پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىققانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ توردىن پايدىلىنىپ جىنايە

يوللانغان ۋاقتى: 2011-09-13 18:46 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
بىر قىسىم قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئاسانلا تۇيۇق يولغا مېڭىپ، جىنايەت ئارقىلىق مال - مۈلۈككە ئېرىشىپ، تور ئويناش مەقسىتىگە يېتىدۇ.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ توردىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

تورنىڭ ئومۇملىشىشى تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، تور پەرق ئېتىش ئىقتىدارى ئاجىز  بىر قىسىم كىشىلەرنى  ئازدۇرۇش، جىنايەت يولىغا باشلاش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرگىمۇ دۇچار قىلىدۇ. بولۇپمۇ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئاسانلا تور ئارقىلىق جىنايەت يولىغا كىرىپ قالىدۇ.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش سەۋەبلىرىنى ئانالىز قىلغاندا، ئۇلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىدە تورغا مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى ئەھۋاللار مەۋجۇت:

1. توردىن پايدىلىنىپ بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كۈچى، ئەقلىي ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز بولىدۇ. ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا تايىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزسە، مەقسىتىگە يېتىش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى بولمايدۇ. شۇڭا بىرلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىدىكى روشەن ئالاھىدىلىكتۇر. ئادەتتە ئۆزىلا جىنايەت ئۆتكۈزمەكچى بولسىمۇ، ئالدى بىلەن توردا ياردەمچى ئىزدەيدۇ، توردا پىلانلاپ، ئىش تەقسىم قىلىشىدۇ. بۇنداق ئۇسۇل مەخپىي بولۇپ، جىنايەت شايكىسىنىڭ كۈچىنى ئاسانلا زورايتىۋېتىدۇ.

2. تورغا قىزىقىپ پۇل، مال - مۈلۈككە ئېرىشىش كويىدا يۈرۈش.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تورغا چىقىش، توردا مۇڭدىشىش، تور ئويۇنى ئويناش قاتارلىقلارغا كۆپ پۇل بولمىسا بولمايدۇ. مۇشۇ سەۋەبلىك بىر قىسىم قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئاسانلا تۇيۇق يولغا مېڭىپ، جىنايەت ئارقىلىق مال - مۈلۈككە ئېرىشىپ، تور ئويناش مەقسىتىگە يېتىدۇ. بۇنداقلار ئادەتتە ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، داۋاملىق دەرستىن قالىدۇ، بۇنداقلار ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، ئالداش، قاقتى - سوقتى قىلىش قاتارلىق مال - مۈلۈككە چېتىشلىق قىلمىشلارنى كۆپ سادىر قىلىدۇ.

3. توردا ئوينىغان ئويۇنلار تەسىرىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش.

نۇرغۇنلىغان تور ئويۇنلىرى زورلۇق ئىشلىتىش خاراكتېرىدىكى ئويۇنلار. ئۇزاق ۋاقىت توردا زوراۋانلىق ئويۇنى ئوينىغانلار، ئىرادىسى ئاجىز، ئەقلىي ئىقتىدارى تولۇق يېتىلمىگەچكە زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئويۇنلارنى ئەمەلىيەتتە ئويناپ قالىدۇ.

4. توردىن پايدىلىنىپ ھارام مال سېتىش.

تور ئۇچۇرىنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، سۈرئىتى تېز بولۇپ، جىنايەتتىن كەلگەن ھارام مالنى سېتىشتا باھا تالىشىلمايدۇ، سېتىۋېتەلمىسىمۇ ئاشكارىلىنىپ قالمايدۇ. بىر قىسىم تورخۇمار قۇرامىغا يەتمىگەنلەر توردا ناتونۇش كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھارام مالنى سۇ قىلىدۇ. تور ھارام مالنى بىر تەرەپ قىلىش يولىنى كېڭەيتىۋېتىدۇ. توردىن پايدىلىنىپ ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەر تېخىمۇ يوشۇرۇن بولۇپ، سېزىۋېلىش قىيىن.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ توردىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:

بىرىنچى: تور بازارلىرىنى باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك.

ئالدى بىلەن تور تىجارىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تورغا چىقىش يولىنى ساپلاشتۇرۇش  كېرەك. تورخانىلار چوقۇم خېرىدارلارنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تورخانىغا كىرىشىگە  يول قويماسلىقى لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا ج خ ئورگىنى، مەدەنىيەت بازارلىرىنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى تورخانىلارنى قەرەلسىز تەكشۈرۈشى، تورخانىلارغا كۈزىتىش ئاپپاراتى ئورنىتىپ «قارا تورخانا»لارنى قانۇن بويىچە پېچەتلەش كېرەك. دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرى يۇقىرى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ توردىكى ناتوغرا ئۇچۇرلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى، سېرىق مەزمۇندىكى، زوراۋانلىق تۈرىدىكى تور بېكەتلىرىنى بايقىغان ھامان دەرھال تاقىشى، ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈۋېتىشى، تور ئادرېسىنى تېپىپ ناتوغرا ئۇچۇرلارنى ئويدۇرۇپ چىققان، تارقاتقانلارغا قاتتىق زەربە بېرىشى كېرەك.

ئىككىنچى: ئائىلە ۋە مەكتەپ تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئورتاق ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئاساس - تەربىيەلەشتە. ئائىلە بىلەن مەكتەپ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ توردىكى ناچار مەزمۇنلار سەۋەبلىك جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى زۆرۈر. ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىنى توغرا يولغا باشلاپ، ئۇلاردا توغرا بولغان دۇنيا قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىشى كېرەك. مەكتەپ ئىدىيە - ئەخلاق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇن تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارغا توردىكى ناچار مەزمۇنلارنىڭ زىيانكەشلىكىنى ئۇقتۇرۇش كېرەك.

ئۈچىنچى: قانۇن -  تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

ئىنتېرنېت تورىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار قانۇن - نىزاملار قۇرامىغا يەتمىگەنلەردە قانۇن  - تۈزۈم قارىشىنى يېتىلدۈرۈش، تورغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن ماددىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تور مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە مۇھىم ئەھميەتكە ئىگە. بۇ بىر تەرەپتىن بارلىق تورغا چىققۇچىلارنىڭ تورغا چىقىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن توردىكى ناتوغرا قىلمىشلارغا زەربە بېرىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ناتوغرا ئۇچۇرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىشىدىن ساقلايدۇ.

تۆتىنچى: ئالدىنى ئېلىش بىلەن جازالاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تورخۇمار بولۇپ قېلىشى ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىنىڭ ساغلام بولمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. تورخۇمارلىقتىن جىنايەت يولىغا مېڭىپ قالغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارنى پىسخىكا جەھەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنى خاتالىقىنى تۈزىتىشكە يېتەكلەپ، قايتا جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.  

مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى  

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىنىڭ ئىشەنچى [ 2011-10-27 20:22:31 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئېلىمىز تېررورلۇق توغرىسىدا ئېنىق تەبىر چىقاردى [ 2011-10-27 20:20:48 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ قايسى ئوبيېكتىلىرى قوغد [ 2011-10-27 20:19:27 ]
[باشقا رەسىملەر] توردۇنياسىدىكى چىرايلىق ھۆسىنخەت ۋە شىئىرلاردىن پ [ 2011-10-24 15:48:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] ئورمانلىقتىكى ھايۋانلار-كارتون فىلىم [ 2011-10-13 18:31:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] كارتون فىلىم-كەپسىز كالا [ 2011-10-13 18:26:56 ]
[تارىخى بىلىملەر] ھونلارنىڭ يېزىق ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە دەسلەپكى ئى [ 2011-10-13 18:24:30 ]
[تارىخى بىلىملەر] تۈگمەن بېشىدىكى شېھىت [ 2011-10-13 18:18:30 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەشھۇر ئاياللىرى [ 2011-10-13 18:16:02 ]
[تارىخى بىلىملەر] چاغاتاي دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى [ 2011-10-13 18:11:11 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر