![]() |
دېڭىز ئارمىيمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى 20 ئۇيغۇر ئايال ئەسكىرى ھەربىي
سەپكە كىرىش مەشىقىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى
![]() «دېڭىز دولقۇنلىرىدا تاۋلىنىشنى ئارزۇ قىلىمىز» دېڭىز ئارمىيەمىزنىڭ يېڭى ئەسكەرلەر ليەنىدە ئۈچ ئاي چېنىققان تۇنجى تۈركۈمدىكى 20 ئۇيغۇر ئايال ئەسكەر يېقىندا سىناقتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، دېڭىز تېررىتورىيەسىدە خىزمەت كۆرسىتىش يېڭى سەپىرىگە ئاتلاندى، بۇلارنىڭ 12 سى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يېڭى تىپتىكى پاراخوتىدا خىزمەت قىلىشقا تەقسىملىنىپ، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى تارىخىدا پاراخوتتا خىزمەت قىلىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر ئايال ماتروسلار بولۇپ قالدى، قالغان سەككىزى كەسپىي ئۆگىنىشنى باشلاپ، باشقا تېخنىكىلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەييارلىق كۆردى. بۇ ئۇيغۇر قىزلىرى ئۈچ ئاي داۋاملاشقان گازارما تۇرمۇشىدا يەرلىكتىن كەلگەن ئادەتتىكى ياشلاردىن جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ ماتروسلىرىغا ئايلاندى، شۇنداقلا ئۆسۈپ يېتىلىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزدى. خەنزۇچە ئاساسىي ئاجىزراق ئاسىمگۈل خەنزۇچىنى راۋان سۆزلىيەلەيدىغان بولدى؛ باشقىلارنىڭ ئالدىدا گەپ قىلىشتىن ئۇيۇلىدىغان سۈرەييە يېڭى ئەسكەرلەر بىلەن قويۇق دوستلۇق ئورناتتى ھەم مەشىق بازىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ياشلىق باھارىمنى گازارمىدا چاقنىتىمەن» دېگەن تېمىدىكى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى؛ دەسلەپتە مەشىقنىڭ جاپاسىغا كۆنەلمىگەن مەرەمنىسا ھەممە سىناقتا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى، دالىدا 3000 مېتىر يۈگۈرۈشتە 1-بولدى...... يېڭى ئەسكەرلەرنى مەشىق قىلدۇرۇش ئاياغلىشىش ئالدىدا، بۇ ئۇيغۇر قىزلىرى پاراخوتتا خىزمەت قىلسا بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بەستە – بەستە مۇراجىئەتنامە سۇنۇپ، شارائىتى جاپالىق پاراخوتتا خىزمەت قىلىپ، دېڭىز دولقۇنلىرىدا تاۋلىنىپ، مۇنەۋۋەر ماتروسلاردىن بولۇشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلدى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن تۇرسۇنگۈل قەتئىيلىك بىلەن: «پاراخوتتا خىزمەت قىلىش ھەقىقەتەن بەكلا جاپالىق، لېكىن، بۇنىڭدىن قورقمايمىز، دېڭىز دولقۇنلىرىدا تاۋلىنىشنى ئارزۇ قىلىمىز!»، دېدى. چوڭ ئەترەترەھبەرلىرى جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان بۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ پاراخوتتا خىزمەت قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان – كەلمەيدىغانلىقىنى ئۇلارنىڭ مەشىق مەيدانىدىكى سىناق نەتىجىسى ئارقىلىق بەلگىلەشنى قارار قىلدى ھەم داۋالاش ۋە قۇتقۇزۇش، تاكتىكا ئاساسى، راست ئوق بىلەن قارىغا ئېتىش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. ئۇلارنىڭ مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولدى. ئاخىرىدا تۇرسۇنگۈل، دىلخۇمار قاتارلىق 12 ئەسكەر پاراخوتتا خىزمەت قىلىشقا تەقسىملەندى. ھەربىي سەپكە كىرىشتىن بۇرۇن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان نۇربىيە: «پاراخوتتا خىزمەت قىلىشقا تەقسىملىنەلمىگەن بولساممۇ، دېڭىز تېررىتورىيەسىدە خىزمەت كۆرسىتىش ئارزۇيۇمنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمەن! ئىرادىلىك كىشىنىڭ ھامان نىشانىغا يېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!»، دېدى. پات ئارىدا يېڭى ئەسكەرلەر ليەنىدىن ئايرىلىدىغان ئىلنۇر پاراخوتتا خىزمەت قىلىدىغان قىزلارنىڭ قەلب سۆزىنى ئېيتىپ: «خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر ئايال ماتروسلىرى بولغانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىمىز!»، دېدى. پات ئارىدا پاراخوتتا خىزمەت قىلىدىغان بۇ 12 قىز-مارت چۈشتىن كېيىن، «1 – ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىقى ئالدىدا جاراڭلىق ھالدا: خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئايال ماتروسى بولۇشقا تىرىشىمىز! دەپ قەسەم بەردى.
|