا ئۆلگەندىن كېيىن، مۇئاۋىنى لوماكىن بۇ جايغا قىستاپ كەلدى. 1879 - يىلى 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى لوماكىن بوستانلىق ئاھالىسىنىڭ ھەممىسىنىڭلا دېگۈدەك كۆك تۆپە تېغىدىكى قورغان تېمىنىڭ نېرىسىغا مۆكۈۋالغانلىقىنى بايقىدى. ئەسلىدە زەمبىرەك ۋە ئوت قوراللار بىلەن بۇ قورغاننى ئالغىلى بولاتتى. ئەمما غەلىبە ۋە پايدىغا ئالدىراپ كەتكەن لوماكىن بالدۇرلا توپقا تۇتۇشنى توختىتىشقا بۇيرۇق قىلدى ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەرنى قورغاننى ئىشغال قىلىشقا ماڭدۇردى. شۇنىڭ بىلەن تۈركمەنلەرگە بىر قېتىملىق پۇرسەت تۇغۇلدى. رۇسلار شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۆتكەندە قاتتىق قارشىلىققا دۇچ كېلىپ تارمار كەلتۈرۈلدى. مۇشۇ قېتىمقى جەڭدە روسىيە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتكە دۇچ كەلدى. بۇ جەڭگە قاتناشقان روسىيە قوشۇنى 3024 كىشى بولۇپ، بۇلاردىن 200 گە يېقىن ئادەم ئۆلدى، 250 تىن كۆپ ئادەم يارىلاندى. روسىيە ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى مەغلۇبىيەتنىڭ رۇسلارنىڭ ئابرويىنى چۈشۈرىۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ، تېخى يېڭىلا روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىدىن شەرەپ قۇچۇپ كەلگەن گېنېرال سكوبېلېفنى تېزدىن ھەربىي يۈرۈش قوماندانلىقىغا تەيىنلىدى. 1880 - يىلى 11 - ئاينىڭ باشلىرى سكوبېلېف كراسنوۋودسكى ۋە دېڭىز بويىدىكى باشقا پونكىتلاردىن 11 مىڭ كىشىلىك قوشۇن تەشكىللىدى. بۇ قوشۇن كراسنوۋودىسكىدىن باشلاپ تۆمۈريول ياساۋاتقان بولسىمۇ يول پۈتمىگەچكە قوشۇن 20 مىڭ تۆگە بىلەن يۆتكەلدى، 1880 - يىلى 11 - ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، سكوبېلېف قوشۇنى ئاخالتېكە بوستانلىقىغا يېتىپ كەلدى ھەمدە بۇ يەردىكى قورغاننى قورشاۋغا ئالدى. بۇ قوشۇننىڭ كەينىدە 7100 كىشىلىك ئارقا تەمىنات سېپى بار ئىدى. مۇداپىئەچىلەر ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى. بىراق سىكوبېلېف توپقا تۇتۇشنى توختاتمىدى ھەمدە ئەسكەرلەرگە بۇيرۇپ، قورغان تېمى ئاستىغا مىنا كۆمدۈردى. 1881 - يىلى 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى رۇسلار مىنانى پارتلىتىپ قورغاننى ئىگىلىدى. پات پاراقچىلىققا چۈشكەن مۇداپىئەچىلەر يەنە بىر تەرەپتىكى دەرۋازىدىن سەلدەك ئېقىپ چىققىنىچە ھەر تامان قاچتى. غەلىبە قىلغان رۇسلار توختىماستىن قوغلاپ ئەر - ئايال، قېرى - ياش دەپ ئايرىپ ئولتۇرماي، قاچقانلىكى كىشىنى چېپىۋەردى. ئاخىرى نەچچە مىڭ كىشى ئۆلتۈرۈلدى. قورغاننىڭ ئۆزىدىلا 6500 جەسەت بايقالدى. رۇسلار قېچىپ كېتەلمىگەن پۈتۈن يىگىتلەر ۋە ئەرلەرنى قىرىپ تاشلىدى. ئاياللار ۋە بالىلاردىن 5000 دەك كىشى ئامان قالدۇرۇلۇپ، ئىرانلىق 600 قۇلنى ئازاد قىلىۋەتتى. كۆك تۆپە جاللاتلىرى تۈركمەنلەرنىڭ قارشىلىقىنى بىت - چىت قىلىپ تاشلىدى . تېكە قەبىلىسى رۇسلارنىڭ كۈچ - قۇدرىتىگە قايىل بولۇپ، توققۇز تەزىم بىلەن چار پادىشاھنىڭ سادىق پۇقرالىرىدىن بولۇپ قالدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن كۇروپاتكىن ئاشخاباد، كاخا ۋە باشقا تايانچ نۇقتىلارنى ئىگىلىدى. 1881 - يىلى 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تاشقى كاسپى رايونى كاۋكاز گېنېرال گوبېرناتورىنىڭ قول ئاستىدىكى بىر ئوبلاست دەپ جاكارلاندى. سكوبېلېف بۇ يېڭى ئوبلاستنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تەيىنلەندى. ئەمما رۇسلار سكوبېلېفنى ناھايىتى تېزلا يۆتكەپ كەتتى ۋە ئورنىغا كوماروفنى دەسسەتتى. روشەنكى، ئۇلار ئەنگلىيىنىڭ چىشىنى قېرىشتۇرۇپ قويۇشىنى خالىمىغانىدى. 1884 - يىلى 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كوماروف مۇھىم بولغان تېجەن بوستانلىقىنىڭ مەركىزى شەھىرى مەرۋىنى ئىگىلىدى، ئارقىدىنلا سارافاس قورغىنىنى ھۇجۇم بىلەن ئالدى. 1885 - يىلنىڭ بېشىدا كوماروفنىڭ ئەسكەرلىرى ھىراتقا بارىدىغان يول ئۈستىدىكى زۇلپىقار ئۆتكىلىنى ئىشغال قىلدى. 3 - ئايدا ئۇلار ئافغانلار بىلەن تۇتىشىپ كاشكانى تارتىۋالدى. رۇسلارنىڭ ھىندىستانغا قاراتقان روشەن تەھدىتى بۈيۈك برىتانىيە بىلەن روسىيىنى خەتەرلىك ئۇرۇش گىردابىغا ئېلىپ كەلدى. ئەمما، كېيىنچە ئىككى ئىمپېرىيىنىڭ دىپلوماتلىرىدىن بىر بىرلەشمە ھەيئەت تەشكىل قىلىنىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلدى. 1887 - يىلدىكى روسىيە - ئافغانىستان چېگرا شەرتنامىسىنىڭ ئىمزالىنىشى روسىيىنىڭ ئىشغالىيىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىق ئىدى. 1891 - يىلى رۇسلار پامىر ئېگىزلىكىنى ئىگىلەشكە ئۇرۇنۇپ روسىيە بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى كىرزىسكە سەۋەبچى بولدى. بۇ قېتىمقى كىرزىس 1895 - يىلى 3 - ئايدىكى ئەنگلىيە - روسىيە شەرتنامىسى ئارقىلىق تىنچلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىندى. شەرتنامىگە ئاساسەن بىر ھەيئەت پامىر ئېگىزلىكىنى ئۆلچەش ۋە چېگرا لىنىيىسىنى ئايرىشقا ئەۋەتىلدى. روسىيىنىڭ پامىر رايونىنى ئايرىش ھەققىدىكى تەشەببۇسى كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. پامىر ئېگىزلىكىنىڭ قالغان قىسمى بولسا بۇخارا ئەمىرلىكىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. پامىر مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى پۈتكۈل چېگرا رايونىنىڭ ئاساسىي شەكلىنى ئېنىق قىلىپ سېزىپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر مەيدان كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتىگە خاتىمە بېرىلدى. بۇ قېتىمقى كېڭەيمىچىلىك ئارقىلىق رۇسلار يېرىم ئەسىرگىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە غەربىي ياۋروپاغا باراۋەر كېلىدىغان زېمىنغا ئىگە بولدى. ئۇلارنىڭ چىقىم قىلغان ئادىمى نىسبەتەن قىلىپ ئېيتقاندا تولىمۇ ئاز بولدى، كۆپ قېتىملىق جەڭلەر ئەمەلىيەتتە پەقەت رۇسلار ئۈچۈن مانىۋېر بولدى. ئەمما رۇسلارنىڭ ئىقتىساد ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتتىن ئىگە بولغان يوشۇرۇن پايدىسى بولسا غايەت زور دەرىجىدە كۆپ ئىدى. رۇسلارنىڭ بويسۇندۇرۇش جەڭلىرىنىڭ دولقۇنلىرى ياۋروپانىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش، ئىقتىساد، تېخنىكا ۋە مەدەنىيىتىنى ئاسىيانىڭ يۈرىكىگە ئېلىپ كەلدى. سالامەتلىك ۋە مۇداپىئە قىلىش نۇقتىسىدىن رۇسلارنىڭ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى يەرلىك شەھەرلەرنىڭ ئارىسىغا ئەمەس، ئۇلارغا يېقىن جايلارغا سېلىندى. يەنە كېلىپ بۇ ئولتۇراق نۇقتىلارنىڭ شەكلى ناھايىتى كۆڭۈل قويۇپ لايىھىلەنگەنىدى. كائوفماننىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن تاشكەنتتىكى رۇس ئولتۇراق رايونى تەۋەسىدە ئىككى يېنىغا دەرەخ تىكىلگەن تۈز يوللار ۋە ھەشەمەتلىك ئاممىۋى ئىمارەتلەر لايىھىلەندى. كائۇفمان يەنە رەسەتخانا، مۇزېي، كۇتۇبخانا، گېزىت قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىپ چىقتى. ئۇ يەنە مەزكۇر رايوندىكى تەبىئىي بايلىقلار ھەققىدە تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىشقا مەدەت بەردى. باشقا شەھەرلەرمۇ مۇشۇ شەكىلنى ئۈلگە قىلدى. رۇسلار تارتىۋالغان جايلىرىنى مۇستەھكەم تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئاھالە كۆچۈرۈش زۆرۈر ئىدى. كۆچمەنلەر مەسىلىسى باشتىن تارتىپلا رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. تۈركىستان رايونىدا بوش يەرلەر بولمىغاچقا كائۇفمان ۋە ئۆنىڭدىن كېيىن ۋەزىپە ئۆتىگەنلەر تۈركىستانغا كەلگەن رۇسلارنى شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشتۇردى. يايلاق رايونىدىكى تېرىقچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىشلىرى كۆچمەنلەرنى ناھايىتى زور ئىمكانىيەتلەر بىلەن تەمىن ئېتەتتى. بۇ يەردە كۆچمەنلەر ئەڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. روسىيە ھۆكۈمىتى ئەڭ دەسلەپ كازاكلارغا تاياندى. 1867 - يىلغا كەلگەندە ئۇلار يەتتىسۇ ئوبلاستىنىڭ ئېدىرلىق رايونىغا 12 مىڭغا يېقىن كىشىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئەمما پاكىتلار بۇ خىل ۋاسىتىنىڭ بەكمۇ ئاستا بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئەڭ دەسلەپ 1861 - يىلدىكى دېھقانلار ئازادلىقىدىن كېيىنكى ئاھالىلەرنىڭ «زىيانلىق يۆتكىلىشى» نىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، روسىيە ھۆكۈمىتى دېھقانلارنىڭ بۇ رايونلارغا كۆچۈپ كېلىشىنى مەنئى قىلغانىدى. كېيىنچە دېھقانلارنىڭ يۆتكىلىشىگە سۈكۈت قىلىندى. ئەڭ ئاخىرى جەنۇبىي روسىيىدىكى يەر جىددىيچىلىكى ۋە بۇنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بېسىم كۈنسېرى ئېغىرلاشقان پەيتتە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى كۆچمەنلەرنى ئاشكارە رىغبەتلەندۈرۈشكە ئۆزگەردى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرى روسىيە ھۆكۈمىتى سىبىرىيە تۆمۈريولىنى سېلىپ، دېھقانلارنىڭ يېڭى رايونلارغا بېرىشىغا پىلانلىق ھالدا ياردەملەشتى. 1896 - يىلى يەنە كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەسىس قىلىندى. بۇ ئىدارە مۇۋاپىق يەرلەرنى تېپىپ ۋە تەييارلاپ، دېھقانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا ياردەملەشتى. بۇ خىل رىغبەتلەندۈرۈشلەر ئارقىسىدا كۆچمەن بولۇش كويىدىكى مىڭلىغان تۈمەنلىگەن كىشىلەر ھەر يىلى ئۇرال تاغلىرىدىن ھالقىپ، توپ - توپ بولۇپ ئاقتى. 1908 - يىلىغا كەلگەندە، كۆچۈش ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتى. كۆچمەنلەرنىڭ سانى 665 مىڭغا يەتتى. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قازاق يايلىقىغا ماكانلاشتى. پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يەرلىك ئاھالە ئۈچۈن ئېيتقاندا، رۇسلارنىڭ ئىشغالىيەت جەريانىدا قوللانغان كۆچمەنلەر سىياسىتى ئۇلار قىلغان ھەرقانداق ئىشتىنمۇ بەكرەك زىيانلىق بولۇپ چىقتى. يەرگە تەشنا دېھقانلارغا ئەڭ مۇنبەت يەرلەردە ئولتۇراقلىشىشقا ئىجازەت بېرىلگەچكە، قازاق ۋە قىرغىز كۆچمەنلىرىنى يەردىن مەھرۇم قالدۇرۇپ ئۇلارنى تولىمۇ مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. 1 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، رۇسلار كۆچمەنلەر ھەرىكىتىنى توختاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئېقىپ كىرگەن كۆچمەنلەر كۆپلىگەن رايونلارنىڭ ئېتنىك قۇرۇلمىسى ۋە تۇرمۇش شەكلىنى ئاللىقاچان ئۆزگەرتىپ بولغانىدى. يايلاقتىكى ئوبلاستلار ۋە يەتتىسۇ رايونىدا ئېتنىك تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇشقا يۈزلەندى. يېڭى كەلگەن كۆچمەنلەر بولسا ئېتنىك جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشكە باشلىدى. 1911 - يىلى ئۇرالىسكى، تورغاي، ئاقمولنسكى ۋە سىمپالاتىنسكى قاتارلىق تۆت يايلاق ئوبلاستىدىكى پۈتكۈل ئاھالە (تەخمىنەن 3مىليون 834مىڭ كىشى)نىڭ %40ى(1مىليون 544مىڭ كىشى) ياۋروپا روسىيىسىدىن كۆچۈپ كەلگەن كۆچمەنلەر ئىدى. يەتتىسۇ رايونىدا كۆچمەنلەر %20 ئىدى. يەنى بۇ 204مىڭ كىشى رۇس دېگەنلىك ئىدى. بىراق، تۈركىستان گوبېرناتورلۇقىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى سۇغىرىلىدىغان جايلاردا ئەھۋال باشقىچىرەك ئىدى. بۇ جايدا 1911 - يىلدىكى پۈتكۈل ئاھالە 5مىليون 90مىڭ بولۇپ، رۇسلار ئاران % 4نى تەشكىل قىلاتتى، يەنى 202مىڭ كىشى ئىدى. ھەتتا بۇ كىشىلەرنىڭ 177مىڭ 374ى شەھەر ئاھالىسى ئىدى. شۇنداق بولغاندا پۈتكۈل تۈركىستان رايونىدا 25 مىڭ كىشىلا رۇس دېھقانلىرى ھېسابلىناتتى. بۇ خىل نوپۇس تەڭپۇڭسىزلىقى ھادىسىسىگە قارىتا روسىيە دائىرلىرى بۇ جايدىكى رۇسلارنى «يەرلىكنىڭ پايانسىز دېڭىزى» دا يوقىلىپ كېتىۋاتىدۇ، دەپ ئويلىماقتا ئىدى. نىسبىي قىلىپ ئېيتقاندا، تۈركىستاندىكى رۇس كۆچمەنلىرى كۆپ بولمىسىمۇ، رۇسلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى يەنىلا يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىنى ئۆزگەرتتى. تۈركىستان رايونىدا قەدىمدىن تارتىپ پاختا تېرىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، پاختىلارنىڭ سۈپىتى بەكلا تۆۋەن ئىدى. ئىشلەپچىقىرىش ۋە توشۇش ئىشلىرىمۇ ئىپتىدائى ھالەتتە تۇرۇۋاتاتتى. 1883 - يىلى كائۇفمان تەجرىبە قىلىپ كۆرگەندىن كېيىن، روسىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى سۈرئىتىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزدى. شۇنىڭدىن كېيىن پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا تېزدىن يۈكسىلىش بولدى. 1914 - يىلىغا كەلگەندە، روسىيە ئۆز سانائىتىگە كېرەكلىك پاختىنىڭ يېرىمىنى ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولدى. 1888 - يىلى ئوتتۇرا ئاسىيانى تاشقى دۇنيا بىلەن باغلايدىغان تۇنجى تۆمۈريول لېنىيىسى - تاشقى كاسپى تۆمۈريولى سەمەرقەنتكە تۇتاشتۇرۇلۇپ، زور مىقداردىكى يۆتكەش ئىشلىرىغا مۈمكىنچىلىك تۇغۇلدى. ئەرزان باھادىكى يۆتكەش ھەققى ۋە بۇنىڭ بىلەن بىرىكىپ كەتكەن قوغداش تاموژنا بېجى تۈركىستاننىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنى چەتئەلنىڭكى بىلەن رىقابەتكە چۈشۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. 1899 - 1905 - يىللىرى روسىيە ھۆكۈمىتى يەنە ئورېنبۇرگ - تاشكەنت تۆمۈريولىنى ياسىدى. بۇنىڭ بىلەن تۈركىستان رايونى ئۇكرائىن ۋە غەربىي سىبىرىيىدىن ئەرزان باھالىق بۇغداي ئىمپورت قىلىپ، يەرلىكلەرنى تېخىمۇ كۆپ يەرلەرگە پاختا تېرىشقا رىغبەتلەندۈردى. تۈركىستان - سىبىرىيە تۆمۈريولىدا 1914 - يىلدىن ئاۋاللا ئىش باشلانغان بولسىمۇ، 1930 - يىلىغا كەلگەندە ئاندىن تاماملاندى. بۇ تۆمۈريول لىنىيىسى تۈركىستان رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈردى. ئەمما بۇ خىلدىكى نوقۇل زىرائەت ئىقتىسادىنىڭ ئىللەتلىرى يەرلىك دېھقانلارنى قەرزدارلىق ۋە ئىجارىنىڭ مۇشكۈل مۇھىتىغا پاتۇرۇپ قويدى. باشقا يېزا ئىگىلىك ئىسلاھاتلىرى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، كۆلەم جەھەتتە تېخىمۇ زور چەكلىمىگە ئۇچرىدى. رۇسلار بىر مەھەل قۇرۇق مېۋە ۋە ھۆل مېۋىلەرنى تۆمۈريول ئارقىلىق ياۋروپا روسىيىسىگە توپ يۆتكەپ ئايرىشنى سىناق قىلىپ باقتى. زامانىۋى تەجرىبە ۋاسىتىلىرى ۋە تەجرىبە ئۇسۇللىرى قوللىنىلغانلىقى، يەنە كېلىپ تەجرىبە پونكىتلىرى قۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن قەدىمىي يىپەكچىلىك جىق ياخشىلىنىپ كەتتى. ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ۋە ھاراق ئىشلەش سەمەرقەنتتە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. تاشكەنتكە يېقىن جايلاردا شېكەر قومۇشى ئۆستۈرۈلدى. يايلاق رايونىغا چۆپ ئورۇش ماشىنىسى ۋە باشقا زامانىۋى دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى كىرگۈزۈلدى ھەمدە توڭلىتىش ماشىنىسى ئارقىلىق گۆش ۋە يېمەكلىك توشۇش تەجرىبىسى ئىشلەندى. رۇسلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى سەۋەبىدىن چوڭ كۆلەملىك ئاساسلىق سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر نەچچە ئەسىردىن ئۇزاق ئىشلەندى. كائۇفمان ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان چېرىنيايېفلارنىڭ تاشكەنتنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى «ئاچارچىلىق يايلىقى» دەپ ئاتالغان رايوننى سۇغىرىش ئۇرۇنۇشلىرى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، تاشكەنتتە سۈرگۈنلۈك ھاياتى كەچۈرىۋاتقان كىنەز نىكولاي كونىستانتىنوۋسكى كىچىكرەك كۆلەمدىكى بىر تۈرلۈك قۇرۇلۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. بۇ قۇرۇلۇش 1900 - يىلى يامان غەرەزلىك رومانوف قانىلى قۇرۇلۇشىغا قوشۇۋېتىلدى. رومانوف قانىلى قۇرۇلۇشىنىڭ مەقسىتى 50 مىڭ گېكتار يەرنى سۇغىرىش ئىدى. تاشقى كاسپى ئوبلاستىدا مۇرغاپ دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىدىكى بىر قاتار سۇ توسمىلىرى مەرۋىگە يېقىن جايدىكى 27 مىڭ 250 گېكتار يەرنى سۇغىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇنىڭدىنمۇ چوڭ بولغان باشقا قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسىلا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. بۇلاردىن ئەڭ تىپىك بولغىنى، كىشىلەر ئىزچىل تەلپۈنۈپ كەلگەن ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدىكى تۈركمەنىستان ئاساسىي قانىلى قۇرۇلۇشى ئىدى. بۇ قۇرۇلۇش پىلانىدا ئامۇ دەرياسىنى قەدىمكى دەريا قىنىغا قايتۇرۇپ، قايتىدىن كاسپى دېڭىزىغا قۇيۇلىدىغان قىلىش مۆلچەرلەنگەنىدى. ئامۇ دەرياسىنىڭ سۈيىدىن پايدىلىنىپ قارا قۇرۇم چۆلىنىڭ شەرقىدىكى كەڭ رايونلارنى سۇغىرىش ئۈچۈن بىر نەچچە تۈرلۈك قۇرۇلۇش بىر قانال ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. بۇ قانال بولسا ھازىرقى قارا قۇرۇم قانىلىنىڭ ئالدىنقى گەۋدىسى ئىدى. بىراق ئەڭ دەبدەبىلىك پىلان كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ كاتتىبېشى، باش ۋەزىر ستروپىننىڭ قابىل ياردەمچىسى كرىۋوشىن 1912 - يىلى ئوتتۇرىغا قويغان پۈتكۈل تۈركىستاننى راۋاجلاندۇرۇش پىلانى ئىدى. كرىۋوشىن ئىقتىساد بىلەن سىياسىي مۇددىئانى بىرلەشتۈرۈپ، كۈچىنىڭ بارىچە زور كۆلەملىك سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پولشانىڭ يەر مەيدانى بىلەن باراۋەر كېلىدىغان پاختىچىلىق - دېھقانچىلىق رايونى قۇرۇپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇنداق بولغاندا، روسىيە پاختىدا ئۆز - ئۆزىنى تەمىنلەپلا قالماي يەنە بۇ رايونغا 1 مىليون 500 مىڭ دېھقاننى كۆچۈرۈپ رۇسلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشىگە چوڭ ياردەم بېرەلەيتتى. ئىمپېراتور پېتىر زامانىسىدىن تارتىپلا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كان بايلىقى رۇسىيىنى قىزىقتۇرۇپ كەلگەنىدى. ئىمپېراتور پېتىر بىر ۋاقىتلاردا يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى زور قوشۇن ئەۋەتىپ، ئېرتىش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى ۋە خىۋادىكى ئەپسانىۋى ئالتۇن كانلىرىنى ئىزدەپ كۆرگەنىدى. ئالتاي رايونى ئۈست كامېننوگورسكى قاتارلىق جايلاردىكى قوغۇشۇن كېنى ۋە كۈمۈش كېنىنىڭ قېزىلىشى 1784 - يىلدىن باشلىنىدۇ. ئاقمولىنسكى ئوبلاستى تەۋەسىدىكى قوغۇشۇن كېنى ۋە كۈمۈش كېنىنى قېزىش قۇرۇلۇشىمۇ ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى باشلاندى. قاراغاندا كۆمۈر كېنىنىڭ قېزىلىشى ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرى باشلاندى. سپاسكى ۋە تېخىمۇ جەنۇبتىكى ئۇسپېنسكى مىس كانلىرىنىڭ ئېچىلىشىمۇ خېلىلا كېيىنكى ئىشلار ئىدى. زاپاس مىقدارى دۇنيا بويىچە ئەڭ مول بولغان جېز قازغان مىس كېنى 1771 - يىلدىن تارتىپ كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى ھەمدە ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدىن تارتىپ قېزىلىشقا باشلىدى. تۈركىستان رايونى رۇسلارنىڭ قەدىمىي يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرىلا كۆمۈر، قوغۇشۇن، ئالتۇن، گۈڭگۈرت ۋە تۇز كانلىرى بىلەن مەشھۇر ئىدى. بىراق، كاپىتالنىڭ كەملىكى، تەجرىبىلىك ۋە تەربىيىلەنگەن خاس ئەمگەك كۈچىنىڭ يوقلۇقى، قاتناش قۇراللىرىنىڭ ئازلىقى ياكى يوقلۇقى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇ كانلارنىڭ قىسمىتى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ كەلگەنىدى. چوڭ كۆلەملىك قېزىش خىزمىتى ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس ئىدى، ھەتتا كۆپىنچە كانلارغا تېخى قول تەگمىگەنىدى. شۇ مەزگىللەردىكى باشقا مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتلەرگە ئوخشاش، رۇسلارمۇ ئىنسانپەرۋەرلىكنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىگىلەش قىلمىشىنى ئاقلىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كېڭەيمىچىلىكىنى بىر تۈرلۈك مەدەنىي بۇرچ دەپ قارىدى. ئەمما دەل مۇشۇنىڭ ئارقىسىدا ئۇلار كەمدىنكەم ئېتىراپ قىلىدىغان ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئەۋزەللىك مەۋجۇت ئىدى. بىراق ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، رۇسلار باشقا مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتلەرگە ئوخشاشلا بىر ئاماللارنى قىلىپ، يەرلىك مىللەتلەرنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئېلىشنىڭ كويىدا ئىدى. رۇسلار بۇ مەزگىلگە كۆپ قېتىم دۇچ كەلگەن بولۇپ، سان جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈك، نىسبىي مەدەنىيەت ئۈستۈنلۈكى، قانۇنىي ھوقۇقنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك كەمچىل بولۇشى، ھەتتا پىسخىك كەمسىتىش تۇيغۇسى قاتارلىقلار رۇسلارنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدىكى كۆپلىگەن مىللەتلەرنى ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىن رۇسلاشتۇرۇۋېتىشىگە زور ياردەملەرنىبەردى. لېكىن ⅩⅨ ئەسىردىكى مىللەتچىلىك ۋە مۇستەملىكە تالىشىش كۈرەشلىرى ئىلگىرىكى زامانلارغا خاس ئاددىي ئاسمىلاتسىيە شەكلىگە خاتىمە بەردى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ، رۇسلار بىر مەيدان ھەرىكەت قوزغاپ، بېقىندى يات مىللەتلەرنى روسىيە ھاكىمىيىتى بىلەن تېخىمۇ زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە قىلدى. يات مىللەت بېقىندىلىرىغا روسىيە بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولۇش ئىددىيىسىنى سىڭدۈردى. ئۇلارغا رۇس تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى تارقاتتى ھەتتا مۈمكىن بولغاندا ئۇلارنى پراۋىسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلدۇردى. قازاقلاردىكى ئىپتىدائىي تۇرمۇش شەكلى ۋە جۇغراپىيىلىك ماكان شۇنداقلا ئۇلاردىكى مۇكەممەل بولمىغان ئىسلام ئادەتلىرى روسىيە مەدەنىيىتىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە بەكلا ئوڭ كەلدى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدىن باشلاپ شەرقشۇناس، مىللەتچى ئىلمىنىسكى قازاق ئاۋۇللىرىدا مەكتەپ ئېچىش پىلانىنى لايىھىلەپ چىقتى. ئىلمىنىسكىنىڭ پىلانى ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىبراي ئالتىنسارىننىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى. ئۇلار قازاق تىلى، رۇس تىلى دەرسى ئۆتتى. ئوقۇغۇچىلار ئاۋۇل مەكتەپلىرىدىن يېزا مەكتىپىگە ياكى «رۇس - قىرغىز» مەكتىپىگە كىرەلەيتتى. ھەر بىر ئوقۇش مۇددىتى ئىككى يىل بولاتتى. بۇنىڭدىن كېيىن بولسا، ئوقۇغۇچىلار روسىيە شەھەرلىرىدىكى مەكتەپلەرگە، ئورېنبۇرگدىكى قىرغىز پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتلىرىغا ياكى باشقا ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇيتتى. قازاق مەكتەپلىرىنىڭ تەرەققىياتى يەرلىك مەمۇرلارنىڭ قىزىقىشىغا ۋە مەكتەپلەر ئىگە بولالايدىغان مەبلەغكە تايىنىدىغان بولغاچقا، مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى بەكلا ئاستا ۋە ئېگىز - پەس ئىدى. تورغاي ئوبلاستىدا مائارىپنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئالتىنسارىن 1879 - يىلدىن تاكى 1889 - يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۆزى بىلەن ئوخشاش ئىدىيىدىكى رۇس ئەمەلدارلىرىنىڭ يېتەكچىلىكى ئارقىسىدا ئىزچىل تورغاي ئوبلاستلىق مەكتەپنىڭ مۇپەتتىشلىكىنى ئۈستىگە ئالدى. باشقا بىر قىسىم ئوبلاستلاردا بولسا ئاساسەن دېگۈدەك ھېچ ئىش قىلىنمىدى. ھەر يىلى ئەڭ كۆپ بولغاندا 2000 دىن قازاق بالىسى مۇشۇ مەكتەپلەردە تەربىيىلەنسىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھېچقاچان باشلانغۇچ سەۋىيىسىدىن ھالقىپ كېتەلمەيتتى. تۈركىستاندىكى يەرلىك ئولتۇراق ئاھالە رايونىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان مەسىلە تولىمۇ قىيىن ئىدى. بۇ مىللەتلەرنىڭ خېلى بۇرۇنلا ئۆزىگە خاس مائارىپ سىستېمىسى مەۋجۇت ئىدى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرى تۈركىستاندا 5000 باشلانغۇچ مەدرىسە ۋە 400 مەدرىسە بار بولۇپ، بۇلاردا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى تەخمىنەن 75 مىڭ كىشى ئىدى. كائۇفمان بۇ مەكتەپلەرنى رۇسىيىنىڭ مەنپەئەتىگە قارشى دەپ قارىسىمۇ، بۇ مەكتەپلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئۇرۇنمىدى. ئەكسىچە غەرەزلىك ھالدا تۈركىستاندىكى باشقا ئىسلام ئورگانلىرىغا قارىتىلغان كارى بولماسلىق سىياسىتى بويىچە مۇئامىلە قىلدى. ئۇ دۆلەتنىڭ قوللىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسۇلمان مەكتەپلىرىنىڭ ئاممىۋى ئورگانلارنى كونترول قىلىشتەك ھالىتىگە خاتىمە بېرىش، بۇ مەكتەپلەرنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ئەرزىمەس ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ جىددىي ئۆزگەرتىلىشىگە سەۋەپ بولىدۇ، دەپ قارايتتى. ئۆزى تەشنا بولۇپ كۈتۈۋاتقان يەرلىك مەكتەپلەرنىڭ قالاقلىقى ئارقىسىدا كېلىپ چىققان بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن كائۇفمان رۇس بالىلىرى ۋە يەرلىك بالىلار ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئىككى تىللىق مەكتەپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى رىغبەتلەندۈردى. بۇ خىلدىكى تۇنجى مەكتەپ 1884 - يىلى تەسىس قىلىندى، 1915 - يىلىغا كەلگەندە پۈتكۈل تۈركىستان رايونىدا بۇ خىلدىكى مەكتەپلەر 90 نەچچىگە يەتتى. جۈملىدىن سىر دەريا ئوبلاستىدا 65 مەكتەپ، 3410 ئوقۇغۇچى بار ئىدى. ئەمما سىر دەريا ئوبلاستىدىكى بۇ سان پەقەت يەرلىك بالىلارنىڭ % 2ىنى تەشكىل قىلاتتى. بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا مۇشۇ مەزگىلدىكى سىر دەريا ئوبلاستىدىكى 10 مىڭ رۇس بالىسىنىڭ تەخمىنەن %95 ى باشلانغۇچ مائارىپنى كۆرگەن بالىلار ئىدى. بۇ جايدىكى يەرلىك بالىلارنىڭ ئالىي مائارىپ تەربىيىسى كۆرىدىغىنى تېخىمۇ ئاز ئىدى. 1879 - 1904 - يىللار ئارىلىقىدىكى 25 يىل ۋاقىت ئىچىدە تاشكەنت دارىلفۇنۇنىدا ئوقۇغان 415 ئوقۇغۇچىدىن 65ى يەرلىك كىشىلەر ئىدى. يەنە كېلىپ بۇلاردىن 11 كىشى ئۆزبېك، تۈركمەن ۋە تاتار بولۇپ، قالغان 54 نەپىرى قازاق ۋە قىرغىز ئىدى. ماتېرىيال نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ نەتىجە ھېچقانچە ھېسابلانمىسىمۇ، مۇشۇ ئازغىنە ئادەم رۇسلار تەمىن ئەتكەن پايدىلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، غەرب مائارىپىنى قوبۇل قىلغان كىشىلەردىن بولۇپ قالدى، شۇنداقلا يەرلىك زىيالىيلار قاتلىمىنىڭ شەكىللىنىشىگە يول ئاچتى. تۈركىستان زىيالىيلار قاتلىمىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئۇلار ئۇزاق زامانلار ئىزدىگەن «يېقىنلىشىش» نىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدۇ. رۇسلارنىڭ مەقسىتىمۇ دەل مۇشۇ خىل «يېقىنلىشىشتا» ئىدى. بىراق زىيالىيلار قاتلىمىنىڭ شەكىللىنىشى ئۆز نۆۋىتىدە يەرلىك كىشىلەرنىڭ رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقىغا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قارشى تۇرۇشىدىن بىشارەت بەردى. چۈنكى رۇسلارنىڭ ئارىلاپ - ئارىلاپ جاكارلىغانلىرىنىڭ ئەكسىچە، يەرلىك كىشىلەر رۇسلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ باقمىغانىدى. خۇددى روسىيىنىڭ ئىستىلا تارىخى ۋە ئاشۇ قارشىلىقنىڭ ئاجىز ئۇچقۇنلىرىنىڭ ئۆچۈرۈلۈشى (مەسىلەن: 1898 - يىلى ئەنجاندا يۈز بەرگەن ئۈچ كۈنلۈك قوزغىلاڭ) ئىسپاتلىغاندەك ئاكتىپ قارشىلىقتىن ھېچنەرسە كۈتكىلى بولمايتتى. رۇسلار باشتىن تارتىپلا يەرلىك ئاھالىنىڭ ئەسكەرلىك مەجبۇرىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانىدى. ئۇلار يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەربىي كەيپىياتىنى قوزغىتىپ قويۇش، ئۇلارغا ياۋروپانىڭ ھەربىي تەشكىلى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىش، زامانىۋى قوراللارنى ئىشلىتىشنى ئۈگىتىپ قويۇش قاتارلىقلارنى خەتەرلىك دەپ قارايتتى. رۇسلارغا كونترول قىلىش قىيىن بولغان يەرلىك كىشىلەردىن تەشكىللەنگەن مۇنتىزىم ئارمىيە كېرەك ئەمەس ئىدى. يەرلىك ئاھالە ئۈچۈن ئېيتقاندا، بويسۇندۇرۇلۇش ۋە زامانىۋىلىشىش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلىك تاللاش ھەرقاچان مەۋجۇت ئىدى. زامانىۋىلىشىش ئۇلارنى ئىستىلاچىلارغا تاقابىل تۇرۇش قابىلىيىتىگە ئىگە قىلاتتى، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆزىنى ئۆزگەرتىشى، ئۆزلىرى قوللاۋاتقان ئاشۇ تۇرمۇش شەكلىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك ئىدى. رۇسلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ھازىر قىلىۋاتقانلىرى ھامان بىر كۈنى ئۇلارنىڭ بۇ رايوندىكى ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرەتتى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى باشقا يات دىندىكىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان مىللەتلىرى ئارىسىدا يېڭى ئېقىم كۈنسېرى ئۇلغىيىپ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. بۇ يېڭى ئېقىمنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار دۇنيانىڭ باشقا جايلىرى تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋاقىتتا ئۆزلىرىنىڭ ئارقىغا دەسسەۋاتقانلىقىنى بارغانسېرى تونۇپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرى جەدىدىزىمنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن بولۇپ قالدى. بۇ خىل يېڭى مائارىپ ئۇسۇلىنى قىرىم تاتارلىرىدىن چىققان مەشھۇر زات ئىسمائىل بەي گاسپىرالى ياراتقانىدى. ئۇنىڭ پروگراممىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا مۇتەپەككۈرلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇ مۇتەپەككۈرلار ئىسلاھاتچىلارنىڭ تەشەببۇسلىرىدىن ئۈمىدلىنىشكە باشلىدى. 1901 - يىلى تاشكەنتتە تۇنجى جەدىد مەكتەپ ئېچىلدى. گەرچە ھۆكۈمەتنىڭ نازارىتى ۋە مۇتەئەسسىپ مۇسۇلمانلارنىڭ قارشىلىقى بولسىمۇ، باشقا مەكتەپلەر ھەدەپ بۇنى تەقلىد قىلغىلى تۇردى. ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشى ۋە 1905 - يىلدىكى ئىنقىلاب ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەرلىك ئىسلاھات ھەرىكەتلىرىگە غايەت زور تۈرتكە بولدى. بىرىنچى، ئىككىنچى نۆۋەتلىك دۆلەت دۇماسىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەكىللىرىمۇ باشقا رايونلاردىن كەلگەن مۇسۇلمان ۋەكىللىرىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. پاكىتلار رېئال سىياسىي ۋەكىللىك تۈزۈمىنىڭ ئۆمرى كوتا بولغانلىقىنى كۆرسەتسىمۇ، ئىسلاھات ھەرىكىتى مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىي ھايات دائىرىسىدە ئۇلغىيىشقا باشلىدى. 1914 - يىلغا كەلگەندە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى جەدىد مەكتەپلەر يۈزدىن ئېشىپ كەتتى. يەرلىك گېزىتلەرمۇ نەشر قىلىندى. ئورېنبۇرگدا بىر نەچچە قازاق زىيالىسى قازاقچە گېزىت تەسىس قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، 1912 - يىلغا كەلگەندە بۇ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقاردى. قازاقچە گېزىت روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسلاشتۇرۇش سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، روسىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قازاقلار رايونىغا كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى قاتتىق قامچىلىدى. بۇ گېزىت يەنە پانئىسلامىزىمنى تەرغىپ قىلىدىغان كونسىرۋاتىپ گۇرۇھلارغا ھۇجۇم قىلىپ، قىرغىز ۋە قازاق خەلقىنىڭ ئەسكەرلىك مەجبۇرىيىتى ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلدى. تېخىمۇ كۆپ مەكتەپلەرنى ئېچىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆچمەن تۇرمۇشتىن ئولتۇراق تۇرمۇشقا ئۆتۈشنى تەشەببۇس قىلدى. دەسلەپ قازاقچە گېزىتنىڭ دىققىتى ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە مەركەزلەشكەنىدى. كېيىنچە تەدرىجىي سىياسىي مەسىلىلەرگە بۇرۇلدى (گەرچە ئۇلارنىڭ ئىز بېسىپ ماڭغىنى روسىيە لىبراللار پارتىيىسى قوللانغان ئۇسۇل بولسىمۇ) . يەرلىك مىللەتلەردىكى ئويغىنىشنىڭ يۈزلىنىشى قاياققا قاراپ راۋاجلىنىدۇ، رۇسلارنىڭ تۈركىستان رايونىنى ئىگىلىۋېلىشى مەزكۇر رايوندىكى قۇشۇمچە ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويامدۇ - يوق، رۇس ئىشغالىيىتى مەدەنىيەت جەھەتتىكى سىڭىشىش ۋە مۇستەملىكىلەشتۈرۈش جەريانىنى تېزلىتەمدۇ - يوق؟ دېگەن مەسىلىلەر تېخىچە تېپىشماق ھالەتتە تۇرۇۋاتاتتى. ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى، يېڭى ئىدىيىلەرنىڭ تارقىلىشى ۋە 1905 - يىلدىكى ئىنقىلاب مالىمانچىلىقى قاتارلىقلار ئۆزگىرىش دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشىدىن بىشارەت بەردى. 1 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشى بىلەن كونا تۈزۈمنىڭ پاچاقلاپ تاشلىنىشى قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا قالغاندا، رۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىياسىمۇ دۇنيادىكى باشقا رايونلارغا ئوخشاش ئىلگىرىكى ئون يىلدىكى نۇرغۇن غايە ۋە قىممەت قارىشىنى بىر ياققا قايرىپ قويدى. ياكى ئۆزلىرىمۇ تۇيمىغان ھالدا ئۆزگىرىپ كەتتى. نۇرغۇن پىكىر ئېقىملىرى تۇنجۇقتۇرۇۋېتىلدى ياكى بۇرمىلىۋېتىلدى. كىشىلەر ناھايىتى تېزلا ئۇرۇشنىڭ تەسىرىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى. باج ئېغىرلاپ، پۇل پاخاللىقى ئېغىرلىشىپ كەتتى. يەرلىك كىشىلەرنىڭ چېدىرلىرى، ھارۋىلىرى ۋە مال - ۋارانلىرى سەيسىگە تۇتۇلدى، روسىيە كۆچمەنلىرىنىڭ مىلتىقلىرىمۇ يىغىۋېلىنىپ ئالدىنقى سەپكە توشۇلدى. كۆچمەنلەر دولقۇنى توختىدى. ئەمما كۆچمەنلەرنىڭ ئىزىغا دەسسىگەنلەر جەڭ مەيدانىدىن كەلگەن زور تۈركۈمدىكى تارقاقلاشتۇرۇلغان ئاھالە بولدى. تارقاقلاشتۇرۇلغان ئاھالىنىڭ نۇرغۇنى تارقىلىشچان كېسەل تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كەتتى. 1914 - يىلى 9 - ئايدا روسىيىنىڭ گالىسىيىدىكى غەلىبىسىگە ئەگىشىپ، ئاۋىستىرىيە - ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ قوشۇنىدىن ئەسىر ئېلىنغان 225 مىڭ كىشى يايلاق رايونى ۋە تۈركىستاندىكى يىغىلىش لاگىرىغا ئەۋەتىلدى. خەلقئارا قىزىل كىرىست جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئۇلارنى بىر ئامال قىلىپ سىبىرىيىدىكى يىغىۋېلىش لاگىرىغا يۆتكەشتىن ئىلگىرى تەخمىنەن 40 مىڭ ئەسىر كېسەللىك ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ بەكلا كەمچىللىكى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتتى. 1916 - يىلىغا كەلگەندە، ھەربىي ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىشى ۋە ئادەم كۈچى يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشى روسىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان يەرلىكلەرنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىمەسلىك تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرۈشكە مەجبۇر قىلدى. 6 - ئايدا تارقىتىلغان ئىمپېراتور بۇيرۇقىدا ئوتتۇرا ئاسىيا، سىبىرىيە ۋە كاۋكازىيىنىڭ قىسمەن جايلىرىدىكى ئەر گىراژدانلارنىڭ ئارقا سەپ مۇداپىئە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشى بەلگىلەندى. بۇ بىر ئۈمىدسىز تەسەۋۋۇر بولغانلىقى، يەنە كېلىپ ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىلمەستىنلا تېزدىن ئىجرا قىلىنغانلىقى ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك پەرمانى بىر مەيدان ئىسيان ۋە مالىمانچىلىق دولقۇنىغا سەۋەپ بولدى. يەتتىسۇ رايونىدا قازاق ۋە قىرغىزلار 3000 دىن كۆپرەك رۇس دېھقاننى ئۆلتۈرۈۋەتتى. ھەممە ياققا يېيىلىۋاتقان قوزغىلاڭ ۋەزىيىتىدىن ئالاقزادىلىككە چۈشكەن رۇسلار ئارقىغا بۇرۇلۇپ زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىققا كىرىشىپ كەتتى. مۆلچەرلىنىشچە، مۇشۇ قېتىملىق قىساس ئېلىشتا يەرلىك ئاھالىدىن 200 مىڭ كىشى قىرىپ تاشلاندى. نۇرغۇن كىشى (تەخمىنەن 200 مىڭ دەپ مۆلچەرلىنىدۇ) دۆلەت چېگرىسىدىن ھالقىپ جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىياسىغا قېچىپ كىردى. بۇ خىل ۋەزىيەتنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن گېنېرال كۇروپاتكىن بىر پېشقەدەم جەڭچى ۋە تۈركىستاننىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىستاننىڭ گېنېرال گوبېرناتورلىقىغا ئەۋەتىلدى. كۆچمەنلەرنى ۋە يەرلىك ئاھالىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇ قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، داۋالغۇپ تۇرغان تىنچلىقنى بەرپا قىلىپ چىقتى. 1917 - يىلى 2 - ئايدا چار پادىشاھ تەختتىن چۈشتى. تۈركىستاننىڭ بارلىق شەھەر - بازارلىرىدا سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلۇپ، رۇسىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ۋاكالەتچىلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكى باشلاندى. ۋار - ۋۇر قىلىپ جار سېلىۋاتقان سولچىلار گۇرۇھى تېخىمۇ ئۈزۈل- كېسىل بولغان ئىنقىلابنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار تەلەپ قىلغان ئىنقىلاب بۇرژۇئازىيەسىنىپى ھۆكۈمرانلىقىدىكى ھۆكۈمەتنى ئەمەس ئەمگەكچى ئىشچىلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى ھۆكۈمەتنى ئېلىپ كېلىدىغان ئىنقىلاب ئىدى. قانۇنلۇق ھۆكۈمەت كاتتىۋېشى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۇروپاتكىن ئۆز كونتروللۇقىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ساقلاپ قالدى. بىراق، تۆت ھەپتىدىن كېيىن ئۇ سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ پېتىربورگقا يالاپ ئەپكېتىلدى. كېيىنچە روسىيىنىڭ باشقا رايونلىرىغا ئوخشاشلا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئورگانلىرى قولىدىكى ھوقۇقلىرىدىن تەدرىجىي ئايرىلىپ قالدى. بولشېۋىكلار سوۋېت ھاكىمىيىتىنى كونترول قىلدى. 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى بولشېۋىكلار ئارمىيىسى تاشكەنتنى ھۇجۇم بىلەن ئالدى. 1917 - يىلنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا يېڭى ھاكىمىيەت پۈتكۈل تۈركىستاننى كونترول قىلىپ بولدى. 1992 -يىلى شاڭخەي سودا نەشرىياتى نەشىر قىلغان «ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى تېزىسلىرى» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى. تەرجىمە قىلغۇچى: قۇربان تۇران تەھىرلىگۇچى:admin
|