دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى 1-ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى . « گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2011-يىللىق قىسمەن ھېيت-بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى » نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ، بۇ يىل دۆلەت بايرىمىدا يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ ، يەنى 1–ئۆكتەبىردىن 7–ئۆكتەبىرگىچە جەمئىي يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ ، 8-ئۆكتەبىر (شەنبە) ، 9-ئۆكتەبىر (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ . 2011–يىلى 1–ئۆكتەبىردىن باشلاپ قىشلىق مەشغۇلات ۋاقتى يولغا قويۇلىدۇ ، يەنى ئەتتىگەنلىك خىزمەت ۋاقتى سائەت 8 دىن 12 گىچە ؛ چۈشتىن كېيىنلىك خىزمەت ۋاقتى سائەت 30: 13 دىن 30: 17 غىچە بولىدۇ (ئۈرۈمچى ۋاقتى) .
|