قانداق ئەھۋالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ زەخمىلىنىش ئەھۋالى كىلىپ چىقسا ، مەكتەپ
جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ ؟ 2002– يىل 9– ئاينىڭ 1– كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ، « ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى»نىڭ 10- ماددىسدىن 14-ماددىسىغچە بولغان بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ،تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى تۈپەيلىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ زەخمىلىنىش ئەھۋالى كېلىپ چىقسا، مەكتەپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ : 1. ئوقۇغۇچى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچى ھامىيلىرىنىڭ خاتالىقى تۈپەيلىدىن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسى كېلىپ چىقسا، قانۇن بويىچە مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك: (1) ئوقۇغۇچى قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە، ئىجتىمائىي جامائەت ھەرىكەت ئۆلچىمىگە، مەكتەپنىڭ قائىدە – تۈزۈملىرى ياكى ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان، ئوقۇغۇچىنىڭ يېشى ۋە بىلىش ئىقتىدارى بويىچە خەتەرلىكلىكى ياكى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈش مۇنكىنچىلىكىنى بىلىش كېرەك بولغان ھەرىكەتنى قىلغان بولۇش؛ (2) ئوقۇغۇچىنىڭ ھەرىكىتى خەتەرلىك بولۇپ، مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئاگاھلاندۇرغان، تۈزۈىتىشكە بۇيرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئوقۇغۇچى نەسىھەتنى ئاڭلىمىغان، تۈزىتىشنى رەت قىلغان بولۇش؛ (3)ئوقۇغۇچى ياكى ھامىي بولغۇچى ئوقۇغۇچىنڭ ئالاھىدە تەن تۈزۈلۈشىگە ئىگە ئىكەنلىكى ياكى ئالاھىدە كېسىلى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، مەكتەپتە ئېيتمىغان بولۇش. (4) قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىدا بەدەن ئەھۋالى، ھەرىكىتى، كەيپىياتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئادەتتىن تاشقىرى ئەھۋال بولۇپ، ئۇنى ھامىيسى بىلگەن ياكى مەكتەپ ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن مۇناسىپ ھالدا ھامىيلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولۇش؛ (5) ئوقۇغۇچى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ھامىيسى باشقا خاتالىقلارنى سادىر قىلغان بولۇش. 2. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى پائالىيەتكە قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇرغاندا، مەيدان، ئۈسكۈنە، قاتناش قۇراللىرى، يېمەكلىك ۋە باشقا ئىستېمال مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئەتكەن تىجارەتچىلەر ياكى مەكتەپ سىرتىدىكى پائالىيەتكە تەشكىللىگەنلەرنىڭ خاتالىقى تۈپەيلىدىن، ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسى كېلىپ چىقسا، خاتالىق ئۆتكۈزگەن تەرەپ قانۇن بويىچە مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 3. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى تۈپەيلىدىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ زەخىملىنىش ھادىسىسى كېلىپ چىققان بولۇپ، مەكتەپ مۇناسىپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان ھەمدە ھەرىكىتى مۇۋاپىق بولغان بولسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى بولمايدۇ: (1) يەر تەۋرەش، چاقماق چېقىش، تەيفىڭ بورىنى، كەلكۈن قاتارلىق تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان تەبىئەت ئامىللىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇش؛ (2) مەكتەپ سىرتىدىكى ئۇشتۇمتۇت، تاساددىپىي يۈز بەرگەن ھادىسىلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇش؛ (3) ئوقۇغۇچى ئالاھىدە بەدەن تۈزۈلۈشىگە، ئالاھىدە كېسەلگە ياكى غەيرىي پىسخىك ھالەتكە ئىگە بولۇپ، مەكتەپ بىلمىگەن ياكى بىلىش قىيىن بولغان بولۇش؛ (4) ئوقۇغۇچى ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرۈۋالغان، ئۆزلۈكىدىن يارىلانغان بولۇش؛ (5) قارىشىلىشىش خاراكتېرلىك ياكى خەتەرلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدە تاساددىبىي يارىلانغان بولۇش؛ (6) باشقا كۈتۈلمىگەن ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇش. 4. تۆۋەندىكى ئەھۋال ئاستىدا ي ۈز بەرگەن، ئ وقۇغۇچىلاردا جىسمانىي زىيان ئاقىۋەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھادىسىلەردە مەكتەپنىڭ ھەرىكىتى مۇۋاپىق بولغان بولسا، ھادىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ؛ ھادىسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئالاقىدار قانۇن – نىزاملار ياكى باشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بېكىتىش كېرەك. (1) ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى مەكتەپكە بېرىش، مەكتەپتىن قايتىش، مەكتەپكە يىغىلىش، مەكتەپتىن ئايرىلىش جەريانىدا يۈز بەرگەن ھادىسە؛ (2) ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى سىرتقا چىققان ياكى خالىغانچە مەكتەپتىن ئايرىلغان مەزگىلدە يۈز بەرگەن ھادىسە؛ (3) مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، ھېيت – بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى ياكى تەتىل قاتارلىق مەكتەپنىڭ خىزمەت ۋاقتىدىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى مەكتەپتە قېپقالغان ياكى مەكتەپكە كېلىپ يۈز بەرگەن ھادىسە؛ (4) مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت دائىسىرىدىن سىرتقى ئورۇنلاردا يۈز بەرگەن ھادىسە. 5. مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى ياكى خىزمەتچى خادىملىرى ئۆز ۋەزىپىسىگە مۇناسىۋەتىسز بولغان شەخس ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن ياكى ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى ۋە باشقا شەخىسلەر قەستەن قىلغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەت تۈپەيلىدىن، ئوقۇغۇچىدا جىسمانىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان بولسا، زەخىملەندۈرگەن كىشى قانۇن بويىچە مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
|