كىسلاتالىق يامغۇر ۋە ئۇنىڭ زىيىنى كىسلاتالىق يامغۇر ph قىممىتى 5.6 دىن تۆۋەن بولغان يامغۇر، قار، مۆلدۈر، شەبنەم قاتارلىق ئاتموسفېرا ھۆل-يېغىنىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى ياكى تەبىئىي ئاپەت سەۋەبلىك دائىرىلىك ھۆل-يېغىننىڭ كىسلاتالىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل بۇلغىنىش ھادىسىسى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكى، سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، ئېكولوگىيە، مۇھىت ھەم يەر شارى ئۆزگىرىشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. كىسلاتالىق يامغۇرنىڭ دەرىجىگە ئايرىلىشى كىسلاتالىق يامغۇرنى دەرىجىگە ئايرىشتا، ph قىممىتى <4.5 بولغان ھۆل-يېغىن كىسلاتالىقى كۈچلۈك ھۆل-يېغىن ياكى كۈچلۈك كىسلاتالىق يامغۇر، دېيىلىدۇ؛ ph قىممىتى ≤4.5 بولغان ھەم <5.6 بولغان ھۆل-يېغىن كىسلاتالىقى ئاجىز بولغان ھۆل-يېغىن ياكى ئاجىز كىسلاتالىق يامغۇر، دېيىلىدۇ؛ ph قىممىتى ≤5.6 بولغان ھۆل-يېغىن كىسلاتالىق بولمىغان ھۆل-يېغىن ياكى كىسلاتالىق بولمىغان يامغۇر، دەپ ئايرىلىدۇ. كىسلاتالىق يامغۇرنىڭ زىيىنى زور مىقداردىكى كىسلاتالىق يامغۇر ئورمان، دەل-دەرەخ، زىرائەتلەر، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، كىسلاتالىق يامغۇر كۆل، سۇ ئامبارلىرىغا چۈشسە، سۇنى كىسلاتالاشتۇرۇۋېتىپ، بېلىق ۋە باشقا سۇ ئۆسۈملۈكلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، بۇنداق يامغۇر سۈيىنى زاپاس ساقلاپ پايدىلىنىشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يانار تاغ پارتلىشىدا چىققان گۈڭگۈرتلۈك بىرىكمىلەر ئادەمنىڭ نەپەسلىنىش سىستېمىسىنى كۆرۈنەرلىك زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. شۇڭا، يانار تاغ پارتلىغاندا، ھۆكۈمەت ئاھالىلەرنى دەرھال 30-25 كىلومېتىر يىراقلىققا تارقاقلاشتۇرىدۇ. كىسلاتالىق يامغۇر يەنە تۇپراقتىكى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ كۆپىيىشىنى ئاستىلىتىپ، كىسلاتالىق ئاكتىپلاشتۇرغۇچى باكتېرىيەلەر، ئازوتنى تۇراقلاشتۇرغۇچى باكتېرىيە قاتارلىقلارنى تەسىرگە ئۇچرىتىپ، ئورمانلاردىكى كېسەل ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ زىيىنىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ، ئىستاتىستىكىلىق ماتېرىياللارغا قارىغاندا، ئېلىمىزنىڭ غەربىي، جەنۇبى رايونلىرىدا كىسلاتالىق يامغۇر سەۋەبلىك ئورمانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، 106x 6.3 كۇب مېتىر ياغاچ ماتېرىيالى زىيانغا ئۇچرىغان. كىسلاتالىق يامغۇر يەنە زور كۆلەمدىكى ئاشلىق، كۆكتات، مېۋە-چىۋىلەرنىڭ ھوسۇلىنى كېمەيتىۋېتىدۇ. مەسىلەن: كىسلاتالىق يامغۇر ياغقاندىن كېيىن بۇغدايلاردىكى ئاقسىل تەركىبلىرى ۋە بۇغداي ھوسۇلى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازىيىپ كېتىدۇ، كىسلاتالىق يامغۇر ياغقاندا، ئۇدا بىر نەچچە كۈن ھاۋا تۇتۇلۇپ، كىشىلەردە تېرىنىڭ قىچىشىشىنى، كۆزنىڭ پولتىيىپ چىقىپ قىزىرىشىنى، دەم سىقىلىشنى، توختىماي يۆتىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كىسلاتالىق يامغۇرنىڭ خەۋپىنى ئازايتىش ئۈچۈن SO2، NO2لارنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش كېرەك.بۇنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى: (1) ئەسلىدىكى كۆمۈر(يېقىلغۇ)دىن گۈڭگۈرتنى چىقىرىۋېتىش تېخنىكىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق يېقىلغۇلاردىكى %50 ئەتراپىدىكى ئانئورگانىك گۈڭگۈرتنى ئازايتىش؛ (2) گۈڭگۈرت مىقدارى تۆۋەن بولغان يېقىلغۇلارنى ئىشلىتىش؛ (3) يېقىلغۇلارنى ئۆزگەرتىش تېخنىكىسىنى قوللىنىش، مەسىلەن: سۇيۇق ھالەتتىكى يېقىلغۇ تېخنىكىسى قاتارلىقلار؛ (4) يېقىلغۇلاردىن چىقىرىلغان ئاتموسفېرادىكى ئىس-تۈتەكلەردىن گۈڭگۈرتنى چىقىرىپ تاشلاش، مەسىلەن: ھاكلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش؛ (5) كان-كارخانىلارنىڭ خىمىيەلىك چىقىرىندىلىرى تەركىبىدىكى SO2، NO2لارنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش. كىسلاتالىق يامغۇر ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە ئۇلار ياشاۋاتقان مۇھىتقا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئىنسانلارنىڭ ھەل قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان مۇھىم تېما. شۇڭا كىسلاتالىق يامغۇرنىڭ زىيىنىنى تۈپتىن يوقىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىنتايىن زۆرۈر. تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|