باشلانغۇچ مەكتەپ 5-يىللىق 1-ماۋسۇم ئىلىم -پەن دەرسلىگىدىن مۇھىم نۇقتىلار 1.نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى،ئۇلارنىڭ ئۆسۈشتە يورۇقلۇق،تېمپۇراتۇرا،سۇ قاتارلىق شارائىتلارغا ئىھتىياجلىق بولدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. 2.ھايۋانلارنىڭ ياشاش موھىتى ھايۋانلارنىڭ ماكانى دىيلىدۇ.ئۇ ياشاش دائىرسى ئىچدىكى ھەر خىل جانلىق ۋە جانسىز نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدۇ. 3.ھايۋانلارنىڭ ياشاشى باشقا ھايۋانلار ،ئۆسۈملۈكلەر ، كىلىمات ، سۇ ، يورۇقلۇق ، ھاۋا ، پاناھلىنىش ئورنى ، ياشاش بوشلۇقى قاتارلىق نۇرغۇن شارائىتلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. 4. (فابېر)فىرانسىيىلىك ئاتاقلىق ھاشارەتشۇناس.ئۇ پۈتۈن ئۆمىرىنى دالىدا ھاشارەتلەرنى كۈزتۈشكە سەرىپ قىلغان. 5. جىن گۇدال26يىشىدىن باشلاپ تانزانىيە دۆلەت باغچىسىدا مەخسۇس شىمپەنزە ئۈستىدە كۈزتۈش ۋە تەتقىقات ئىلىپ بارغان. 6. بېلىقنىڭ نەپەسلىنىش ئالاھىدىلگى ـ بېلىق ئاغزىنى بىر ئېچىپ-بىر يۇمۇپ توختىماي سۇ سۈمۈردۇ،ئۇنىڭ ژابىرا قاپقىقى ئاغزىنى ئاچقاندا يىپلىپ،ئاغزىنى يۇمغاندا ئېچىلدۇ،مانا بۇ بېلىقنىڭ نەپەسلىنشىدۇر. 7. سازاڭ تىننىڭ14-ۋە 16-بوغۇملىرى ئارسىدا ئاچ قىزىل رەڭدىكى ھالقا بوغۇملىرى بولىدۇ،قورساق تەرىپىدە قىلچىق تۈكچىللىرى بولمايدۇ.بۇ ئالاھىدىلىك بىر خىل ھايۋاننى باشقا ھايۋاندىن پەرىقلەندۈرىشتىكى رۈشەن بەلگە. 8. ئاققۇ بىلەن ئاق تورنا دۆلەت دەرجىلىك قوغدىلدىغان ھايۋان. 9. قۇياشتىن تارالغان نۇر سېكونتىغا تەخمىنەن 300 مىڭ كىلومېتىرلىق تېزلىكتە تارقىلدۇ،بۇ ھەرقانداق نەرسىدىن تېز ماڭىدۇ. 10. ئەينەك يۈزى نۇر قايتۇرالايدۇ،ئەينەك يۈزىنىڭ بۇ خۇسۇسىيتى نۇر قايتۇرۇش دەپ ئاتىلدۇ.نۇ تۈز سىزىق بويىچە تارقىلىدۇ. قۇياش نۇرى سۈزۈك پرىزمىدىن ئۆتكەندە نۇرنىڭ يۆنىلىشى ئۆزگىرىدۇ ھەمدە كۆپ خىل رەڭدىكى نۇرلارغا ئاجرىتىلىپ قۇياش سپېكتىرىنى ھاسىل قىلدۇ ياكى قىزىل،قىزغۇچ سىرىق، يېشىل،كۆك،قاركۆك،سۆسۈن دىن ئىبارەت يەتتە رەڭ ھاسىل قىلىدۇ. 11. قۇياش نۇرى سۈزۈك بولمىغان جىسىمغا چۈشكەندە،جىسىم نۇرنى قايتۇرىدۇ ھەم سۈمۈرىۋىلىنىدۇ. 12.يەرشارىدىكى ئېنېرگىيىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قۇياشتىن كېلىدۇ.يەر شارىنىڭ بىر كۈندە قوبۇل قىلغان قۇياش ئېنېرگىيىسىنى پۈتۈن دۇنيادىكى كىشلەرنىڭ 40 يىل ئىشلىتىشىگە يېتدۇ. 13. قۇياش ئېنېرگىيىسىنىڭ كۆمۈر، نېفىت،تەبىئي گاز قاتارلىق يەر شارىدىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرى بىلەن ئوخشىمايدىغان يىرى شۇكى ئۇنىڭدا بۇلغىنىش بولمايدۇ. 14.ئىسسىقلىقنى ئاسان ئۆتكۈزىدىغان جىسىملار ئىسسىقلىقنى ياخشى ئۆتكۈزىدىغان جىسىم دېيلىدۇ. مەسلەن:مىس،ئاليومىن،تۆمۈر قاتارلىقلار. ئىسسىقلىقنى ئاسان ئۆتكۈزمەيدىغان جىسىملار ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈشى ناچار جىسىملار دېيلىدۇ.مەسلەن:ياغاچ،سۇلياۋ،كاۋچۇك قاتارلىقلار. 15. ئوخشاش بولمىغان ماتېرىياللارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلگى، ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلگىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىشلىتىلشى بولىدۇ. 16. پاختا ۋە ياغاچقا ئوخشاش نەرسە ياساشتا بىۋاستە پايدىلانغىلى بولىدىغان ماتېرىياللار تەبىئي ماتىرىياللار دېيلىدۇ. پولات ۋە سۇلياۋغا ئوخشاش پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ماتېرىياللار سۈنئىي ماتېىرياللار دېيلىدۇ. 17. ھەزىم قىلىش ئەزالىرى-ئېغىز بوشلىقى،قىزىلئۆڭگەچ،ئاشقازان،چوڭ ئۈچەي،ئىنچىكە ئۈچەي دىن ئىبارەت.ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ بەدىنىمىزدىن بېسىپ ئۆتىدىغان مۇساپىسى تەخمىنەن 9 مېتىر بولۇپ بۇنىڭ ئۈچۈن تەخمىنەن 24 سائەت ۋاقىت كىتىدۇ. 18.يىمەكلىكلەردىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەر ئېچىدە قەنت،ياغ،ئاقسىل ئەدەم بەدىنىنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ.9-12ياش ئوقوغۇچىلارنىڭ ھەر بىر كىلوگىرام بەدەن ئېغىرلىقى ئۈچۈن ھەر كۈنى تەخمىنەن 273كىلو جوئۇل ئېنىرگىيىگە مۇھتاج. قان -ئادەم بەدىنىدىكى توشىغۇچى ئەسكەر.ئۇ پۈتۈن بەدەندە ئايلىنىپ ئېقىپ ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ھەرقايسى ئەزالارغا توشۇيدۇ، كاربۇن تۆت ئوكسىد ۋە كېرەكسىز ماددىلارنى بەدەندىكى مۇئەييەن ئورۇنلارغا توشۇپ تەن سىرتىغا چىقىردۇ. 19.ساغلاملىققا پايدىلىق يېمەكلىك دېگەن نېمە؟ ساغلاملىق يېمەكلىكى بىخەتەر،بۇلغانمىغان،ئەلا سۈپەتلىك ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە يېمەكلىكنى كۆرسىتىدۇ. 20.قايسى تۈردىكى يېمەكلىكنى يىمەسلىكىمىز ياكى ئاز يېيشىمىز لازىم؟نېمە ئۈچۈن؟ تەييار چۆپ،سۈرلەنگەن گۆش،كولباسا،ھەر خىل كونسېرۋا،كارانتىن قىلىنمىغان گۆش تۈرلىرى،كۆكىرىپ قالغان ئاشلىق،ئېچىپ سۈپىتى ئۆزگەرگەن ماي،ۋە سوغۇق ئىچىملىكلەر،كۆپتىرىلگەن يېمەكلىك،تۇزغا چىلانغان كۆكتات،تۇزلانغان گۆش.رەڭگى ئالاھىدە ئوچۇق يېمەكلىكلەر. چۈنكى –كۆپ ساندىكى تەييار يېمەكلىكلەر تەييارلىنىش جەريانىدا چىرمەس دورا ۋە پىگمېنت قوشۇلدۇ،ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىمۇ دېگەندەك مۇۋاپىق بولمايدۇ .ئۇلارنى دائىم ئىستىمال قىلغاندا سالامەتلىككە تەسىر يېتىدۇ. 21.ساغلاملىققا پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى قانداق تاللىشىمىز لازىم؟ يېشىل بەلگىسى بولغان يېشىل يىمەكلىكنى تالشىمىز،سۈپەت جەھەتتە ئىشەنچلىك بولغان ماگىزىنلاردىن سېتۋىلشىمىز،ھەمدە ئىشلەپچىقارغان ۋاقىتى ۋە ساقلىنىش مۇددىتىگە تەپسىلىي قاراپ ئېلشىمىز لازىم. 22.ئادەم ئۈچۈن ئەڭ موھىم ئوزۇقلۇق ماددا قايسى؟ئۇ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ قانچە پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؟ سۇ. ئۇ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن%60-%70نى ئىگىلەيدۇ. 23.بىز قانداق سۇنى كۆپىرەك ئىچشىمىش كېرەك؟ قايناق سۇنى كۆپىرەك ئىچشىمىش كېرەك چۈنكى قايناق سۇدامىنېرال ماددىلاربىلەن مىكرو ئېلمېنىتلارمول مەسىلەن:كالىي،ناتىرىي،كالتىسىي،ماگىنىي،مىس،تۆمۈر،فوسپۇر قاتارلىق ئىلمىنتلار ئىنتايىن مول. 24.قۇرامىغا يەتكەن ئادەم كۈنىگە قانچىلىك شۆلىگەي ئاجىرتىپ چىقىردۇ؟باشقا ھەزىم قىلىش ئەزالىرى كۈنىگە قانچىلىك ھەزىم قىلىش سۇيۇقلىقى ئاجىرتىپ چىقىردۇ؟جاۋاپ: قۇرامىغا يەتكەن ئادەم كۈنىگە1~1.5لىتىر شۆلىگەي ئاجىرتىپ چىقىردۇ. باشقا ھەزىم قىلىش ئەزالىرى كۈنىگە 5.3 ~9.5 ھەزىم قىلىش سۇيۇقلىقى ئاجىرتىپ چىقىردۇ. 26.نەپەسلىنىش ئەزالىرى قايسىلار؟ بۇرۇن،يۇتقۇنچاق،كاناي،كانايچە،ئۆپكە. 27.نەپەسلەنگەندە سۈمۈرگەن ھاۋا بىلەن چىقارغان ھاۋانىڭ قانداق پەرىقى بار؟ ھاۋا سۈمۈرگەندە ئوكسىگېىن كۆپ ،كاربۇن تۆت ئوكسىد ئاز بولىدۇ.ھاۋا چىقارغاندا ئوكسىگېىن ئاز ،كاربۇن تۆت ئوكسىد كۆپ بولىدۇ. 28.نېمە ئۈچۈن يۈرەك توختىماي سوقىدۇ؟ يۈرەك ئەڭ كۈچلۈك مۇسكۇللاردىن تۈزۈلگەن.يۈرەكنىڭ توختىماي سوقۇشى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ توختىماي قىسقىرشى ۋە بوششى بولۇپ،قان يۈرەكنىڭ بۇ خىل ھەركىتى ئارقىلىق پۈتۈن بەدەنگە تارقىلدۇ ھەم پۈتۈن بەدەندىن يۈرەككە قايتا ئېقىپ كىلدۇ. 29.ھەركەت قىلىشنىڭ ساغلاملىقىمىزا قانداق پايدىسى بار؟ ئىرادىمىزنى تاۋلادۇ،تەن ساپاسىمىزنى ئۆستۈرىدۇ،ئاسان كېسەل بولمايمىز.كۈچ-قۇۋتىمىزنى ئورغىتىدۇ،تېنىمىز ساغلام بولىدۇ، قىرىشنى كېچىكتۈرىدۇ،رىقابەت ئېڭمىزنى كۈچەيتىدۇ. تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|