پەرزەنىت ساغلاملىقىئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

بالىلاردا گۇناھ يوق

يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-15 23:20 مەنبەسى: رادىئو تورى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
جاپا تارتىپ ھالالدىن ئاران تۇتتۇق بۇ ئۆينى، ئۈزۈلدۈرمەي ئېيتايلى بىرگە ئېيتقان بۇ كۈينى، يەكلىمايلى ئۇلارنى بالىلاردا گۇناھ يوق
تەلەي +1

 

بالىلاردا گۇناھ يوق

 

پولات نىياز

 

 

بالىلاردا گۇناھ يوق
 

 

يىتىم قىلدۇق بالىنى ئۆلمەي ھايات تۇرۇقلۇق،

كېلىشەلمەي تۇرمۇشتا قىلىشىپلا ئۇشۇقلۇق،

ئۆزىمىزنىڭ پۇشتىغا بېرەلمەستىن ئۇتۇقلۇق،

قاراڭغۇدا تىنىسە ئاچالمىدۇق يورۇقلۇق،

يەكلىمايلى ئۇلارنى بالىلاردا گۇناھ يوق.

 

ياخشى كۆردۇق دىيىشىپ تەستە قىلدۇق بۇ توينى،

جامائەتنى چاقىرىپ سۇيۇپ كالا ۋە قوينى،

جاپا تارتىپ ھالالدىن ئاران تۇتتۇق بۇ ئۆينى،

ئۈزۈلدۈرمەي ئېيتايلى بىرگە ئېيتقان بۇ كۈينى،

يەكلىمايلى ئۇلارنى بالىلاردا گۇناھ يوق.

 

ئۆگەي بالا ئىشىكتىن كىرىپ كەلسە شوخ ئويناپ،

يەنە كەلدى بۇ شۇم دەپ يەكلىمەيلى غۇدۇراپ،

ئالاي تەتىل تاپشۇرۇق دېسە بىزگە پۇل سوراپ،

يولغا سېلىپ قويمايلى بېرىپ لازا توڭ غۇراپ،

يەكلىمايلى ئۇلارنى بالىلاردا گۇناھ يوق.

 

ئۆگەي بالا بىزنىڭمۇ كۆزىمىزنىڭ قارىسى،

ياخشى كۆرگەن ئاشىقنىڭ يۈرۈگۈنىڭ پارىسى،

ئەگەر قالسا تەڭلىكتە يوقتۇر ئۇنىڭ چارىسى،

بىزنى خىجىل قىلمىسۇن ئۆگەيلەرنىڭ نالىسى،

يەكلىمايلى ئۇلارنى بالىلاردا گۇناھ يوق.

 

ئىككى ئۆينىڭ ئارىستا بالا تىنەپ يۈرمىسۇن،

ئوغرىلىقچە باغلاردىن مېۋە ئۈزۈپ سالمىسۇن،

ناچار ئىللەت يۇقتۇرۇپ يامان ئىشقا ئازمىسۇن،

جەمئىيەتتە ئاقىۋەت داشقال بولۇپ قالمىسۇن،

يەكلىمايلى ئۇلارنى بالىلاردا گۇناھ يوق.

 

ئۆگەي بالا ئۆز بالا، ئۆگەي ئانا ئۆز ئانا،

گۈل چىمەندەك كۆكلىسۇن نارىسىدە شۇ بالا،

يامان غەيرى ئىشلارغا بوپ قالمىسۇن مۇپتىلا،

مېھرى - شەپقەت چېھرىدىن گۈلگە تولسۇن بۇ دۇنيا،

يەكلىمايلى ئۇلارنى بالىلاردا گۇنا يوق.

 

(ئاپتور چەرچەن مەدەنىيەت يۇرتىدىن)

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[مەشھۇر شەخىسلەر] پېشقەدەم تىلشۇناش، تەتقىقاتچى-مىرسۇلتان ئوسمانوف [ 2012-02-15 23:50:21 ]
[تارىخى بىلىملەر] بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى [ 2012-02-15 23:48:45 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] گىتلېر ئۆلۈمىنىڭ مەخپىيەتلىكى [ 2012-02-15 23:47:23 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئابدۇخالىق ئۇيغۇر [ 2012-02-15 23:42:39 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئىران زۇڭتۇڭى - ئەخمەد نىجاد [ 2012-02-15 23:38:59 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئايپادنىڭ ماركا ھوقۇقى ھەققىدىكى ماجىرا زادى قاند [ 2012-02-15 23:36:59 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەق ئېلىشنى ئاشكارىلاش تۈزۈم [ 2012-02-15 23:34:58 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] گۇگىل شىركىتى 1مىليارد 200مىليون ئامېرىكا دوللىرى خ [ 2012-02-15 23:32:10 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] Windows 7 سىتېمىسىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىشنىڭ ئەپچىل ئۇ [ 2012-02-15 23:29:50 ]
[ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى] ئىرادىسىز ئوقۇغۇچى قانىتى يوق قۇشقا ئوخشايدۇ [ 2012-02-15 23:27:01 ]



ياخشىكەن
(2)
66.7%
ناچاركەن
(1)
33.3%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر